الجمعة
Al-Jumu'a
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡمَلِكِ ٱلۡقُدُّوسِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ
Open ayah 62:1ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنىدىكى نەرسىلەر (مۇتلەق) پادىشاھ، (نۇقسانلاردىن) پاك، غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
هُوَ ٱلَّذِي بَعَثَ فِي ٱلۡأُمِّيِّـۧنَ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمۡ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلُ لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 62:2ئاللاھ ساۋاتسىزلارغا (ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا (قۇرئان) ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى (بۇزۇق ئەقىدە ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا قۇرئاننى ۋە ھېكمەت (ھەدىس)نى ئۆگىتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن زاتتۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
وَءَاخَرِينَ مِنۡهُمۡ لَمَّا يَلۡحَقُواْ بِهِمۡۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 62:3ھەمدە (پەيغەمبەرنى) ئۇلارنىڭ زامانىسىدا تېخى بولمىغان (ئۇلاردىن كېيىن تا قىيامەتكىچە كېلىدىغان) باشقا قەۋملەرگىمۇ (ئەۋەتكەن زاتتۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 62:4مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.
مَثَلُ ٱلَّذِينَ حُمِّلُواْ ٱلتَّوۡرَىٰةَ ثُمَّ لَمۡ يَحۡمِلُوهَا كَمَثَلِ ٱلۡحِمَارِ يَحۡمِلُ أَسۡفَارَۢاۚ بِئۡسَ مَثَلُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 62:5تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان بۇ قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ هَادُوٓاْ إِن زَعَمۡتُمۡ أَنَّكُمۡ أَوۡلِيَآءُ لِلَّهِ مِن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُاْ ٱلۡمَوۡتَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 62:6(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ قارايدىغان بولساڭلار ھەمدە (بۇنىڭدا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار».
وَلَا يَتَمَنَّوۡنَهُۥٓ أَبَدَۢا بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 62:7ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
قُلۡ إِنَّ ٱلۡمَوۡتَ ٱلَّذِي تَفِرُّونَ مِنۡهُ فَإِنَّهُۥ مُلَٰقِيكُمۡۖ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 62:8ئېيتقىنكى، «(ئى يەھۇدىيلار!) سىلەر قېچىۋاتقان بۇ ئۆلۈم چوقۇم سىلەرنى تاپىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. شۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىدۇ».
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَوٰةِ مِن يَوۡمِ ٱلۡجُمُعَةِ فَٱسۡعَوۡاْ إِلَىٰ ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَذَرُواْ ٱلۡبَيۡعَۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 62:9ئى ئىمان ئېيتقانلار! جۈمە كۈنى نامازغا (جۈمەگە) ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا) دەرھال بېرىڭلار، ئېلىم _ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇنداق قىلغىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.
فَإِذَا قُضِيَتِ ٱلصَّلَوٰةُ فَٱنتَشِرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
Open ayah 62:10ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىپ (تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار.
وَإِذَا رَأَوۡاْ تِجَٰرَةً أَوۡ لَهۡوًا ٱنفَضُّوٓاْ إِلَيۡهَا وَتَرَكُوكَ قَآئِمٗاۚ قُلۡ مَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ مِّنَ ٱللَّهۡوِ وَمِنَ ٱلتِّجَٰرَةِۚ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
Open ayah 62:11(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشىنى كۆرۈپ قالسا، سېنى ئۆرە تۇرغان (يەنى خۇتبە ئوقۇۋاتقان) ھالىتىڭدە تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ كېتىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى (مۇكاپات ۋە نېمەت)لەر تاماشىدىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».