التحريم
At-Tahrim
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكَۖ تَبۡتَغِي مَرۡضَاتَ أَزۡوَٰجِكَۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 66:1ئى پەيغەمبەر! سەن نېمە ئۈچۈن ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىدىن ئۆزۈڭنى چەكلەيسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
قَدۡ فَرَضَ ٱللَّهُ لَكُمۡ تَحِلَّةَ أَيۡمَٰنِكُمۡۚ وَٱللَّهُ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 66:2ئاللاھ سىلەرگە (ياخشى ئىشتىن توسىدىغان) قەسىمىڭلاردىن (كاپارەت بېرىپ) چىقىپ كېتىشنى بەلگىلىدى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَإِذۡ أَسَرَّ ٱلنَّبِيُّ إِلَىٰ بَعۡضِ أَزۡوَٰجِهِۦ حَدِيثٗا فَلَمَّا نَبَّأَتۡ بِهِۦ وَأَظۡهَرَهُ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ عَرَّفَ بَعۡضَهُۥ وَأَعۡرَضَ عَنۢ بَعۡضٖۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِۦ قَالَتۡ مَنۡ أَنۢبَأَكَ هَٰذَاۖ قَالَ نَبَّأَنِيَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡخَبِيرُ
Open ayah 66:3ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى (ھەفسە)گە بىر سىرنى ئېيتقان ئىدى، ئۇ بۇ سىرنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ ئۇنى (يەنى سىرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، پەيغەمبەر ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى (ھەفسەنىڭ) يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى.
إِن تَتُوبَآ إِلَى ٱللَّهِ فَقَدۡ صَغَتۡ قُلُوبُكُمَاۖ وَإِن تَظَٰهَرَا عَلَيۡهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ مَوۡلَىٰهُ وَجِبۡرِيلُ وَصَٰلِحُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ بَعۡدَ ذَٰلِكَ ظَهِيرٌ
Open ayah 66:4ئەگەر (ئائىشە بىلەن ھەفسە) ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار (بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر). چۈنكى، سىلەرنىڭ دىلىڭلار (پەيغەمبەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا) بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر بىرلىشىپ پەيغەمبەرگە تاقابىل تۇرساڭلار، شەكسىزكى، ئۇنىڭ مەدەتكارى ئاللاھتۇر، جىبرىلمۇ، مۇئمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر، ئۇلاردىن باشقا، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر.
عَسَىٰ رَبُّهُۥٓ إِن طَلَّقَكُنَّ أَن يُبۡدِلَهُۥٓ أَزۡوَٰجًا خَيۡرٗا مِّنكُنَّ مُسۡلِمَٰتٖ مُّؤۡمِنَٰتٖ قَٰنِتَٰتٖ تَٰٓئِبَٰتٍ عَٰبِدَٰتٖ سَٰٓئِحَٰتٖ ثَيِّبَٰتٖ وَأَبۡكَارٗا
Open ayah 66:5ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى (سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا) سىلەردىن ياخشى، بويسۇنغۇچى، ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، ئاللاھ يولىدا سەپەر قىلغۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَأَهۡلِيكُمۡ نَارٗا وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلۡحِجَارَةُ عَلَيۡهَا مَلَٰٓئِكَةٌ غِلَاظٞ شِدَادٞ لَّا يَعۡصُونَ ٱللَّهَ مَآ أَمَرَهُمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ
Open ayah 66:6ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئەھلى - ئەۋلادىڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭغا رەھىم قىلمايدىغان، قاتتىق قول، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدىغان، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدىغان پەرىشتىلەر مەسئۇلدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَعۡتَذِرُواْ ٱلۡيَوۡمَۖ إِنَّمَا تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 66:7ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنىلا تارتىسىلەر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ تُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ تَوۡبَةٗ نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمۡ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَيُدۡخِلَكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ يَوۡمَ لَا يُخۡزِي ٱللَّهُ ٱلنَّبِيَّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥۖ نُورُهُمۡ يَسۡعَىٰ بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَبِأَيۡمَٰنِهِمۡ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَتۡمِمۡ لَنَا نُورَنَا وَٱغۡفِرۡ لَنَآۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 66:8ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، رەببىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى خار قىلمايدۇ، (ئۇلار سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە) ئۇلارنىڭ نۇرى (ئەمەللىرىگە كۆرە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «ئى رەببىمىز! (سىراتتىن سالامەت ئۆتۈپ جەننەتكە بېرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن) بىزگە نۇرىمىزنى تولۇقلاپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ جَٰهِدِ ٱلۡكُفَّارَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱغۡلُظۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 66:9ئى پەيغەمبەر! سەن كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱمۡرَأَتَ نُوحٖ وَٱمۡرَأَتَ لُوطٖۖ كَانَتَا تَحۡتَ عَبۡدَيۡنِ مِنۡ عِبَادِنَا صَٰلِحَيۡنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمۡ يُغۡنِيَا عَنۡهُمَا مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗا وَقِيلَ ٱدۡخُلَا ٱلنَّارَ مَعَ ٱلدَّٰخِلِينَ
Open ayah 66:10ئاللاھ كاپىر بولغانلارغا نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، (بۇ ئىككىسى) بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى سالىھ بەندە (نۇھ بىلەن لۇت) نىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى (مۇناپىقلىق قىلىپ) ئېرىگە خىيانەت قىلدى. نۇھ بىلەن لۇت ئاللاھتىن (كەلگەن ئازابتىن) ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككىسىدىن توسۇپ قالالمىدى ۋە (ئۇ ئىككى ئايالغا): «سىلەر (دوزاخقا) كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار» دېيىلدى.
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱمۡرَأَتَ فِرۡعَوۡنَ إِذۡ قَالَتۡ رَبِّ ٱبۡنِ لِي عِندَكَ بَيۡتٗا فِي ٱلۡجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِن فِرۡعَوۡنَ وَعَمَلِهِۦ وَنَجِّنِي مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 66:11ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلىپ بەرگىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ (يامان) قىلمىشىدىن قۇتقۇزغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېگەن ئىدى.
وَمَرۡيَمَ ٱبۡنَتَ عِمۡرَٰنَ ٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهِ مِن رُّوحِنَا وَصَدَّقَتۡ بِكَلِمَٰتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِۦ وَكَانَتۡ مِنَ ٱلۡقَٰنِتِينَ
Open ayah 66:12(ئاللاھ يەنە) ئىمراننىڭ ئۆزىنى پاك ساقلىغان قىزى مەريەمنى (مىسال قىلىپ كۆرسەتتى). ئۇنىڭغا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بىر روھنى پۈۋلىدۇق (شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيساغا ھامىلىدار بولدى)، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىگە ۋە كىتابلىرىغا ئىشەندى ھەمدە (رەببىگە) داۋاملىق ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى.