الحشر

Al-Hashr

The Exile · Surah 59 · Ayahs: 24 · Medinan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 59:1

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  2. هُوَ ٱلَّذِيٓ أَخۡرَجَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مِن دِيَٰرِهِمۡ لِأَوَّلِ ٱلۡحَشۡرِۚ مَا ظَنَنتُمۡ أَن يَخۡرُجُواْۖ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُم مَّانِعَتُهُمۡ حُصُونُهُم مِّنَ ٱللَّهِ فَأَتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِنۡ حَيۡثُ لَمۡ يَحۡتَسِبُواْۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلرُّعۡبَۚ يُخۡرِبُونَ بُيُوتَهُم بِأَيۡدِيهِمۡ وَأَيۡدِي ٱلۡمُؤۡمِنِينَ فَٱعۡتَبِرُواْ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ

    Open ayah 59:2

    ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقارغان زاتتۇر، سىلەر ئۇلارنى (مۇنداق ئوڭاي) چىقىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار قورغانلىرىمىز بىزنى ئاللاھ (نىڭ جازاسى)دىن قوغداپ قالالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، (شۇنىڭ بىلەن) ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ۋە مۇئمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزۇپ تاشلىدى، ئى پاراسەت ئىگىلىرى! (بۇنىڭدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار.

  3. وَلَوۡلَآ أَن كَتَبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡجَلَآءَ لَعَذَّبَهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابُ ٱلنَّارِ

    Open ayah 59:3

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا سۈرگۈنلۈكنى پۈتۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنى بۇ دۇنيادا ئازابلايتتى. ئۇلارغا ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى بار.

  4. ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ شَآقُّواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۖ وَمَن يُشَآقِّ ٱللَّهَ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 59:4

    بۇ (سۈرگۈن بىلەن ئازاب) ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى. كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ (ئۇنىڭغا بېرىدىغان) جازاسى قاتتىقتۇر.

  5. مَا قَطَعۡتُم مِّن لِّينَةٍ أَوۡ تَرَكۡتُمُوهَا قَآئِمَةً عَلَىٰٓ أُصُولِهَا فَبِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَلِيُخۡزِيَ ٱلۡفَٰسِقِينَ

    Open ayah 59:5

    (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەرنىڭ خورما دەرەخلىرىدىن قايسىبىرىنى كەسكىنىڭلار ياكى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرغىنىڭلار بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولغاندۇر. (بۇنداق قىلىش) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر.

  6. وَمَآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡهُمۡ فَمَآ أَوۡجَفۡتُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ خَيۡلٖ وَلَا رِكَابٖ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُۥ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

    Open ayah 59:6

    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۇلارنىڭ مال _ مۈلۈكلىرىدىن ئۇرۇشسىز غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى سىلەر ئات _ تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس. لېكىن، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە ھۆكۈمران قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

  7. مَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ كَيۡ لَا يَكُونَ دُولَةَۢ بَيۡنَ ٱلۡأَغۡنِيَآءِ مِنكُمۡۚ وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 59:7

    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە (ھەرقايسى) يۇرت ئاھالىلىرىدىن ئۇرۇشسىز غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن مال _ مۈلۈكلەر ئاللاھنىڭ، پەيغەمبەرنىڭ، پەيغەمبەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ، يېتىملەرنىڭ، يوقسۇللارنىڭ ۋە يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارنىڭ ھەققىدۇر. بۇ (تەقسىمات) پۇل _ مالنىڭ ئاراڭلاردىكى بايلارنىڭ ئارىسىدىلا ئايلىنىپ يۈرمەسلىكى (يوقسۇللارنىڭ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنماسلىقى) ئۈچۈندۇر. پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.

  8. لِلۡفُقَرَآءِ ٱلۡمُهَٰجِرِينَ ٱلَّذِينَ أُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِمۡ وَأَمۡوَٰلِهِمۡ يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٗا وَيَنصُرُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّٰدِقُونَ

    Open ayah 59:8

    (ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) يۇرت _ ماكانلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال _ مۈلۈكىدىن ئايرىلغان، ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى ئىزدەپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدىغان يوقسۇل مۇھاجىرلارنىڭ ھەققىدۇر. ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر.

  9. وَٱلَّذِينَ تَبَوَّءُو ٱلدَّارَ وَٱلۡإِيمَٰنَ مِن قَبۡلِهِمۡ يُحِبُّونَ مَنۡ هَاجَرَ إِلَيۡهِمۡ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمۡ حَاجَةٗ مِّمَّآ أُوتُواْ وَيُؤۡثِرُونَ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ وَلَوۡ كَانَ بِهِمۡ خَصَاصَةٞۚ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفۡسِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

    Open ayah 59:9

    ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىنى ھىجرەت ۋە ئىمان يۇرتى قىلىپ تەييارلىغان (ئەنسار) لار ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن (مۇھاجىر) لارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن كۆڭۈللىرىدە راھەتسىزلىك ھېس قىلمايدۇ ۋە ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇقلۇق (ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار— ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

  10. وَٱلَّذِينَ جَآءُو مِنۢ بَعۡدِهِمۡ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لَنَا وَلِإِخۡوَٰنِنَا ٱلَّذِينَ سَبَقُونَا بِٱلۡإِيمَٰنِ وَلَا تَجۡعَلۡ فِي قُلُوبِنَا غِلّٗا لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ رَبَّنَآ إِنَّكَ رَءُوفٞ رَّحِيمٌ 

    Open ayah 59:10

    ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، ئى رەببىمىز! شەكسىزكى، سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، تولىمۇ مېھرىبانسەن» دەيدۇ.

  11. ۞أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ نَافَقُواْ يَقُولُونَ لِإِخۡوَٰنِهِمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَئِنۡ أُخۡرِجۡتُمۡ لَنَخۡرُجَنَّ مَعَكُمۡ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمۡ أَحَدًا أَبَدٗا وَإِن قُوتِلۡتُمۡ لَنَنصُرَنَّكُمۡ وَٱللَّهُ يَشۡهَدُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ

    Open ayah 59:11

    (ئى پەيغەمبەر!) مۇناپىقلارنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىر دوستلىرىغا: «ئەگەر سىلەر (يۇرتۇڭلاردىن) چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە چىقىپ كېتىمىز، سىلەرگە قارشى ئەسلا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلمايمىز. ئەگەر سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا، بىز چوقۇم سىلەرگە ياردەم قىلىمىز» دېيىشكەنلىكىگە قارىمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار شەكىسىز يالغانچىلاردۇر.

  12. لَئِنۡ أُخۡرِجُواْ لَا يَخۡرُجُونَ مَعَهُمۡ وَلَئِن قُوتِلُواْ لَا يَنصُرُونَهُمۡ وَلَئِن نَّصَرُوهُمۡ لَيُوَلُّنَّ ٱلۡأَدۡبَٰرَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ

    Open ayah 59:12

    ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن (يۇرتىدىن) ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا راست ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، ياردەم بەرگەن تەقدىردىمۇ، چوقۇم ئارقىسىغا قاراپ قاچىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئەھلى كىتاب ياردەمسىز قالىدۇ.

  13. لَأَنتُمۡ أَشَدُّ رَهۡبَةٗ فِي صُدُورِهِم مِّنَ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ

    Open ayah 59:13

    شەكسىزكى، (ئى مۇئمىنلەر!) ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ئاللاھتىن بەكرەك سىلەردىن قورقۇش سىڭىپ كەتكەن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.

  14. لَا يُقَٰتِلُونَكُمۡ جَمِيعًا إِلَّا فِي قُرٗى مُّحَصَّنَةٍ أَوۡ مِن وَرَآءِ جُدُرِۭۚ بَأۡسُهُم بَيۡنَهُمۡ شَدِيدٞۚ تَحۡسَبُهُمۡ جَمِيعٗا وَقُلُوبُهُمۡ شَتَّىٰۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡقِلُونَ

    Open ayah 59:14

    ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم قورغان ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى دۈشمەنلىكى قاتتىقتۇر، سەن ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلاپ قالىسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر.

  15. كَمَثَلِ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ قَرِيبٗاۖ ذَاقُواْ وَبَالَ أَمۡرِهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 59:15

    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆزىدىن ئىلگىرى تېخى يېقىندىلا ئۆتكەن ۋە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى (بەدرى ئۇرۇشىدا) تېتىغان (مەككىلىك مۇشرىك)لارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە ئىنتايىن) قىينىغۇچى ئازاب بار.

  16. كَمَثَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ إِذۡ قَالَ لِلۡإِنسَٰنِ ٱكۡفُرۡ فَلَمَّا كَفَرَ قَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَ رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 59:16

    مۇناپىقلار شەيتانغا ئوخشايدۇ. شەيتان ئۆز ۋاقتىدا ئىنسانغا: «كاپىر بولغىن» دېگەن ئىدى. ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا، شەيتان: «مېنىڭ سەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتىم يوق، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېدى.

  17. فَكَانَ عَٰقِبَتَهُمَآ أَنَّهُمَا فِي ٱلنَّارِ خَٰلِدَيۡنِ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ جَزَٰٓؤُاْ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 59:17

    ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاقىۋىتى بىرلىكتە مەڭگۈلۈك دوزاخقا كىرىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر.

  18. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلۡتَنظُرۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ لِغَدٖۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 59:18

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەتە (قىيامەت) ئۈچۈن نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قاراپ باقسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

  19. وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ نَسُواْ ٱللَّهَ فَأَنسَىٰهُمۡ أَنفُسَهُمۡۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ

    Open ayah 59:19

    سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.

  20. لَا يَسۡتَوِيٓ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۚ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ 

    Open ayah 59:20

    دوزاخ ئەھلى بىلەن جەننەت ئەھلى باراۋەر بولمايدۇ، جەننەت ئەھلى بولسا مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.

  21. لَوۡ أَنزَلۡنَا هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ عَلَىٰ جَبَلٖ لَّرَأَيۡتَهُۥ خَٰشِعٗا مُّتَصَدِّعٗا مِّنۡ خَشۡيَةِ ٱللَّهِۚ وَتِلۡكَ ٱلۡأَمۡثَٰلُ نَضۡرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ

    Open ayah 59:21

    ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلغان بولساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا تەپەككۇر قىلسۇن دەپ بايان قىلىۋاتىمىز.

  22. هُوَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِۖ هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلرَّحِيمُ

    Open ayah 59:22

    ئۇ (شۇنداق) ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى مېھرىباندۇر، تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر.

  23. هُوَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡقُدُّوسُ ٱلسَّلَٰمُ ٱلۡمُؤۡمِنُ ٱلۡمُهَيۡمِنُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡجَبَّارُ ٱلۡمُتَكَبِّرُۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

    Open ayah 59:23

    ئۇ (شۇنداق) ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر. (بارلىق نۇقساندىن) پاكتۇر، سالامەتلىك بەرگۈچىدۇر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگۈچىدۇر، (ھەممىنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر. ئاللاھ (مۇشرىكلار) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاكتۇر.

  24. هُوَ ٱللَّهُ ٱلۡخَٰلِقُ ٱلۡبَارِئُ ٱلۡمُصَوِّرُۖ لَهُ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ يُسَبِّحُ لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 59:24

    ئۇ (ھەممىنى) ياراتقۇچى، يوقتىن پەيدا قىلغۇچى، (ھەممە نەرسىگە) شەكىل بەرگۈچى ئاللاھتۇر، ئۇنىڭ ئەڭ چىرايلىق ئىسىملىرى باردۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.