الحاقة

Al-Haaqqa

The Reality · Surah 69 · Ayahs: 52 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. ٱلۡحَآقَّةُ

    Open ayah 69:1

    (چوقۇم بولىدىغان) قىيامەت.

  2. مَا ٱلۡحَآقَّةُ

    Open ayah 69:2

    قىيامەت دېگەن نېمە؟

  3. وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡحَآقَّةُ

    Open ayah 69:3

    سەن قىيامەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

  4. كَذَّبَتۡ ثَمُودُ وَعَادُۢ بِٱلۡقَارِعَةِ

    Open ayah 69:4

    سەمۇد ۋە ئاد قەۋملىرى قەلىبلەرنى تىترەتكۈچى (قىيامەت)نى ئىنكار قىلدى.

  5. فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهۡلِكُواْ بِٱلطَّاغِيَةِ

    Open ayah 69:5

    سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى.

  6. وَأَمَّا عَادٞ فَأُهۡلِكُواْ بِرِيحٖ صَرۡصَرٍ عَاتِيَةٖ

    Open ayah 69:6

    ئاد بولسا قاتتىق ئاۋازلىق، سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى.

  7. سَخَّرَهَا عَلَيۡهِمۡ سَبۡعَ لَيَالٖ وَثَمَٰنِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومٗاۖ فَتَرَى ٱلۡقَوۡمَ فِيهَا صَرۡعَىٰ كَأَنَّهُمۡ أَعۡجَازُ نَخۡلٍ خَاوِيَةٖ

    Open ayah 69:7

    ئاللاھ بوراننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي قويۇۋەتتى، سەن (ئەگەر شۇ يەردە بولساڭ) ئۇلارنىڭ خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرەتتىڭ.

  8. فَهَلۡ تَرَىٰ لَهُم مِّنۢ بَاقِيَةٖ

    Open ayah 69:8

    (ھازىر) ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟

  9. وَجَآءَ فِرۡعَوۡنُ وَمَن قَبۡلَهُۥ وَٱلۡمُؤۡتَفِكَٰتُ بِٱلۡخَاطِئَةِ

    Open ayah 69:9

    پىرئەۋن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە يۇرتلىرى دۈم كۆمتۈرۈلگەنلەر گۇناھقا چۆمگەن ئىدى.

  10. فَعَصَوۡاْ رَسُولَ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَهُمۡ أَخۡذَةٗ رَّابِيَةً 

    Open ayah 69:10

    ئۇلار رەببىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ناھايىتى قاتتىق جازالىدى.

  11. إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلۡمَآءُ حَمَلۡنَٰكُمۡ فِي ٱلۡجَارِيَةِ

    Open ayah 69:11

    شەكسىزكى، توپان بالاسى يامرىغان چاغدا، بىز سىلەر (نىڭ ئەجدادىڭلار)نى كېمىگە چىقارغان ئىدۇق. بىز ئۇنى سىلەرگە ئىبرەت قىلىش ۋە (ئاڭلىغانلىرىنى) ساقلىيالايدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى ساقلىۋېلىشى ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق). [11 _ 12]

  12. لِنَجۡعَلَهَا لَكُمۡ تَذۡكِرَةٗ وَتَعِيَهَآ أُذُنٞ وَٰعِيَةٞ

    Open ayah 69:12

    شەكسىزكى، توپان بالاسى يامرىغان چاغدا، بىز سىلەر (نىڭ ئەجدادىڭلار)نى كېمىگە چىقارغان ئىدۇق. بىز ئۇنى سىلەرگە ئىبرەت قىلىش ۋە (ئاڭلىغانلىرىنى) ساقلىيالايدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى ساقلىۋېلىشى ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق). [11 _ 12]

  13. فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ نَفۡخَةٞ وَٰحِدَةٞ

    Open ayah 69:13

    سۇر بىر قېتىم (يەنى بىرىنچى قېتىم) چېلىنغان چاغدا،

  14. وَحُمِلَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةٗ وَٰحِدَةٗ

    Open ayah 69:14

    زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتۈرۈلۈپ بىر _ بىرىگە بىرلا ئۇرۇلۇش بىلەن كۈكۈم تالقان بولۇپ كەتكەن چاغدا،

  15. فَيَوۡمَئِذٖ وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ

    Open ayah 69:15

    بۇ كۈندە چوڭ ۋەقە (يەنى قىيامەت) يۈز بىرىدۇ.

  16. وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِيَ يَوۡمَئِذٖ وَاهِيَةٞ

    Open ayah 69:16

    ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان بوشىشىپ كېتىدۇ.

  17. وَٱلۡمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرۡجَآئِهَاۚ وَيَحۡمِلُ عَرۡشَ رَبِّكَ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ ثَمَٰنِيَةٞ

    Open ayah 69:17

    پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە رەببىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە ئۆز ئۈستىدە كۈتۈرۈپ تۇرىدۇ.

  18. يَوۡمَئِذٖ تُعۡرَضُونَ لَا تَخۡفَىٰ مِنكُمۡ خَافِيَةٞ

    Open ayah 69:18

    بۇ كۈندە سىلەر (ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا) چىقىرىلىسىلەر، سىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر سىرىڭلار مەخپىي قالمايدۇ.

  19. فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقۡرَءُواْ كِتَٰبِيَهۡ

    Open ayah 69:19

    نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم: «ئېلىڭلار! مېنىڭ نامە _ ئەمەلىمنى ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ئۆزۈمدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا چىن ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ. [19 _ 20]

  20. إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَٰقٍ حِسَابِيَهۡ 

    Open ayah 69:20

    نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم: «ئېلىڭلار! مېنىڭ نامە _ ئەمەلىمنى ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ئۆزۈمدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا چىن ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ. [19 _ 20]

  21. فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ

    Open ayah 69:21

    ئۇ (مېۋە ئۈزمەكچى بولغان كىشى قايسى ھالەتتە بولسۇن، ئۇنىڭغا) مېۋىلىرى يېقىن كېلىدىغان، ئالىي جەننەتتىكى باياشات تۇرمۇشتا بولىدۇ. [21 _ 23]

  22. فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ

    Open ayah 69:22

    ئۇ (مېۋە ئۈزمەكچى بولغان كىشى قايسى ھالەتتە بولسۇن، ئۇنىڭغا) مېۋىلىرى يېقىن كېلىدىغان، ئالىي جەننەتتىكى باياشات تۇرمۇشتا بولىدۇ. [21 _ 23]

  23. قُطُوفُهَا دَانِيَةٞ

    Open ayah 69:23

    ئۇ (مېۋە ئۈزمەكچى بولغان كىشى قايسى ھالەتتە بولسۇن، ئۇنىڭغا) مېۋىلىرى يېقىن كېلىدىغان، ئالىي جەننەتتىكى باياشات تۇرمۇشتا بولىدۇ. [21 _ 23]

  24. كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَآ أَسۡلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡأَيَّامِ ٱلۡخَالِيَةِ

    Open ayah 69:24

    (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال _ خورام يەڭلار، ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).

  25. وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُوتَ كِتَٰبِيَهۡ

    Open ayah 69:25

    نامە _ ئەمەلى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ: «كاشكى، نامە _ ئەمەلىم ماڭا بېرىلمىگەن بولسىچۇ!

  26. وَلَمۡ أَدۡرِ مَا حِسَابِيَهۡ

    Open ayah 69:26

    ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ!

  27. يَٰلَيۡتَهَا كَانَتِ ٱلۡقَاضِيَةَ

    Open ayah 69:27

    كاشكى، ئۇنىڭ (يەنى ئۆلۈم) بىلەن ھەممە ئىشىم تۈگىگەن بولسىچۇ!

  28. مَآ أَغۡنَىٰ عَنِّي مَالِيَهۡۜ

    Open ayah 69:28

    مېنىڭ مال _ مۈلۈكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.

  29. هَلَكَ عَنِّي سُلۡطَٰنِيَهۡ

    Open ayah 69:29

    مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى» دەپ كېتىدۇ.

  30. خُذُوهُ فَغُلُّوهُ 

    Open ayah 69:30

    (ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئەمر قىلىدۇ): «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار!

  31. ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ

    Open ayah 69:31

    ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار.

  32. ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ

    Open ayah 69:32

    ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار.

  33. إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ

    Open ayah 69:33

    چۈنكى ئۇ (مەندەك) ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.

  34. وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ

    Open ayah 69:34

    مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمىغان ئىدى.

  35. فَلَيۡسَ لَهُ ٱلۡيَوۡمَ هَٰهُنَا حَمِيمٞ

    Open ayah 69:35

    بۈگۈن بۇ يەردە ئۇنىڭغا بىرەر يېقىن دوست يوقتۇر.

  36. وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنۡ غِسۡلِينٖ

    Open ayah 69:36

    ئۇنىڭغا پەقەتلا گۇناھكارلار يەيدىغان يىرىڭ – زەردابتىن باشقا تاماق يوقتۇر». [36 _ 37]

  37. لَّا يَأۡكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلۡخَٰطِـُٔونَ

    Open ayah 69:37

    ئۇنىڭغا پەقەتلا گۇناھكارلار يەيدىغان يىرىڭ – زەردابتىن باشقا تاماق يوقتۇر». [36 _ 37]

  38. فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَا تُبۡصِرُونَ

    Open ayah 69:38

    مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن ۋە سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [38 _ 39]

  39. وَمَا لَا تُبۡصِرُونَ

    Open ayah 69:39

    مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن ۋە سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [38 _ 39]

  40. إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ 

    Open ayah 69:40

    شەكسىزكى، بۇ (قۇرئان) ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (رەببىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر.

  41. وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَاعِرٖۚ قَلِيلٗا مَّا تُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 69:41

    ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر (ئۇنىڭغا) ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيسىلەر.

  42. وَلَا بِقَوۡلِ كَاهِنٖۚ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 69:42

    كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئۇنىڭدىن بەك ئاز نەسىھەت ئالىسىلەر.

  43. تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 69:43

    (ئۇ) ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

  44. وَلَوۡ تَقَوَّلَ عَلَيۡنَا بَعۡضَ ٱلۡأَقَاوِيلِ

    Open ayah 69:44

    ئەگەر ئۇ (مۇھەممەد) بىزنىڭ نامىمىزدىن ئازغىنە سۆزنى يالغاندىن توقۇغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى شىددەت بىلەن جازالايتتۇق، [44 _ 45]

  45. لَأَخَذۡنَا مِنۡهُ بِٱلۡيَمِينِ

    Open ayah 69:45

    ئەگەر ئۇ (مۇھەممەد) بىزنىڭ نامىمىزدىن ئازغىنە سۆزنى يالغاندىن توقۇغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى شىددەت بىلەن جازالايتتۇق، [44 _ 45]

  46. ثُمَّ لَقَطَعۡنَا مِنۡهُ ٱلۡوَتِينَ

    Open ayah 69:46

    ئاندىن ئۇنىڭ جان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.

  47. فَمَا مِنكُم مِّنۡ أَحَدٍ عَنۡهُ حَٰجِزِينَ

    Open ayah 69:47

    سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى.

  48. وَإِنَّهُۥ لَتَذۡكِرَةٞ لِّلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 69:48

    شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇ (قۇرئان) تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر.

  49. وَإِنَّا لَنَعۡلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ

    Open ayah 69:49

    شەكسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (ئۇنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.

  50. وَإِنَّهُۥ لَحَسۡرَةٌ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ 

    Open ayah 69:50

    شەكسىزكى، بۇ (قۇرئاننى ئىنكار قىلىش) كاپىرلار ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە نادامەتتۇر.

  51. وَإِنَّهُۥ لَحَقُّ ٱلۡيَقِينِ

    Open ayah 69:51

    مۇقەررەركى، قۇرئان شەكسىز ھەقىقەتتۇر.

  52. فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ

    Open ayah 69:52

    شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.