القلم
Al-Qalam
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
نٓۚ وَٱلۡقَلَمِ وَمَا يَسۡطُرُونَ
Open ayah 68:1نۇن (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). قەلەم بىلەن ۋە (قەلەم تۇتقانلار) يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
مَآ أَنتَ بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ بِمَجۡنُونٖ
Open ayah 68:2(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ (پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت كاتتا) نېمىتى بىلەن سەن (ھەرگىز مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن.
وَإِنَّ لَكَ لَأَجۡرًا غَيۡرَ مَمۡنُونٖ
Open ayah 68:3شەك _ شۈبھىسىزكى، ئەلۋەتتە ساڭا تۈگىمەس مۇكاپات بار.
وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٖ
Open ayah 68:4سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.
فَسَتُبۡصِرُ وَيُبۡصِرُونَ
Open ayah 68:5قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ. [5 _ 6]
بِأَييِّكُمُ ٱلۡمَفۡتُونُ
Open ayah 68:6قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ. [5 _ 6]
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ
Open ayah 68:7چۈنكى سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
فَلَا تُطِعِ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
Open ayah 68:8(ھەق دىننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا بويسۇنمىغىن.
وَدُّواْ لَوۡ تُدۡهِنُ فَيُدۡهِنُونَ
Open ayah 68:9ئۇلار سېنىڭ ماسلىشىپ ئۆتۈشۈڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىمۇ (ساڭا) ماسلىشىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
وَلَا تُطِعۡ كُلَّ حَلَّافٖ مَّهِينٍ
Open ayah 68:10قەسەمخور، پەسكەش، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، ياخشىلىقنى توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىگە بويسۇنمىغىن. [10 _ 13]
هَمَّازٖ مَّشَّآءِۭ بِنَمِيمٖ
Open ayah 68:11قەسەمخور، پەسكەش، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، ياخشىلىقنى توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىگە بويسۇنمىغىن. [10 _ 13]
مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ
Open ayah 68:12قەسەمخور، پەسكەش، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، ياخشىلىقنى توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىگە بويسۇنمىغىن. [10 _ 13]
عُتُلِّۭ بَعۡدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
Open ayah 68:13قەسەمخور، پەسكەش، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، ياخشىلىقنى توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىگە بويسۇنمىغىن. [10 _ 13]
أَن كَانَ ذَا مَالٖ وَبَنِينَ
Open ayah 68:14ئۇ مال _ مۈلۈكى ۋە ئوغۇللىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن (كۆرەڭلەپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى).
إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 68:15بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە: «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دېدى.
سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلۡخُرۡطُومِ
Open ayah 68:16بىز يېقىندا ئۇنىڭ بۇرنىغا بەلگە سالىمىز.
إِنَّا بَلَوۡنَٰهُمۡ كَمَا بَلَوۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ إِذۡ أَقۡسَمُواْ لَيَصۡرِمُنَّهَا مُصۡبِحِينَ
Open ayah 68:17شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككىلىكلەرنى) باغ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك سىنىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۇنى (يەنى بېغىنىڭ مېۋىلىرىنى كەمبەغەللەر كۆرمەستىن) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ۋە «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى. [17 _ 18]
وَلَا يَسۡتَثۡنُونَ
Open ayah 68:18شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككىلىكلەرنى) باغ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك سىنىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۇنى (يەنى بېغىنىڭ مېۋىلىرىنى كەمبەغەللەر كۆرمەستىن) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ۋە «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى. [17 _ 18]
فَطَافَ عَلَيۡهَا طَآئِفٞ مِّن رَّبِّكَ وَهُمۡ نَآئِمُونَ
Open ayah 68:19ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا رەببىڭ تەرىپىدىن يانغىن چۈشۈپ، بىردەمدىلا ئۇ باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى. [19 _ 20]
فَأَصۡبَحَتۡ كَٱلصَّرِيمِ
Open ayah 68:20ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا رەببىڭ تەرىپىدىن يانغىن چۈشۈپ، بىردەمدىلا ئۇ باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى. [19 _ 20]
فَتَنَادَوۡاْ مُصۡبِحِينَ
Open ayah 68:21ئۇلار ئەتىگەندە: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار، باغقا سەھەردە بېرىڭلار» دەپ، بىر _ بىرىنى چاقىرىشتى. [21 _ 22]
أَنِ ٱغۡدُواْ عَلَىٰ حَرۡثِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰرِمِينَ
Open ayah 68:22ئۇلار ئەتىگەندە: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار، باغقا سەھەردە بېرىڭلار» دەپ، بىر _ بىرىنى چاقىرىشتى. [21 _ 22]
فَٱنطَلَقُواْ وَهُمۡ يَتَخَٰفَتُونَ
Open ayah 68:23ئۇلار: «بۈگۈن باغقا بىرەر كەمبەغەلمۇ قەتئىي كىرمىسۇن» دەپ پىچىرلىشىپ ماڭدى. [23 _ 24]
أَن لَّا يَدۡخُلَنَّهَا ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكُم مِّسۡكِينٞ
Open ayah 68:24ئۇلار: «بۈگۈن باغقا بىرەر كەمبەغەلمۇ قەتئىي كىرمىسۇن» دەپ پىچىرلىشىپ ماڭدى. [23 _ 24]
وَغَدَوۡاْ عَلَىٰ حَرۡدٖ قَٰدِرِينَ
Open ayah 68:25ئۇلار: «(كەمبەغەللەرنى باغقا كىرىشتىن) توسۇپ قالىمىز» دېگەن ئوي بىلەن ئەتىگەندە يولغا چىقتى.
فَلَمَّا رَأَوۡهَا قَالُوٓاْ إِنَّا لَضَآلُّونَ
Open ayah 68:26ئۇلار (كۆيۈپ كەتكەن) باغنى كۆرۈپ: «بىز چوقۇم ئېزىپ قاپتۇق، ياق (ئېزىپ قالماپتۇق)، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» دېيىشتى. [26 _ 27]
بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ
Open ayah 68:27ئۇلار (كۆيۈپ كەتكەن) باغنى كۆرۈپ: «بىز چوقۇم ئېزىپ قاپتۇق، ياق (ئېزىپ قالماپتۇق)، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» دېيىشتى. [26 _ 27]
قَالَ أَوۡسَطُهُمۡ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ لَوۡلَا تُسَبِّحُونَ
Open ayah 68:28ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى: «مەن سىلەرگە «ئاللاھ خالىسا» دېسەڭلارچۇ، دېمىگەنمىدىم؟» دېدى.
قَالُواْ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
Open ayah 68:29ئۇلار: «ئى رەببىمىز! (سەن بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئۇۋال قىلىپتۇق» دېيىشتى.
فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَلَٰوَمُونَ
Open ayah 68:30شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر _ بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلاپ: «ۋاي ئىسىت! بىز راستتىنلا ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق. ئۈمىدىمىز شۇكى، رەببىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز» دېيىشتى. [30 _ 32]
قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَٰغِينَ
Open ayah 68:31شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر _ بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلاپ: «ۋاي ئىسىت! بىز راستتىنلا ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق. ئۈمىدىمىز شۇكى، رەببىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز» دېيىشتى. [30 _ 32]
عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبۡدِلَنَا خَيۡرٗا مِّنۡهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ
Open ayah 68:32شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر _ بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلاپ: «ۋاي ئىسىت! بىز راستتىنلا ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق. ئۈمىدىمىز شۇكى، رەببىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز» دېيىشتى. [30 _ 32]
كَذَٰلِكَ ٱلۡعَذَابُۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 68:33(دۇنيادىكى) ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇنى) بىلسە ئىدى (ئازابقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغان بولاتتى).
إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
Open ayah 68:34شەكسىزكى، تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ دەرگاھىدا نازۇنېمەتلىك جەننەتلەر بار.
أَفَنَجۡعَلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ كَٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 68:35بىز مۇسۇلمانلارنى ئۇ گۇناھكار (كاپىر)لار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟
مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ
Open ayah 68:36سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقلارچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
أَمۡ لَكُمۡ كِتَٰبٞ فِيهِ تَدۡرُسُونَ
Open ayah 68:37ياكى سىلەردە سىلەر ئوقۇيدىغان بىرەر كىتاب بارمۇ؟
إِنَّ لَكُمۡ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
Open ayah 68:38ئۇنىڭدا «سىلەر نېمىنى خالىساڭلار ئۇ سىلەرنىڭ بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈم بارمىكەن؟
أَمۡ لَكُمۡ أَيۡمَٰنٌ عَلَيۡنَا بَٰلِغَةٌ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ إِنَّ لَكُمۡ لَمَا تَحۡكُمُونَ
Open ayah 68:39ياكى «سىلەر قانداق ھۆكۈم چىقارساڭلار بولۇۋېرىدۇ» دەپ ئارىمىزدا قىيامەت كۈنىگە قەدەر كۈچكە ئىگە قىلىنغان بىرەر كېلىشىم بولغانمۇ؟
سَلۡهُمۡ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
Open ayah 68:40(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ قايسىسى بۇ ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟
أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَآءُ فَلۡيَأۡتُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ
Open ayah 68:41ياكى ئۇلارنىڭ (كېپىللىك قىلىدىغان) شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (بار دېگەن سۆزىدە) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن.
يَوۡمَ يُكۡشَفُ عَن سَاقٖ وَيُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ
Open ayah 68:42ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، (ئەمما) سەجدە قىلالمايدۇ.
خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۖ وَقَدۡ كَانُواْ يُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ وَهُمۡ سَٰلِمُونَ
Open ayah 68:43ئۇلار (قورققىنىدىن) كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق قاپلىۋالىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار (دۇنيادىكى) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان (بولسىمۇ سەجدىدىن باش تارتقان) ئىدى.
فَذَرۡنِي وَمَن يُكَذِّبُ بِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِۖ سَنَسۡتَدۡرِجُهُم مِّنۡ حَيۡثُ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 68:44(ئى پەيغەمبەر!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇپ بەرگىن، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن، ئاستا _ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز.
وَأُمۡلِي لَهُمۡۚ إِنَّ كَيۡدِي مَتِينٌ
Open ayah 68:45ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، شەكسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر.
أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ
Open ayah 68:46ياكى سەن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكى ئېغىرلىشىپ قاپتۇمۇ؟
أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ
Open ayah 68:47ياكى ئۇلاردا غەيىب ئىلىمى بار بولۇپ، (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ) يازامدىكەن؟
فَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُن كَصَاحِبِ ٱلۡحُوتِ إِذۡ نَادَىٰ وَهُوَ مَكۡظُومٞ
Open ayah 68:48رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن كىتنىڭ قارنىغا كىرىپ كەتكەن كىشىگە (يۇنۇسقا) ئوخشاش (ئالدىراڭغۇ) بولمىغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (كىتنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا (رەببىگە) ئىلتىجا قىلغان ئىدى.
لَّوۡلَآ أَن تَدَٰرَكَهُۥ نِعۡمَةٞ مِّن رَّبِّهِۦ لَنُبِذَ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ مَذۡمُومٞ
Open ayah 68:49ئەگەر ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن بىر نېمەت يېتىپ كەلمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا بىر قاقاس دالاغا تاشلانغان بولاتتى.
فَٱجۡتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَجَعَلَهُۥ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 68:50رەببى ئۇنى تاللاپ سالىھلاردىن قىلدى.
وَإِن يَكَادُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَيُزۡلِقُونَكَ بِأَبۡصَٰرِهِمۡ لَمَّا سَمِعُواْ ٱلذِّكۡرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُۥ لَمَجۡنُونٞ
Open ayah 68:51كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا، (يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. ئۇلار (سېنى): «ئۇ چوقۇم بىر مەجنۇندۇر» دېيىشىدۇ.
وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 68:52ئۇ (قۇرئان) جاھان ئەھلى ئۈچۈن پەقەتلا نەسىھەتتۇر.