المعارج

Al-Ma'aarij

The Ascending Stairways · Surah 70 · Ayahs: 44 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. سَأَلَ سَآئِلُۢ بِعَذَابٖ وَاقِعٖ

    Open ayah 70:1

    (كاپىرلاردىن) بىرەيلەن ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كاپىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازابنى تەلەپ قىلدى. [1 _ 3]

  2. لِّلۡكَٰفِرِينَ لَيۡسَ لَهُۥ دَافِعٞ

    Open ayah 70:2

    (كاپىرلاردىن) بىرەيلەن ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كاپىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازابنى تەلەپ قىلدى. [1 _ 3]

  3. مِّنَ ٱللَّهِ ذِي ٱلۡمَعَارِجِ

    Open ayah 70:3

    (كاپىرلاردىن) بىرەيلەن ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كاپىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازابنى تەلەپ قىلدى. [1 _ 3]

  4. تَعۡرُجُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥ خَمۡسِينَ أَلۡفَ سَنَةٖ

    Open ayah 70:4

    پەرىشتىلەر ۋە روھ (جىبرىل) ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مىڭ يىل كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەيدۇ.

  5. فَٱصۡبِرۡ صَبۡرٗا جَمِيلًا

    Open ayah 70:5

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن.

  6. إِنَّهُمۡ يَرَوۡنَهُۥ بَعِيدٗا

    Open ayah 70:6

    كاپىرلار ئۇ ئازابنى يىراق (يەنى كەلمەيدۇ) دەپ قارايدۇ.

  7. وَنَرَىٰهُ قَرِيبٗا

    Open ayah 70:7

    بىز بولساق ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز.

  8. يَوۡمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلۡمُهۡلِ

    Open ayah 70:8

    ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ.

  9. وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ

    Open ayah 70:9

    تاغلار (ئېتىلغان) رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.

  10. وَلَا يَسۡـَٔلُ حَمِيمٌ حَمِيمٗا 

    Open ayah 70:10

    ئۇلار بىر _ بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ، (ئەمما ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) دوست دوستىدىن (ھال-ئەھۋال) سورىمايدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم _ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. [10 _ 14]

  11. يُبَصَّرُونَهُمۡۚ يَوَدُّ ٱلۡمُجۡرِمُ لَوۡ يَفۡتَدِي مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِئِذِۭ بِبَنِيهِ

    Open ayah 70:11

    ئۇلار بىر _ بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ، (ئەمما ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) دوست دوستىدىن (ھال-ئەھۋال) سورىمايدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم _ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. [10 _ 14]

  12. وَصَٰحِبَتِهِۦ وَأَخِيهِ

    Open ayah 70:12

    ئۇلار بىر _ بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ، (ئەمما ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) دوست دوستىدىن (ھال-ئەھۋال) سورىمايدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم _ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. [10 _ 14]

  13. وَفَصِيلَتِهِ ٱلَّتِي تُـٔۡوِيهِ

    Open ayah 70:13

    ئۇلار بىر _ بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ، (ئەمما ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) دوست دوستىدىن (ھال-ئەھۋال) سورىمايدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم _ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. [10 _ 14]

  14. وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ يُنجِيهِ

    Open ayah 70:14

    ئۇلار بىر _ بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ، (ئەمما ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) دوست دوستىدىن (ھال-ئەھۋال) سورىمايدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم _ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. [10 _ 14]

  15. كَلَّآۖ إِنَّهَا لَظَىٰ

    Open ayah 70:15

    بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇ (دوزاخ) ئەلۋەتتە يالقۇنجاپ كۆيىدىغان ئوتتۇر.

  16. نَزَّاعَةٗ لِّلشَّوَىٰ

    Open ayah 70:16

    (ئۇنىڭ ھارارىتى) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ.

  17. تَدۡعُواْ مَنۡ أَدۡبَرَ وَتَوَلَّىٰ

    Open ayah 70:17

    ئۇ (ئوت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ۋە پۇل _ مال يىغىپ (ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەي) ساقلىغان كىشىلەرنى چاقىرىدۇ. [17 _ 18]

  18. وَجَمَعَ فَأَوۡعَىٰٓ

    Open ayah 70:18

    ئۇ (ئوت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ۋە پۇل _ مال يىغىپ (ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەي) ساقلىغان كىشىلەرنى چاقىرىدۇ. [17 _ 18]

  19. ۞إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا

    Open ayah 70:19

    ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى.

  20. إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعٗا 

    Open ayah 70:20

    ئۇ ئۆزىگە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، بەكمۇ زارلانغۇچىدۇر.

  21. وَإِذَا مَسَّهُ ٱلۡخَيۡرُ مَنُوعًا

    Open ayah 70:21

    بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، ناھايىتى بېخىللىق قىلغۇچىدۇر.

  22. إِلَّا ٱلۡمُصَلِّينَ

    Open ayah 70:22

    پەقەت (تۆۋەندىكىلەر) بۇنداق ئەمەس:

  23. ٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ دَآئِمُونَ

    Open ayah 70:23

    ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.

  24. وَٱلَّذِينَ فِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ مَّعۡلُومٞ

    Open ayah 70:24

    ئۇلار پۇل _ ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ. [24 _ 25]

  25. لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ

    Open ayah 70:25

    ئۇلار پۇل _ ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ. [24 _ 25]

  26. وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ

    Open ayah 70:26

    ئۇلار قىيامەت كۈنىگە چىن ئىشىنىدۇ.

  27. وَٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ

    Open ayah 70:27

    ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر. چۈنكى، رەببىنىڭ ئازابى (ھېچكىم) خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابتۇر. [27 _ 28]

  28. إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمۡ غَيۡرُ مَأۡمُونٖ

    Open ayah 70:28

    ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر. چۈنكى، رەببىنىڭ ئازابى (ھېچكىم) خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابتۇر. [27 _ 28]

  29. وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ

    Open ayah 70:29

    ئۇلار جىنسىي ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر.

  30. إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ 

    Open ayah 70:30

    پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلىقىغا) مالامەت قىلىنمايدۇ.

  31. فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ

    Open ayah 70:31

    كىمكى بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) ئىزدەيدىكەن، مۇنداقلار چەكتىن ئاشقۇچىلاردۇر.

  32. وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ

    Open ayah 70:32

    ئۇلار (يەنى سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان مۇئمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.

  33. وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَٰدَٰتِهِمۡ قَآئِمُونَ

    Open ayah 70:33

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلغۇچىلاردۇر.

  34. وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ

    Open ayah 70:34

    ئۇلار نامىزىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر.

  35. أُوْلَٰٓئِكَ فِي جَنَّٰتٖ مُّكۡرَمُونَ

    Open ayah 70:35

    ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

  36. فَمَالِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قِبَلَكَ مُهۡطِعِينَ

    Open ayah 70:36

    (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، ئوڭ _ سول تەرىپىڭدە توپ _ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ. [36 _ 37]

  37. عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ عِزِينَ

    Open ayah 70:37

    (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، ئوڭ _ سول تەرىپىڭدە توپ _ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ. [36 _ 37]

  38. أَيَطۡمَعُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُدۡخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٖ

    Open ayah 70:38

    ئۇلارنىڭ ھەربىرى تېخى نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلىۋاتامدۇ؟

  39. كَلَّآۖ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّمَّا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 70:39

    ئىش ئۇلار تەمە قىلغاندەك ئەمەس. شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىدىن (مەنىيدىن) ياراتتۇق (شۇڭا ئۇلارنىڭ چوڭلۇق قىلىش ھەققى يوق).

  40. فَلَآ أُقۡسِمُ بِرَبِّ ٱلۡمَشَٰرِقِ وَٱلۡمَغَٰرِبِ إِنَّا لَقَٰدِرُونَ 

    Open ayah 70:40

    مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى (بولغان ئاللاھنىڭ) نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ياخشىراق كىشىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز (ھەرگىز) ئاجىز ئەمەسمىز. [40 _ 41]

  41. عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ

    Open ayah 70:41

    مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى (بولغان ئاللاھنىڭ) نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ياخشىراق كىشىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز (ھەرگىز) ئاجىز ئەمەسمىز. [40 _ 41]

  42. فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ

    Open ayah 70:42

    (ئى پەيغەمبەر) ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنىگە ئۇچراشقانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسىدا) ئويناپ تۇرسۇن.

  43. يَوۡمَ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ سِرَاعٗا كَأَنَّهُمۡ إِلَىٰ نُصُبٖ يُوفِضُونَ

    Open ayah 70:43

    ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلەردىن چىقىپ، كۆزلىرى چەكچەيگەن، ئۆزلىرىنى خورلۇق باسقان ھالدا، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (ھېساب مەيدانىغا) يۈگۈرىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر. [43 _ 44]

  44. خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۚ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ

    Open ayah 70:44