الجن

Al-Jinn

The Jinn · Surah 72 · Ayahs: 28 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. قُلۡ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ ٱسۡتَمَعَ نَفَرٞ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَقَالُوٓاْ إِنَّا سَمِعۡنَا قُرۡءَانًا عَجَبٗا

    Open ayah 72:1

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ماڭا ھەقىقەتەن شۇنداق ۋەھيى قىلىندىكى، بىر قانچە جىن (مېنڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقانلىقىمنى) ئاڭلاپ، (ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ) مۇنداق دېدى: ‹بىز ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، بىز رەببىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز. [1 _ 2]

  2. يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلرُّشۡدِ فَـَٔامَنَّا بِهِۦۖ وَلَن نُّشۡرِكَ بِرَبِّنَآ أَحَدٗا

    Open ayah 72:2

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ماڭا ھەقىقەتەن شۇنداق ۋەھيى قىلىندىكى، بىر قانچە جىن (مېنڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقانلىقىمنى) ئاڭلاپ، (ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ) مۇنداق دېدى: ‹بىز ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، بىز رەببىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز. [1 _ 2]

  3. وَأَنَّهُۥ تَعَٰلَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا ٱتَّخَذَ صَٰحِبَةٗ وَلَا وَلَدٗا

    Open ayah 72:3

    ھەقىقەت شۇكى، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقى ناھايىتى ئۈستۈندۇر، ئايالىمۇ، بالىسىمۇ يوقتۇر.

  4. وَأَنَّهُۥ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى ٱللَّهِ شَطَطٗا

    Open ayah 72:4

    شەكسىزكى، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (ئىبلىس) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلدى.

  5. وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن تَقُولَ ٱلۡإِنسُ وَٱلۡجِنُّ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا

    Open ayah 72:5

    ھەقىقەتەن بىز ئىنسانلار ۋە جىنلار (ئارىسىدىن ھېچكىم) ئاللاھنىڭ نامىدىن ھەرگىز يالغاننى توقۇمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق.

  6. وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٞ مِّنَ ٱلۡإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٖ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَزَادُوهُمۡ رَهَقٗا

    Open ayah 72:6

    شەكسىزكى، ئىنسانلاردىن بەزى ئەرلەر بەزى ئەركەك جىنلارغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ جىنلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتەتتى.

  7. وَأَنَّهُمۡ ظَنُّواْ كَمَا ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَبۡعَثَ ٱللَّهُ أَحَدٗا

    Open ayah 72:7

    (ئى جىنلار!) شەكسىزكى، ئۇلارمۇ (يەنى ئىنسانلارنىڭ كاپىرلىرىمۇ) سىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ھېچكىمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ قارايتتى.

  8. وَأَنَّا لَمَسۡنَا ٱلسَّمَآءَ فَوَجَدۡنَٰهَا مُلِئَتۡ حَرَسٗا شَدِيدٗا وَشُهُبٗا

    Open ayah 72:8

    بىز ھەقىقەتەن (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا چىقىشقا ئۇرۇنغان ئىدۇق، ئاسماننىڭ (پەرىشتىلەردىن بولغان) كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر ۋە كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.

  9. وَأَنَّا كُنَّا نَقۡعُدُ مِنۡهَا مَقَٰعِدَ لِلسَّمۡعِۖ فَمَن يَسۡتَمِعِ ٱلۡأٓنَ يَجِدۡ لَهُۥ شِهَابٗا رَّصَدٗا

    Open ayah 72:9

    شەكسىزكى، بىز (ئىلگىرى) ئاسماننىڭ تىڭشاشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق. ئەمدى كىمكى تىڭشاشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ (ئۆزىنى) كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارغا يولۇقىدۇ.

  10. وَأَنَّا لَا نَدۡرِيٓ أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ أَرَادَ بِهِمۡ رَبُّهُمۡ رَشَدٗا 

    Open ayah 72:10

    زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بىلمەيمىز.

  11. وَأَنَّا مِنَّا ٱلصَّٰلِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَۖ كُنَّا طَرَآئِقَ قِدَدٗا

    Open ayah 72:11

    شەكسىزكى، بىزنىڭ ئارىمىزدا ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار. بىز تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈندۇق.

  12. وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن نُّعۡجِزَ ٱللَّهَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَن نُّعۡجِزَهُۥ هَرَبٗا

    Open ayah 72:12

    بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، زېمىندا ئاللاھ بىلەن ھەرگىز قارشىلىشالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.

  13. وَأَنَّا لَمَّا سَمِعۡنَا ٱلۡهُدَىٰٓ ءَامَنَّا بِهِۦۖ فَمَن يُؤۡمِنۢ بِرَبِّهِۦ فَلَا يَخَافُ بَخۡسٗا وَلَا رَهَقٗا

    Open ayah 72:13

    شەكسىزكى، بىز ھىدايەتنى (قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىمان كەلتۈردۇق. كىمكى رەببىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، نە (ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن، نە (گۇناھلىرى كۆپەيتىلىپ) ئۇۋالچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرىمەيدۇ.

  14. وَأَنَّا مِنَّا ٱلۡمُسۡلِمُونَ وَمِنَّا ٱلۡقَٰسِطُونَۖ فَمَنۡ أَسۡلَمَ فَأُوْلَٰٓئِكَ تَحَرَّوۡاْ رَشَدٗا

    Open ayah 72:14

    ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇسۇلمانلارمۇ ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار. مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى نىشانلاپ ماڭغان بولىدۇ.

  15. وَأَمَّا ٱلۡقَٰسِطُونَ فَكَانُواْ لِجَهَنَّمَ حَطَبٗا

    Open ayah 72:15

    ئەمما توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ›».

  16. وَأَلَّوِ ٱسۡتَقَٰمُواْ عَلَى ٱلطَّرِيقَةِ لَأَسۡقَيۡنَٰهُم مَّآءً غَدَقٗا

    Open ayah 72:16

    ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (بۇ ئارقىلىق رىزقىنى كەڭ قىلاتتۇق)، كىمكى رەببىنىڭ زىكرى (قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، رەببى ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. [16 _ 17]

  17. لِّنَفۡتِنَهُمۡ فِيهِۚ وَمَن يُعۡرِضۡ عَن ذِكۡرِ رَبِّهِۦ يَسۡلُكۡهُ عَذَابٗا صَعَدٗا

    Open ayah 72:17

    ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (بۇ ئارقىلىق رىزقىنى كەڭ قىلاتتۇق)، كىمكى رەببىنىڭ زىكرى (قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، رەببى ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. [16 _ 17]

  18. وَأَنَّ ٱلۡمَسَٰجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدۡعُواْ مَعَ ٱللَّهِ أَحَدٗا

    Open ayah 72:18

    شەكسىزكى، مەسجىدلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، سىلەر (ئۇ مەسجىدلەردە) ئاللاھقا ھېچكىمنى شېرىك قىلىپ ئىبادەت قىلماڭلار.

  19. وَأَنَّهُۥ لَمَّا قَامَ عَبۡدُ ٱللَّهِ يَدۡعُوهُ كَادُواْ يَكُونُونَ عَلَيۡهِ لِبَدٗا

    Open ayah 72:19

    ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن (نامازغا) تۇرغاندا، جىنلار (قۇرئان ئاڭلاش ئۈچۈن) ئولىشىپ كېلىپ، ئۇنى بېسىۋېلىشقا تاس قالىدۇ.

  20. قُلۡ إِنَّمَآ أَدۡعُواْ رَبِّي وَلَآ أُشۡرِكُ بِهِۦٓ أَحَدٗا 

    Open ayah 72:20

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن رەببىمگىلا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن».

  21. قُلۡ إِنِّي لَآ أَمۡلِكُ لَكُمۡ ضَرّٗا وَلَا رَشَدٗا

    Open ayah 72:21

    ئېيتقىنكى، «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە پايدا _ زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن».

  22. قُلۡ إِنِّي لَن يُجِيرَنِي مِنَ ٱللَّهِ أَحَدٞ وَلَنۡ أَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلۡتَحَدًا

    Open ayah 72:22

    ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام) شەكسىزكى، مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن.

  23. إِلَّا بَلَٰغٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِسَٰلَٰتِهِۦۚ وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا

    Open ayah 72:23

    مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكىلا قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئۇنىڭغا مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئوتى بار.

  24. حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوۡاْ مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعۡلَمُونَ مَنۡ أَضۡعَفُ نَاصِرٗا وَأَقَلُّ عَدَدٗا

    Open ayah 72:24

    نىھايەت، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا، كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ».

  25. قُلۡ إِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٞ مَّا تُوعَدُونَ أَمۡ يَجۡعَلُ لَهُۥ رَبِّيٓ أَمَدًا

    Open ayah 72:25

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى رەببىم ئۇنىڭغا ئۇزاق بىر مۇددەتنى بەلگىلەمدۇ، مەن ئۇقمايمەن.

  26. عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ فَلَا يُظۡهِرُ عَلَىٰ غَيۡبِهِۦٓ أَحَدًا

    Open ayah 72:26

    ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ئۆزىگە خاس سىرلارنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ.

  27. إِلَّا مَنِ ٱرۡتَضَىٰ مِن رَّسُولٖ فَإِنَّهُۥ يَسۡلُكُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦ رَصَدٗا

    Open ayah 72:27

    پەقەت ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيىبلەرنى) ئاشكارىلايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا چوقۇم مۇھاپىزەتچى (پەرىشتىلەرنى) سېلىپ قويىدۇ.

  28. لِّيَعۡلَمَ أَن قَدۡ أَبۡلَغُواْ رِسَٰلَٰتِ رَبِّهِمۡ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيۡهِمۡ وَأَحۡصَىٰ كُلَّ شَيۡءٍ عَدَدَۢا

    Open ayah 72:28

    (بۇنداق قىلىش) پەيغەمبەرلەرنىڭ رەببىنىڭ دىنىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆز _ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگىلىگۈچى ئىكەنلىكىنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) بىلىشى ئۈچۈندۇر».