التغابن
At-Taghaabun
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ لَهُ ٱلۡمُلۡكُ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 64:1ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ فَمِنكُمۡ كَافِرٞ وَمِنكُم مُّؤۡمِنٞۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
Open ayah 64:2ئاللاھ سىلەرنى (يوقتىن) ياراتقان زاتتۇر. (شۇنداق تۇرۇقلۇق) ئاراڭلاردا كاپىر بولغۇچى بار ۋە مۇئمىن بولغۇچىمۇ بار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّ وَصَوَّرَكُمۡ فَأَحۡسَنَ صُوَرَكُمۡۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 64:3ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدى، شەكلىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، قايتىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
Open ayah 64:4ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَبۡلُ فَذَاقُواْ وَبَالَ أَمۡرِهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 64:5سىلەرگە بۇرۇنقىلاردىن كاپىر بولۇپ، قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قىينىغۇچى ئازاب بار.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُۥ كَانَت تَّأۡتِيهِمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالُوٓاْ أَبَشَرٞ يَهۡدُونَنَا فَكَفَرُواْ وَتَوَلَّواْۖ وَّٱسۡتَغۡنَى ٱللَّهُۚ وَٱللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٞ
Open ayah 64:6بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بىزگە (ئۆزىمىزگە ئوخشاش) بىر ئىنسان يول كۆرسىتەمدىكەن؟» دەپ، (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى، (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئىمانىغا) موھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەلەنگۈچىدۇر.
زَعَمَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَن لَّن يُبۡعَثُواْۚ قُلۡ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبۡعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلۡتُمۡۚ وَذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
Open ayah 64:7كاپىرلار بىز ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ ئويلىدى، (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا): «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، رەببىمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن چوقۇم خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر» دېگىن.
فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلنُّورِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلۡنَاۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
Open ayah 64:8سىلەر ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇر (قۇرئان)غا ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
يَوۡمَ يَجۡمَعُكُمۡ لِيَوۡمِ ٱلۡجَمۡعِۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلتَّغَابُنِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 64:9ئاللاھ ھەممىنى توپلايدىغان قىيامەت كۈنى سىلەرنىمۇ توپلايدۇ، بۇ (كاپىرلار) زىيان تارتىدىغان كۈندۇر. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 64:10(ئاللاھنى) ئىنكار قىلغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ يَهۡدِ قَلۡبَهُۥۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
Open ayah 64:11(كىشىگە) يەتكەن ھەرقانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەنلا يېتىدۇ، كىمكى ئاللاھقا (ئۇنىڭ تەقدىرىگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى(سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَۚ فَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 64:12ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر (بۇنىڭدىن) باش تارتساڭلار (پەيغەمبەرگە قىلچە زىيان يوق)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا دىننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر.
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
Open ayah 64:13ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ مِنۡ أَزۡوَٰجِكُمۡ وَأَوۡلَٰدِكُمۡ عَدُوّٗا لَّكُمۡ فَٱحۡذَرُوهُمۡۚ وَإِن تَعۡفُواْ وَتَصۡفَحُواْ وَتَغۡفِرُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 64:14ئى ئىمان ئېيتقانلار! شەكسىزكى، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئىچىدە سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار. شۇڭا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ياپساڭلار، كەچۈرسەڭلار (ئاللاھمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ). شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞۚ وَٱللَّهُ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ
Open ayah 64:15سىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار (سىلەر ئۈچۈن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، (بۇ سىناقتىن ئۆتكەنلەرگە) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپات بار.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُمۡ وَٱسۡمَعُواْ وَأَطِيعُواْ وَأَنفِقُواْ خَيۡرٗا لِّأَنفُسِكُمۡۗ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفۡسِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
Open ayah 64:16شۇڭا سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ئۇنىڭ ئۈگۈتلىرىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) پايدىسى ئۈچۈن پۇل _ مال سەرپ قىلىڭلار. كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
إِن تُقۡرِضُواْ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا يُضَٰعِفۡهُ لَكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
Open ayah 64:17ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار (يەنى پۇل _ مېلىڭلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ، (گۇناھىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 64:18ئاللاھ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.