الممتحنة
Al-Mumtahana
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمۡ أَوۡلِيَآءَ تُلۡقُونَ إِلَيۡهِم بِٱلۡمَوَدَّةِ وَقَدۡ كَفَرُواْ بِمَا جَآءَكُم مِّنَ ٱلۡحَقِّ يُخۡرِجُونَ ٱلرَّسُولَ وَإِيَّاكُمۡ أَن تُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ رَبِّكُمۡ إِن كُنتُمۡ خَرَجۡتُمۡ جِهَٰدٗا فِي سَبِيلِي وَٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِيۚ تُسِرُّونَ إِلَيۡهِم بِٱلۡمَوَدَّةِ وَأَنَا۠ أَعۡلَمُ بِمَآ أَخۡفَيۡتُمۡ وَمَآ أَعۡلَنتُمۡۚ وَمَن يَفۡعَلۡهُ مِنكُمۡ فَقَدۡ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
Open ayah 60:1ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى، سىلەر رەببىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. (شۇنداق تۇرسىمۇ يەنىلا) سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان ئىشلىرىڭلارنى تولۇق بىلىپ تۇرىمەن. سىلەردىن كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
إِن يَثۡقَفُوكُمۡ يَكُونُواْ لَكُمۡ أَعۡدَآءٗ وَيَبۡسُطُوٓاْ إِلَيۡكُمۡ أَيۡدِيَهُمۡ وَأَلۡسِنَتَهُم بِٱلسُّوٓءِ وَوَدُّواْ لَوۡ تَكۡفُرُونَ
Open ayah 60:2ئەگەر ئۇلار سىلەرنى قولغا چۈشۈرسە، سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە قوللىرىنى، تىللىرىنى يامانلىق بىلەن ئۇزىتىدۇ، سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
لَن تَنفَعَكُمۡ أَرۡحَامُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُمۡۚ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَفۡصِلُ بَيۡنَكُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
Open ayah 60:3قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئايرىۋېتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
قَدۡ كَانَتۡ لَكُمۡ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ فِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ إِذۡ قَالُواْ لِقَوۡمِهِمۡ إِنَّا بُرَءَٰٓؤُاْ مِنكُمۡ وَمِمَّا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ كَفَرۡنَا بِكُمۡ وَبَدَا بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةُ وَٱلۡبَغۡضَآءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَحۡدَهُۥٓ إِلَّا قَوۡلَ إِبۡرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسۡتَغۡفِرَنَّ لَكَ وَمَآ أَمۡلِكُ لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۖ رَّبَّنَا عَلَيۡكَ تَوَكَّلۡنَا وَإِلَيۡكَ أَنَبۡنَا وَإِلَيۡكَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 60:4ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن گۈزەل ئۈلگە بار. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆز قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئادا-جۇدامىز، بىز سىلەرنى (ۋە چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنى) ئىنكار قىلدۇق. تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا مەڭگۈلۈك ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك باش كۆتۈرىدۇ» دېگەن ئىدى. لېكىن، ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان: «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھتىن كېلىدىغان (ئازابتىن) ھېچ نەرسىنى سەندىن توسۇپ قالالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار مۇنداق دۇئا قىلدى): «ئى رەببىمىز! ساڭىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭىلا يۈزلەندۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.
رَبَّنَا لَا تَجۡعَلۡنَا فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ وَٱغۡفِرۡ لَنَا رَبَّنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 60:5ئى رەببىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن، ئى رەببىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن. شەكسىزكى، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
لَقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِيهِمۡ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَۚ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
Open ayah 60:6(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ھەقىقەتەن ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەردە سىلەرگە — ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار. كىمكى (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىڭلار، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتۇڭلار دېگەن ئەمرىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) موھتاج ئەمەستۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
۞عَسَى ٱللَّهُ أَن يَجۡعَلَ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَ ٱلَّذِينَ عَادَيۡتُم مِّنۡهُم مَّوَدَّةٗۚ وَٱللَّهُ قَدِيرٞۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 60:7ئاللاھ سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىلەر دۈشمەنلەشكەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
لَّا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَلَمۡ يُخۡرِجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ أَن تَبَرُّوهُمۡ وَتُقۡسِطُوٓاْ إِلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ
Open ayah 60:8ئاللاھ سىلەرنى (كاپىرلاردىن) سىلەر بىلەن دىن توغرىسىدا ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ۋە ئادالەتلىك بولۇشتىن توسمايدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
إِنَّمَا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَٰتَلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَأَخۡرَجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ وَظَٰهَرُواْ عَلَىٰٓ إِخۡرَاجِكُمۡ أَن تَوَلَّوۡهُمۡۚ وَمَن يَتَوَلَّهُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 60:9پەقەت ئاللاھ سىلەرنى دىن خۇسۇسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا جَآءَكُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ مُهَٰجِرَٰتٖ فَٱمۡتَحِنُوهُنَّۖ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِإِيمَٰنِهِنَّۖ فَإِنۡ عَلِمۡتُمُوهُنَّ مُؤۡمِنَٰتٖ فَلَا تَرۡجِعُوهُنَّ إِلَى ٱلۡكُفَّارِۖ لَا هُنَّ حِلّٞ لَّهُمۡ وَلَا هُمۡ يَحِلُّونَ لَهُنَّۖ وَءَاتُوهُم مَّآ أَنفَقُواْۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ أَن تَنكِحُوهُنَّ إِذَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّۚ وَلَا تُمۡسِكُواْ بِعِصَمِ ٱلۡكَوَافِرِ وَسۡـَٔلُواْ مَآ أَنفَقۡتُمۡ وَلۡيَسۡـَٔلُواْ مَآ أَنفَقُواْۚ ذَٰلِكُمۡ حُكۡمُ ٱللَّهِ يَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡۖ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 60:10ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇئمىن ئاياللار سىلەر تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى (ئىمانى خۇسۇسىدا) سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقىي مۇئمىن دەپ بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، (كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) تويلۇقىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار، (شۇنىڭدىن كېيىن) ئۇلارنىڭ مەھرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، ئۇ كاپىرلارمۇ (سىلەر تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇئمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىنى تەلەپ قىلسۇن، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ ئاراڭلاردا (شۇنداق) ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَإِن فَاتَكُمۡ شَيۡءٞ مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُمۡ إِلَى ٱلۡكُفَّارِ فَعَاقَبۡتُمۡ فَـَٔاتُواْ ٱلَّذِينَ ذَهَبَتۡ أَزۡوَٰجُهُم مِّثۡلَ مَآ أَنفَقُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ
Open ayah 60:11ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بەزى ئاياللار (دىندىن يېنىۋېلىپ) كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، (ئۇ كاپىرلار مەزكۇر ئاياللارغا سىلەر بۇرۇن بەرگەن مەھرىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بەرمىسە)، سىلەر (كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ) غەنىيمەت ئالغان چېغىڭلاردا، ئايالى كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەرگە (غەنىيمەتتىن) ئۇلار بەرگەن مەھرىگە تەڭ مىقداردا بىر نەرسە بېرىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا جَآءَكَ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ يُبَايِعۡنَكَ عَلَىٰٓ أَن لَّا يُشۡرِكۡنَ بِٱللَّهِ شَيۡـٔٗا وَلَا يَسۡرِقۡنَ وَلَا يَزۡنِينَ وَلَا يَقۡتُلۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ وَلَا يَأۡتِينَ بِبُهۡتَٰنٖ يَفۡتَرِينَهُۥ بَيۡنَ أَيۡدِيهِنَّ وَأَرۡجُلِهِنَّ وَلَا يَعۡصِينَكَ فِي مَعۡرُوفٖ فَبَايِعۡهُنَّ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُنَّ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 60:12ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئاياللار سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، (نومۇستىن ياكى يوقسۇللۇقتىن قورقۇپ) بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلاردىن تۇغقان بالىنى يالغاندىن ئېرىنىڭ بالىسى دەۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَوَلَّوۡاْ قَوۡمًا غَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ قَدۡ يَئِسُواْ مِنَ ٱلۡأٓخِرَةِ كَمَا يَئِسَ ٱلۡكُفَّارُ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡقُبُورِ
Open ayah 60:13ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلاركى، ئۇلار ئاخىرەتتىن خۇددى كاپىرلار قەبرىلەردىكى (ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىدىن) ئۈمىد ئۈزگەندەك ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردۇر.