الصف
As-Saff
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 61:1ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى (بارلىق) نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفۡعَلُونَ
Open ayah 61:2ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دەيسىلەر؟
كَبُرَ مَقۡتًا عِندَ ٱللَّهِ أَن تَقُولُواْ مَا لَا تَفۡعَلُونَ
Open ayah 61:3سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمىدېگەن ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىش!
إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِهِۦ صَفّٗا كَأَنَّهُم بُنۡيَٰنٞ مَّرۡصُوصٞ
Open ayah 61:4شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ لِمَ تُؤۡذُونَنِي وَقَد تَّعۡلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡۖ فَلَمَّا زَاغُوٓاْ أَزَاغَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمۡۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
Open ayah 61:5ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئەۋەتكەن) پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، سىلەر نېمىشقا ماڭا ئازار بېرىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئاندىن ئۇلار (ھەقىقەتتىن) چەتنەپ كېتىۋىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ھىدايەتتىن) بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ (بۇنداق) پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
وَإِذۡ قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُم مُّصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيَّ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَمُبَشِّرَۢا بِرَسُولٖ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِي ٱسۡمُهُۥٓ أَحۡمَدُۖ فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
Open ayah 61:6ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبىرىمەن» دېگەن ئىدى. ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۇلارغا روشەن ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُوَ يُدۡعَىٰٓ إِلَى ٱلۡإِسۡلَٰمِۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 61:7ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ (كۇفرىنى تاللاپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
يُرِيدُونَ لِيُطۡفِـُٔواْ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَٱللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
Open ayah 61:8ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى (يەنى ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئاننى يالغان گەپلىرى بىلەن بىكار قىلىۋەتمەكچى) بولىدۇ. ئاللاھ بولسا كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى تاماملىغۇچىدۇر.
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُشۡرِكُونَ
Open ayah 61:9ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ يامان كۆرگىنىگە قارىماي، ھەق دىننى بارلىق دىنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن، ئۆز پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن زاتتۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ تِجَٰرَةٖ تُنجِيكُم مِّنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
Open ayah 61:10ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنى قىينىغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان بىر تىجارەتكە باشلاپ قويايمۇ؟
تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُجَٰهِدُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 61:11ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن دىلىڭلاردىن) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
يَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡ وَيُدۡخِلۡكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَمَسَٰكِنَ طَيِّبَةٗ فِي جَنَّٰتِ عَدۡنٖۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 61:12(ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ) سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ). بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
وَأُخۡرَىٰ تُحِبُّونَهَاۖ نَصۡرٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَتۡحٞ قَرِيبٞۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 61:13(سىلەرگە) سىلەر ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر نېمەت بار، ئۇ ئاللاھتىن (سىلەرگە) كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن بىر فەتھىدۇر. (ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەرگە (دۇنيادا غەلىبە ۋە ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُوٓاْ أَنصَارَ ٱللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ لِلۡحَوَارِيِّـۧنَ مَنۡ أَنصَارِيٓ إِلَى ٱللَّهِۖ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ نَحۡنُ أَنصَارُ ٱللَّهِۖ فَـَٔامَنَت طَّآئِفَةٞ مِّنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَكَفَرَت طَّآئِفَةٞۖ فَأَيَّدۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ عَلَىٰ عَدُوِّهِمۡ فَأَصۡبَحُواْ ظَٰهِرِينَ
Open ayah 61:14ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ھاۋارىيلار (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپ ئەگەشكەن كىشىلەر)دەك ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ياردەمچىلىرى بولۇڭلار. مەريەم ئوغلى ئىيسا ھاۋارىيلارغا: «ئاللاھقا (دەۋەت قىلىشتا) مېنىڭ ياردەمچىلىرىم كىملەر؟» دېگەندە، ھاۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ياردەمچىلىرىدۇرمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر بۆلىكى ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر بۆلىكى كاپىر بولدى. ئاندىن ئىمان ئېيتقانلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈچلەندۈردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب بولدى.