الطلاق
At-Talaaq
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحۡصُواْ ٱلۡعِدَّةَۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ رَبَّكُمۡۖ لَا تُخۡرِجُوهُنَّ مِنۢ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخۡرُجۡنَ إِلَّآ أَن يَأۡتِينَ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖۚ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَقَدۡ ظَلَمَ نَفۡسَهُۥۚ لَا تَدۡرِي لَعَلَّ ٱللَّهَ يُحۡدِثُ بَعۡدَ ذَٰلِكَ أَمۡرٗا
Open ayah 65:1ئى پەيغەمبەر! (سەن ۋە مۇئمىنلەر) ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنى ئىددەت[128] تۇتۇشىغا قولايلىق پەيتتە (يەنى ھەيزدىن پاكلىنىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىگەن ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار ھەمدە ئىددەت ۋاقتىنى ئوبدان ھېسابلاڭلار، رەببىڭلار بولغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئۇلار ئوپئوچۇق پاھىشە قىلىپ قويمىغانلا بولسا، ئۇلارنى (ئىددىتى توشمىغۇچە) ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقىپ كەتمىسۇن، مانا بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چىقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. (ئى تالاق قىلغۇچى!) بىلمەيسەنكى، بەلكى ئاللاھ شۇنىڭدىن (يەنى تالاقتىن) كېيىن بىرەر ئىشنى (يەنى تالاق قىلغانلىقىڭغا پۇشايمان قىلىپ، ئايالىڭنى قايتۇرۇۋېلىشىڭنى) مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
- ئىددەت _ ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن كۈتىدىغان مۇددەتتۇر.
فَإِذَا بَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمۡسِكُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ فَارِقُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٖ وَأَشۡهِدُواْ ذَوَيۡ عَدۡلٖ مِّنكُمۡ وَأَقِيمُواْ ٱلشَّهَٰدَةَ لِلَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مَخۡرَجٗا
Open ayah 65:2ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دېگەندە، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ قېلىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كېتىڭلار، (يېنىشقان ياكى ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئادالەتلىك ئىككى ئادەمنى گۇۋاھ قىلىڭلار، (ئى گۇۋاھ بولغۇچىلار!) گۇۋاھلىقنى (خالىس) ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىڭلار. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە بۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسە ئۈچۈن (مۇئەييەن) ئۆلچەم بەلگىلىدى. [2 _ 3]
وَيَرۡزُقۡهُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَحۡتَسِبُۚ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَهُوَ حَسۡبُهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَٰلِغُ أَمۡرِهِۦۚ قَدۡ جَعَلَ ٱللَّهُ لِكُلِّ شَيۡءٖ قَدۡرٗا
Open ayah 65:3ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دېگەندە، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ قېلىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كېتىڭلار، (يېنىشقان ياكى ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئادالەتلىك ئىككى ئادەمنى گۇۋاھ قىلىڭلار، (ئى گۇۋاھ بولغۇچىلار!) گۇۋاھلىقنى (خالىس) ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىڭلار. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە بۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسە ئۈچۈن (مۇئەييەن) ئۆلچەم بەلگىلىدى. [2 _ 3]
وَٱلَّٰٓـِٔي يَئِسۡنَ مِنَ ٱلۡمَحِيضِ مِن نِّسَآئِكُمۡ إِنِ ٱرۡتَبۡتُمۡ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَٰثَةُ أَشۡهُرٖ وَٱلَّٰٓـِٔي لَمۡ يَحِضۡنَۚ وَأُوْلَٰتُ ٱلۡأَحۡمَالِ أَجَلُهُنَّ أَن يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مِنۡ أَمۡرِهِۦ يُسۡرٗا
Open ayah 65:4ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن توختاپ قالغانلارنىڭ ئىددىتى توغرۇلۇق شەك قىلىپ قالساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر، تېخى ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭمۇ (ئۈچ ئايدۇر). ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
ذَٰلِكَ أَمۡرُ ٱللَّهِ أَنزَلَهُۥٓ إِلَيۡكُمۡۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُعۡظِمۡ لَهُۥٓ أَجۡرًا
Open ayah 65:5(ئى ئىنسانلار!) ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن ئەمرىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ.
أَسۡكِنُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ سَكَنتُم مِّن وُجۡدِكُمۡ وَلَا تُضَآرُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُواْ عَلَيۡهِنَّۚ وَإِن كُنَّ أُوْلَٰتِ حَمۡلٖ فَأَنفِقُواْ عَلَيۡهِنَّ حَتَّىٰ يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ فَإِنۡ أَرۡضَعۡنَ لَكُمۡ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَأۡتَمِرُواْ بَيۡنَكُم بِمَعۡرُوفٖۖ وَإِن تَعَاسَرۡتُمۡ فَسَتُرۡضِعُ لَهُۥٓ أُخۡرَىٰ
Open ayah 65:6ئۇلارنى (يەنى تالاق قىلىنغان ئاياللارنى ئىددەت تۇتۇۋاتقان مۇددىتى ئىچىدە) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان ئۆيلەرنىڭ بىر قىسمىدا تۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش (ئارقىلىق كېتىشكە مەجبۇرلاش) ئۈچۈن، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەڭلار، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى نەپىقە بىلەن تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار، (بۇ خۇسۇستا) توغرا يوسۇندا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگەر كېلىشەلمىسەڭلار، ئاتا ئۈچۈن (بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتىپ بېرىدۇ.
لِيُنفِقۡ ذُو سَعَةٖ مِّن سَعَتِهِۦۖ وَمَن قُدِرَ عَلَيۡهِ رِزۡقُهُۥ فَلۡيُنفِقۡ مِمَّآ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُۚ لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا مَآ ءَاتَىٰهَاۚ سَيَجۡعَلُ ٱللَّهُ بَعۡدَ عُسۡرٖ يُسۡرٗا
Open ayah 65:7ماددىي ئىمكانىيىتى ياخشى ئادەم (بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ۋە ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالىنى) شۇ ئىمكانىيىتىگە يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئۇزاققا قالماي ئاسانلىقنى بېرىدۇ.
وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ عَتَتۡ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِۦ فَحَاسَبۡنَٰهَا حِسَابٗا شَدِيدٗا وَعَذَّبۡنَٰهَا عَذَابٗا نُّكۡرٗا
Open ayah 65:8كۆپلىگەن يۇرتلارنىڭ (ئاھالىلىرى) رەببىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق.
فَذَاقَتۡ وَبَالَ أَمۡرِهَا وَكَانَ عَٰقِبَةُ أَمۡرِهَا خُسۡرًا
Open ayah 65:9ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى.
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدٗاۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ قَدۡ أَنزَلَ ٱللَّهُ إِلَيۡكُمۡ ذِكۡرٗا
Open ayah 65:10ئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) يەنە قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، شۇڭا ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق بېرىدۇ. [10 _ 11]
رَّسُولٗا يَتۡلُواْ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ مُبَيِّنَٰتٖ لِّيُخۡرِجَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۚ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ قَدۡ أَحۡسَنَ ٱللَّهُ لَهُۥ رِزۡقًا
Open ayah 65:11ئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) يەنە قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، شۇڭا ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق بېرىدۇ. [10 _ 11]
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ وَمِنَ ٱلۡأَرۡضِ مِثۡلَهُنَّۖ يَتَنَزَّلُ ٱلۡأَمۡرُ بَيۡنَهُنَّ لِتَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ قَدۡ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عِلۡمَۢا
Open ayah 65:12ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ۋە زېمىندىنمۇ ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى ياراتقان زاتتۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.