نوح

Nooh

Noah · Surah 71 · Ayahs: 28 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرۡ قَوۡمَكَ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 71:1

    شەكسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قىينىغۇچى ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق.

  2. قَالَ يَٰقَوۡمِ إِنِّي لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٌ

    Open ayah 71:2

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! شەكسىزكى، مەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.

  3. أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ

    Open ayah 71:3

    (مەن شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

  4. يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرۡكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ إِذَا جَآءَ لَا يُؤَخَّرُۚ لَوۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 71:4

    (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجىلىڭلارغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ بېكىتكەن ئەجەل كەلگەن چاغدا (ئۇ ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر سىلەر (بۇ ھەقىقەتنى) بىلگەن بولساڭلار (تائەت-ئىبادەتكە ئالدىرىغان بولاتتىڭلار).

  5. قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوۡتُ قَوۡمِي لَيۡلٗا وَنَهَارٗا

    Open ayah 71:5

    نۇھ يەنە ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە _ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم.

  6. فَلَمۡ يَزِدۡهُمۡ دُعَآءِيٓ إِلَّا فِرَارٗا

    Open ayah 71:6

    مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچىدىغان قىلىۋەتتى.

  7. وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوۡتُهُمۡ لِتَغۡفِرَ لَهُمۡ جَعَلُوٓاْ أَصَٰبِعَهُمۡ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَٱسۡتَغۡشَوۡاْ ثِيَابَهُمۡ وَأَصَرُّواْ وَٱسۡتَكۡبَرُواْ ٱسۡتِكۡبَارٗا

    Open ayah 71:7

    مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، (مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇرۇۋالدى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى.

  8. ثُمَّ إِنِّي دَعَوۡتُهُمۡ جِهَارٗا

    Open ayah 71:8

    ئاندىن مەن ئۇلارنى ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم.

  9. ثُمَّ إِنِّيٓ أَعۡلَنتُ لَهُمۡ وَأَسۡرَرۡتُ لَهُمۡ إِسۡرَارٗا

    Open ayah 71:9

    ئاندىن مەن ئۇلارنى ھەم ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم.

  10. فَقُلۡتُ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارٗا 

    Open ayah 71:10

    (ئۇلارغا) ئېيتتىم: <رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

  11. يُرۡسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡكُم مِّدۡرَارٗا

    Open ayah 71:11

    (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،

  12. وَيُمۡدِدۡكُم بِأَمۡوَٰلٖ وَبَنِينَ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ جَنَّٰتٖ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ أَنۡهَٰرٗا

    Open ayah 71:12

    سىلەرنىڭ مال _ مۈلۈكۈڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ.

  13. مَّا لَكُمۡ لَا تَرۡجُونَ لِلَّهِ وَقَارٗا

    Open ayah 71:13

    سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمەنمەيسىلەر؟

  14. وَقَدۡ خَلَقَكُمۡ أَطۡوَارًا

    Open ayah 71:14

    ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ ياراتتى.

  15. أَلَمۡ تَرَوۡاْ كَيۡفَ خَلَقَ ٱللَّهُ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ طِبَاقٗا

    Open ayah 71:15

    سىلەر ئاللاھنىڭ يەتتە ئاسماننى قەۋەت _ قەۋەت قىلىپ قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟

  16. وَجَعَلَ ٱلۡقَمَرَ فِيهِنَّ نُورٗا وَجَعَلَ ٱلشَّمۡسَ سِرَاجٗا

    Open ayah 71:16

    ئاللاھ ئاسمانلاردا ئاينى نۇر قىلدى، كۈننى (نۇر چاچقۇچى) چىراغ قىلدى.

  17. وَٱللَّهُ أَنۢبَتَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ نَبَاتٗا

    Open ayah 71:17

    ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلارنى) زېمىندىن ياراتتى.

  18. ثُمَّ يُعِيدُكُمۡ فِيهَا وَيُخۡرِجُكُمۡ إِخۡرَاجٗا

    Open ayah 71:18

    ئاندىن سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىدۇ، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ.

  19. وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ بِسَاطٗا

    Open ayah 71:19

    سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە يەر يۈزىنى يېيىپ بەردى>». [19 _ 20]

  20. لِّتَسۡلُكُواْ مِنۡهَا سُبُلٗا فِجَاجٗا 

    Open ayah 71:20

    سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە يەر يۈزىنى يېيىپ بەردى>». [19 _ 20]

  21. قَالَ نُوحٞ رَّبِّ إِنَّهُمۡ عَصَوۡنِي وَٱتَّبَعُواْ مَن لَّمۡ يَزِدۡهُ مَالُهُۥ وَوَلَدُهُۥٓ إِلَّا خَسَارٗا

    Open ayah 71:21

    نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، پۇل _ مېلى ۋە بالىچاقىلىرى ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئەگەشتى.

  22. وَمَكَرُواْ مَكۡرٗا كُبَّارٗا

    Open ayah 71:22

    ئۇلار (ئەگەشكۈچىلىرىگە) چوڭ ھىيلە _ مىكىر ئىشلەتتى.

  23. وَقَالُواْ لَا تَذَرُنَّ ءَالِهَتَكُمۡ وَلَا تَذَرُنَّ وَدّٗا وَلَا سُوَاعٗا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسۡرٗا

    Open ayah 71:23

    ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تاشلىماڭلار، بولۇپمۇ ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسر قاتارلىق بۇتلىرىڭلاردىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭلار› دېدى.

  24. وَقَدۡ أَضَلُّواْ كَثِيرٗاۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا ضَلَٰلٗا

    Open ayah 71:24

    ئۇلار شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ئازدۇردى. (ئى رەببىم!) بۇ زالىملارغا پەقەت ئازغۇنلۇقنىلا زىيادە قىلغىن».

  25. مِّمَّا خَطِيٓـَٰٔتِهِمۡ أُغۡرِقُواْ فَأُدۡخِلُواْ نَارٗا فَلَمۡ يَجِدُواْ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَنصَارٗا

    Open ayah 71:25

    ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىندى، (ئاخىرەتتە بولسا) دوزاخقا كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى تاپالمايدۇ.

  26. وَقَالَ نُوحٞ رَّبِّ لَا تَذَرۡ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ دَيَّارًا

    Open ayah 71:26

    نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن.

  27. إِنَّكَ إِن تَذَرۡهُمۡ يُضِلُّواْ عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوٓاْ إِلَّا فَاجِرٗا كَفَّارٗا

    Open ayah 71:27

    چۈنكى ئەگەر سەن ئۇلارنى ھايات قالدۇرساڭ، شەكسىزكى، ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، بۇزغۇنچى كاپىر بالىلارنىلا يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

  28. رَّبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيۡتِيَ مُؤۡمِنٗا وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا تَبَارَۢا

    Open ayah 71:28

    ئى رەببىم! ماڭا، ئاتا _ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە ئىمان ئېيتىپ كىرگەنلەرگە ۋە (بارلىق) مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلغىن».