المجادلة
Al-Mujaadila
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
قَدۡ سَمِعَ ٱللَّهُ قَوۡلَ ٱلَّتِي تُجَٰدِلُكَ فِي زَوۡجِهَا وَتَشۡتَكِيٓ إِلَى ٱللَّهِ وَٱللَّهُ يَسۡمَعُ تَحَاوُرَكُمَآۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٌ
Open ayah 58:1(ئى پەيغەمبەر!) ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا دەردىنى ئېيتقان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى. ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزلەشكىنىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ٱلَّذِينَ يُظَٰهِرُونَ مِنكُم مِّن نِّسَآئِهِم مَّا هُنَّ أُمَّهَٰتِهِمۡۖ إِنۡ أُمَّهَٰتُهُمۡ إِلَّا ٱلَّٰٓـِٔي وَلَدۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَيَقُولُونَ مُنكَرٗا مِّنَ ٱلۡقَوۡلِ وَزُورٗاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٞ
Open ayah 58:2سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار[127] قىلغانلارنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇلار (زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلغان بولىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
- زىھار ئۈچۈن ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 4 _ ئايىتىگە بەت ئاستىدا بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارالسۇن.
وَٱلَّذِينَ يُظَٰهِرُونَ مِن نِّسَآئِهِمۡ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُواْ فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مِّن قَبۡلِ أَن يَتَمَآسَّاۚ ذَٰلِكُمۡ تُوعَظُونَ بِهِۦۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
Open ayah 58:3ئايالىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن دېگەن سۆزىگە پۇشايمان قىلغانلار ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. سىلەرگە بۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلىنىۋاتىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ شَهۡرَيۡنِ مُتَتَابِعَيۡنِ مِن قَبۡلِ أَن يَتَمَآسَّاۖ فَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ فَإِطۡعَامُ سِتِّينَ مِسۡكِينٗاۚ ذَٰلِكَ لِتُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۗ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
Open ayah 58:4(ئازاد قىلىشقا قۇل) تاپالمىغان ئادەم ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، (روزا تۇتۇشقا) قادىر بولالمىغان ئادەم ئاتمىش پېقىرنى تويغۇزۇشى لازىم. بۇ (ھۆكۈملەر) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىندى). بۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، (بۇنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحَآدُّونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ كُبِتُواْ كَمَا كُبِتَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ وَقَدۡ أَنزَلۡنَآ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖۚ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٞ مُّهِينٞ
Open ayah 58:5شەكسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىققانلار ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار خار قىلىنغاندەك خار قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. كاپىرلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.
يَوۡمَ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓاْۚ أَحۡصَىٰهُ ٱللَّهُ وَنَسُوهُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
Open ayah 58:6ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە _ ئەمەلىگە) خاتىرىلەپ قويغان، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ مَا يَكُونُ مِن نَّجۡوَىٰ ثَلَٰثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمۡ وَلَا خَمۡسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمۡ وَلَآ أَدۡنَىٰ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمۡ أَيۡنَ مَا كَانُواْۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُواْ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
Open ayah 58:7ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسى ئەلۋەتتە ئاللاھتۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسى ئەلۋەتتە ئاللاھتۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئاندىن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ نُهُواْ عَنِ ٱلنَّجۡوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُواْ عَنۡهُ وَيَتَنَٰجَوۡنَ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِۖ وَإِذَا جَآءُوكَ حَيَّوۡكَ بِمَا لَمۡ يُحَيِّكَ بِهِ ٱللَّهُ وَيَقُولُونَ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ لَوۡلَا يُعَذِّبُنَا ٱللَّهُ بِمَا نَقُولُۚ حَسۡبُهُمۡ جَهَنَّمُ يَصۡلَوۡنَهَاۖ فَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 58:8(ئى پەيغەمبەر! يامانلىق ئۈچۈن) پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان ئىشقا قايتىپ، گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان (ساڭا ھالاكەت بولسۇن دېگەندەك) سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئىچىدە: «(ئەگەر ئۇ راست پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا) ئاللاھ بۇ سۆزىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى جازالىماسمىدى؟» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَنَٰجَيۡتُمۡ فَلَا تَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِ وَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
Open ayah 58:9ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر پىچىرلاشساڭلار، گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق، تەقۋالىق ھەققىدە پىچىرلىشىڭلار ۋە سىلەر دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
إِنَّمَا ٱلنَّجۡوَىٰ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ لِيَحۡزُنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَيۡسَ بِضَآرِّهِمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
Open ayah 58:10(گۇناھ، دۈشمەنلىك ۋە ئاسىيلىق توغرىسىدا) پىچىرلىشىش پەقەتلا شەيتاندىن بولۇپ، مۇئمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بولمىسا، (بۇنداق پىچىرلىشىش) مۇئمىنلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قِيلَ لَكُمۡ تَفَسَّحُواْ فِي ٱلۡمَجَٰلِسِ فَٱفۡسَحُواْ يَفۡسَحِ ٱللَّهُ لَكُمۡۖ وَإِذَا قِيلَ ٱنشُزُواْ فَٱنشُزُواْ يَرۡفَعِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ دَرَجَٰتٖۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
Open ayah 58:11ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سورۇنلاردا سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، سىلەر دەرھال ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نَٰجَيۡتُمُ ٱلرَّسُولَ فَقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيۡ نَجۡوَىٰكُمۡ صَدَقَةٗۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ لَّكُمۡ وَأَطۡهَرُۚ فَإِن لَّمۡ تَجِدُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 58:12ئى ئىمان ئېيتقانلار! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، مەخپىي سۆزلىشىشتىن بۇرۇن (يوقسۇللارغا) سەدىقە بېرىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر ۋە ئەڭ پاك ئىشتۇر. ئەگەر (سەدىقە قىلىدىغان بىرەر نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر)، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
ءَأَشۡفَقۡتُمۡ أَن تُقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيۡ نَجۡوَىٰكُمۡ صَدَقَٰتٖۚ فَإِذۡ لَمۡ تَفۡعَلُواْ وَتَابَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 58:13سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقە بېرىش (بىلەن نامرات بولۇپ قېلىش)تىن قورقتۇڭلارمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى (سەدىقە بەرمەسلىككە رۇخسەت قىلدى). شۇڭا، سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
۞أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ تَوَلَّوۡاْ قَوۡمًا غَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مَّا هُم مِّنكُمۡ وَلَا مِنۡهُمۡ وَيَحۡلِفُونَ عَلَى ٱلۡكَذِبِ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 58:14سەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ، ئۇ قەۋمگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ.
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدًاۖ إِنَّهُمۡ سَآءَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 58:15ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ٱتَّخَذُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُمۡ جُنَّةٗ فَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ فَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
Open ayah 58:16ئۇلار (يالغان) قەسەملىرىنى (ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن) قالقان قىلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.
لَّن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔاۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 58:17ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرى، بالىلىرى ئۇلارنى ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قىلچە توسۇپ قالالمايدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
يَوۡمَ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ جَمِيعٗا فَيَحۡلِفُونَ لَهُۥ كَمَا يَحۡلِفُونَ لَكُمۡ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُمۡ عَلَىٰ شَيۡءٍۚ أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ
Open ayah 58:18ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدىغان كۈندە، ئۇلار سىلەرگە (دۇنيادا «بىز مۇسۇلمانمىز» دەپ يالغاندىن) قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقىمۇ قەسەم ئىچىدۇ، بۇ قەسەمنى ئۆزىگە پايدىلىق دەپ ئويلايدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
ٱسۡتَحۡوَذَ عَلَيۡهِمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَأَنسَىٰهُمۡ ذِكۡرَ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ حِزۡبُ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ أَلَآ إِنَّ حِزۡبَ ٱلشَّيۡطَٰنِ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
Open ayah 58:19شەيتان ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇلارغا ئاللاھنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇلدۇردى. ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحَآدُّونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡأَذَلِّينَ
Open ayah 58:20شەكسىزكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلىشىدىغانلار— ئەنە شۇلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدا بولىدۇ.
كَتَبَ ٱللَّهُ لَأَغۡلِبَنَّ أَنَا۠ وَرُسُلِيٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ
Open ayah 58:21ئاللاھ (لەۋھۇلمەھفۇزغا): «مەن چوقۇم غەلىبە قىلىمەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىممۇ چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» دەپ يېزىۋەتكەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
لَّا تَجِدُ قَوۡمٗا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ يُوَآدُّونَ مَنۡ حَآدَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَوۡ كَانُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ أَوۡ أَبۡنَآءَهُمۡ أَوۡ إِخۡوَٰنَهُمۡ أَوۡ عَشِيرَتَهُمۡۚ أُوْلَٰٓئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡإِيمَٰنَ وَأَيَّدَهُم بِرُوحٖ مِّنۡهُۖ وَيُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ رَضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ أُوْلَٰٓئِكَ حِزۡبُ ٱللَّهِۚ أَلَآ إِنَّ حِزۡبَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
Open ayah 58:22ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى — ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى، ياكى قېرىنداشلىرى، ياكى ئۇرۇق _ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ — دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان ياردەم بىلەن ئۇلارنى كۈچلەندۈردى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى چوقۇم مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.