المنافقون
Al-Munaafiqoon
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِذَا جَآءَكَ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ قَالُواْ نَشۡهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُۥ وَٱللَّهُ يَشۡهَدُ إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَكَٰذِبُونَ
Open ayah 63:1(ئى پەيغەمبەر!) مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ سېنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ (گۇۋاھلىق بېرىمىز، دېگەن سۆزىدە) چوقۇم يالغانچىلار ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ٱتَّخَذُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُمۡ جُنَّةٗ فَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِنَّهُمۡ سَآءَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 63:2ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَفۡقَهُونَ
Open ayah 63:3بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى، شۇڭا ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەيدۇ.
۞وَإِذَا رَأَيۡتَهُمۡ تُعۡجِبُكَ أَجۡسَامُهُمۡۖ وَإِن يَقُولُواْ تَسۡمَعۡ لِقَوۡلِهِمۡۖ كَأَنَّهُمۡ خُشُبٞ مُّسَنَّدَةٞۖ يَحۡسَبُونَ كُلَّ صَيۡحَةٍ عَلَيۡهِمۡۚ هُمُ ٱلۡعَدُوُّ فَٱحۡذَرۡهُمۡۚ قَٰتَلَهُمُ ٱللَّهُۖ أَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
Open ayah 63:4(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قالىسەن، (دىلىنىڭ ئىماندىن خالىيلىقىدا) ئۇلار گويا تامغا يۆلەپ قويۇلغان قۇرۇق ياغاچلارنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان زىيانلىق ئاۋاز دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ھەقىقىي دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقلارچە (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ يَسۡتَغۡفِرۡ لَكُمۡ رَسُولُ ٱللَّهِ لَوَّوۡاْ رُءُوسَهُمۡ وَرَأَيۡتَهُمۡ يَصُدُّونَ وَهُم مُّسۡتَكۡبِرُونَ
Open ayah 63:5ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلسە، ئۇلار باشلىرىنى چايقايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلىپ (سەندىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
سَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ أَسۡتَغۡفَرۡتَ لَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تَسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ لَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
Open ayah 63:6ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، قىلمىساڭمۇ، بەرىبىر ئوخشاش. ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ (دىندىن چىققان) پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
هُمُ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنفِقُواْ عَلَىٰ مَنۡ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ حَتَّىٰ يَنفَضُّواْۗ وَلِلَّهِ خَزَآئِنُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَا يَفۡقَهُونَ
Open ayah 63:7ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، ئۇلار تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. لېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) چۈشەنمەيدۇ.
يَقُولُونَ لَئِن رَّجَعۡنَآ إِلَى ٱلۡمَدِينَةِ لَيُخۡرِجَنَّ ٱلۡأَعَزُّ مِنۡهَا ٱلۡأَذَلَّۚ وَلِلَّهِ ٱلۡعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِۦ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَٰكِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 63:8ئۇلار: «بىز مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز بولغان (پىرقە) ئەڭ خار بولغان (پىرقە)نى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ» (يەنى بىز مۇسۇلمانلارنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىمىز) دېيىشىدۇ. ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر، لېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) بىلمەيدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُلۡهِكُمۡ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
Open ayah 63:9ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
وَأَنفِقُواْ مِن مَّا رَزَقۡنَٰكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوۡلَآ أَخَّرۡتَنِيٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 63:10سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىۋالسام ۋە سالىھلاردىن بولۇۋالسام» دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەنلىرىمىزدىن بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىڭلار.
وَلَن يُؤَخِّرَ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِذَا جَآءَ أَجَلُهَاۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 63:11ئاللاھ ھېچكىمنى ئەجىلى كەلگەندە كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.