الملك
Al-Mulk
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
تَبَٰرَكَ ٱلَّذِي بِيَدِهِ ٱلۡمُلۡكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 67:1(پۈتۈن كائىناتنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡمَوۡتَ وَٱلۡحَيَوٰةَ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفُورُ
Open ayah 67:2ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
ٱلَّذِي خَلَقَ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ طِبَاقٗاۖ مَّا تَرَىٰ فِي خَلۡقِ ٱلرَّحۡمَٰنِ مِن تَفَٰوُتٖۖ فَٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ هَلۡ تَرَىٰ مِن فُطُورٖ
Open ayah 67:3ئاللاھ يەتتە ئاسماننى قاتمۇقات قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. رەھمان ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچقانداق نۇقسان تاپالمايسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يېرىقنى كۆرەمسەنكىن؟
ثُمَّ ٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ كَرَّتَيۡنِ يَنقَلِبۡ إِلَيۡكَ ٱلۡبَصَرُ خَاسِئٗا وَهُوَ حَسِيرٞ
Open ayah 67:4ئاندىن سەن يەنە قايتا-قايتا تەكرار قارىغىن، كۆزۈڭ (ئىزدىگەن نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ.
وَلَقَدۡ زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِمَصَٰبِيحَ وَجَعَلۡنَٰهَا رُجُومٗا لِّلشَّيَٰطِينِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابَ ٱلسَّعِيرِ
Open ayah 67:5ئەڭ يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق ۋە يۇلتۇزلارنى يەنە (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان ئۇچقۇن قىلدۇق، شەيتانلارغا يالقۇنجاپ تۇرغان دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق.
وَلِلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡ عَذَابُ جَهَنَّمَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 67:6رەببىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا دوزاخ ئازابى بار. دوزاخ نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
إِذَآ أُلۡقُواْ فِيهَا سَمِعُواْ لَهَا شَهِيقٗا وَهِيَ تَفُورُ
Open ayah 67:7ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەكنىڭ ئاۋازىدەك) يېقىمسىز ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۖ كُلَّمَآ أُلۡقِيَ فِيهَا فَوۡجٞ سَأَلَهُمۡ خَزَنَتُهَآ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَذِيرٞ
Open ayah 67:8دوزاخ (كاپىرلارغا) غەزەپتىن پارچە-پارچە بولۇپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەرقاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ.
قَالُواْ بَلَىٰ قَدۡ جَآءَنَا نَذِيرٞ فَكَذَّبۡنَا وَقُلۡنَا مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٍ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ كَبِيرٖ
Open ayah 67:9ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، ئەلۋەتتە بىزگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلغان ھەمدە بىز: ‹ئاللاھ (سىلەرگە) ھېچ نەرسە چۈشۈرگەن ئەمەس، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا تۇرۇۋاتىسىلەر› دېگەن ئىدۇق» دەيدۇ.
وَقَالُواْ لَوۡ كُنَّا نَسۡمَعُ أَوۡ نَعۡقِلُ مَا كُنَّا فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ
Open ayah 67:10ئۇلار: «ئەگەر بىز (ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا) قۇلاق سالغان، ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، دوزاخ ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولماس ئىكەنمىز» دەيدۇ.
فَٱعۡتَرَفُواْ بِذَنۢبِهِمۡ فَسُحۡقٗا لِّأَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ
Open ayah 67:11شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنى تونۇيدۇ. دوزاخ ئەھلى (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن!
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ
Open ayah 67:12خىلۋەتتە رەببىدىن قورققانلارغا ھەقىقەتەن مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات بار.
وَأَسِرُّواْ قَوۡلَكُمۡ أَوِ ٱجۡهَرُواْ بِهِۦٓۖ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
Open ayah 67:13سىلەر سۆزۈڭلارنى مەيلى مەخپىي قىلىڭلار، مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار (بەرىبىر، ئاللاھ بىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىلەرنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
أَلَا يَعۡلَمُ مَنۡ خَلَقَ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلۡخَبِيرُ
Open ayah 67:14ياراتقان زات (ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتىنى) بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنىمۇ بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ ذَلُولٗا فَٱمۡشُواْ فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُواْ مِن رِّزۡقِهِۦۖ وَإِلَيۡهِ ٱلنُّشُورُ
Open ayah 67:15ئۇ زېمىننى سىلەرگە بويسۇنىدىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر، ئەمدى سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
ءَأَمِنتُم مَّن فِي ٱلسَّمَآءِ أَن يَخۡسِفَ بِكُمُ ٱلۡأَرۡضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ
Open ayah 67:16(ئى كاپىرلار!) سىلەر ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئۇ چاغدا زېمىن تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كېتىدۇ.
أَمۡ أَمِنتُم مَّن فِي ٱلسَّمَآءِ أَن يُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ حَاصِبٗاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ كَيۡفَ نَذِيرِ
Open ayah 67:17ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ سىلەر يېقىندا مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر.
وَلَقَدۡ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ
Open ayah 67:18شەكسىزكى، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، مېنىڭ (ئۇلارغا ئەۋەتكەن) ئازابىم قانداق بولدى؟
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ فَوۡقَهُمۡ صَٰٓفَّٰتٖ وَيَقۡبِضۡنَۚ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱلرَّحۡمَٰنُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءِۭ بَصِيرٌ
Open ayah 67:19ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدە (ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ قۇشلارنى (ھاۋادا) پەقەت رەھمان ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ جُندٞ لَّكُمۡ يَنصُرُكُم مِّن دُونِ ٱلرَّحۡمَٰنِۚ إِنِ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ
Open ayah 67:20(ئى كاپىرلار!) رەھمان ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ياردەم قىلىدىغان شۇ قوشۇنۇڭلار كىملەر؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر.
أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي يَرۡزُقُكُمۡ إِنۡ أَمۡسَكَ رِزۡقَهُۥۚ بَل لَّجُّواْ فِي عُتُوّٖ وَنُفُورٍ
Open ayah 67:21ئەگەر ئاللاھ (سىلەرگە بېرىدىغان) رىزقىنى توختىتىپ قويسا، سىلەرگە رىزىق بېرىدىغان كىم بار؟ ئۇلار (بۇلارنى ئويلاش ئۇياقتا تۇرسۇن) ئەكسىچە تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
أَفَمَن يَمۡشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجۡهِهِۦٓ أَهۡدَىٰٓ أَمَّن يَمۡشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 67:22يۈزىچە يىقىلىپ يۈرۈپ ماڭغان ئادەمنىڭ يولى توغرىمۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ يولىمۇ؟
قُلۡ هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَكُمۡ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ
Open ayah 67:23(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئەزالىرىنى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر بولساڭلار ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىۋاتىسىلەر».
قُلۡ هُوَ ٱلَّذِي ذَرَأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
Open ayah 67:24ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتكەن زاتتۇر. سىلەر (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر».
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 67:25كاپىرلار: «ئەگەر (سىلەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار بۇ ۋەدە قاچان (ئىشقا ئاشىدۇ)؟» دەيدۇ.
قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡعِلۡمُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
Open ayah 67:26(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا): «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەتلا ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن.
فَلَمَّا رَأَوۡهُ زُلۡفَةٗ سِيٓـَٔتۡ وُجُوهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَقِيلَ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَدَّعُونَ
Open ayah 67:27كاپىرلار ئازابنىڭ ئۆزىگە يېقىن تۇرغانلىقىنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَهۡلَكَنِيَ ٱللَّهُ وَمَن مَّعِيَ أَوۡ رَحِمَنَا فَمَن يُجِيرُ ٱلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
Open ayah 67:28ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغانلارنى مەيلى ھالاك قىلسۇن ياكى (ھالاك قىلماي) بىزگە رەھىم قىلسۇن، (بۇ ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر). سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ! (سىلەردەك) كاپىرلارنى قىينىغۇچى ئازابتىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟».
قُلۡ هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ءَامَنَّا بِهِۦ وَعَلَيۡهِ تَوَكَّلۡنَاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ مَنۡ هُوَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 67:29ئېيتقىنكى، «ئۇ رەھمان ئاللاھتۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر».
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَصۡبَحَ مَآؤُكُمۡ غَوۡرٗا فَمَن يَأۡتِيكُم بِمَآءٖ مَّعِينِۭ
Open ayah 67:30(ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، سۈيۈڭلار سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟».