المزمل
Al-Muzzammil
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمُزَّمِّلُ
Open ayah 73:1ئى يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)
قُمِ ٱلَّيۡلَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 73:2كېچىنىڭ كۆپ قىسمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا، ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى دانە _ دانە ئوچۇق ئوقۇغىن. [2 _ 4]
نِّصۡفَهُۥٓ أَوِ ٱنقُصۡ مِنۡهُ قَلِيلًا
Open ayah 73:3كېچىنىڭ كۆپ قىسمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا، ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى دانە _ دانە ئوچۇق ئوقۇغىن. [2 _ 4]
أَوۡ زِدۡ عَلَيۡهِ وَرَتِّلِ ٱلۡقُرۡءَانَ تَرۡتِيلًا
Open ayah 73:4كېچىنىڭ كۆپ قىسمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا، ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى دانە _ دانە ئوچۇق ئوقۇغىن. [2 _ 4]
إِنَّا سَنُلۡقِي عَلَيۡكَ قَوۡلٗا ثَقِيلًا
Open ayah 73:5ساڭا بىز يېقىندا ھەقىقەتەن (مەسئۇلىيىتى) ئېغىر قۇرئاننى نازىل قىلىمىز.
إِنَّ نَاشِئَةَ ٱلَّيۡلِ هِيَ أَشَدُّ وَطۡـٔٗا وَأَقۡوَمُ قِيلًا
Open ayah 73:6شەكسىزكى، كېچىدە تۇرۇپ (ئىبادەت قىلىش قەلبكە) ئەڭ تەسىرلىكتۇر، قىرائەت قىلىشقا ئەڭ مۇناسىپتۇر.
إِنَّ لَكَ فِي ٱلنَّهَارِ سَبۡحٗا طَوِيلٗا
Open ayah 73:7ھەقىقەتەن كۈندۈزدە ساڭا ئۇزۇن بىر مەشغۇلىيەت بار.
وَٱذۡكُرِ ٱسۡمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلۡ إِلَيۡهِ تَبۡتِيلٗا
Open ayah 73:8رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىن، ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن يۈزلەنگىن.
رَّبُّ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱتَّخِذۡهُ وَكِيلٗا
Open ayah 73:9ئۇ كۈنچىقىشنىڭمۇ، كۈنپېتىشنىڭمۇ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. (بارلىق ئىشىڭنى) ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن.
وَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱهۡجُرۡهُمۡ هَجۡرٗا جَمِيلٗا
Open ayah 73:10سەن كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن.
وَذَرۡنِي وَٱلۡمُكَذِّبِينَ أُوْلِي ٱلنَّعۡمَةِ وَمَهِّلۡهُمۡ قَلِيلًا
Open ayah 73:11(ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇپ بەرگىن، ئۇلارغا بىرئاز مۆھلەت بەرگىن.
إِنَّ لَدَيۡنَآ أَنكَالٗا وَجَحِيمٗا
Open ayah 73:12شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلار ئۈچۈن ھازىرلانغان) ئېغىر ئىشكەللەر، دوزاخ، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق ۋە قىينىغۇچى ئازاب بار. [12 _ 13]
وَطَعَامٗا ذَا غُصَّةٖ وَعَذَابًا أَلِيمٗا
Open ayah 73:13شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلار ئۈچۈن ھازىرلانغان) ئېغىر ئىشكەللەر، دوزاخ، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق ۋە قىينىغۇچى ئازاب بار. [12 _ 13]
يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ وَكَانَتِ ٱلۡجِبَالُ كَثِيبٗا مَّهِيلًا
Open ayah 73:14ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار كۆچمە قۇم بارخانلىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ رَسُولٗا شَٰهِدًا عَلَيۡكُمۡ كَمَآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ رَسُولٗا
Open ayah 73:15شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە پەيغەمبەر ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.
فَعَصَىٰ فِرۡعَوۡنُ ٱلرَّسُولَ فَأَخَذۡنَٰهُ أَخۡذٗا وَبِيلٗا
Open ayah 73:16پىرئەۋن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغان ئىدى، بىز ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق.
فَكَيۡفَ تَتَّقُونَ إِن كَفَرۡتُمۡ يَوۡمٗا يَجۡعَلُ ٱلۡوِلۡدَٰنَ شِيبًا
Open ayah 73:17(ئى كاپىرلار!) ئەگەر كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ بېشىغا ئاق كىرگۈزۈۋېتىدىغان، ئاسمان يېرىلىدىغان كۈندىكى ئازابتىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. [17 _ 18]
ٱلسَّمَآءُ مُنفَطِرُۢ بِهِۦۚ كَانَ وَعۡدُهُۥ مَفۡعُولًا
Open ayah 73:18(ئى كاپىرلار!) ئەگەر كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ بېشىغا ئاق كىرگۈزۈۋېتىدىغان، ئاسمان يېرىلىدىغان كۈندىكى ئازابتىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. [17 _ 18]
إِنَّ هَٰذِهِۦ تَذۡكِرَةٞۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلًا
Open ayah 73:19بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن نەسىھەتتۇر، خالىغان ئادەم رەببىگە (يەتكۈزىدىغان) يولنى تۇتسۇن.
۞إِنَّ رَبَّكَ يَعۡلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدۡنَىٰ مِن ثُلُثَيِ ٱلَّيۡلِ وَنِصۡفَهُۥ وَثُلُثَهُۥ وَطَآئِفَةٞ مِّنَ ٱلَّذِينَ مَعَكَۚ وَٱللَّهُ يُقَدِّرُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَۚ عَلِمَ أَن لَّن تُحۡصُوهُ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡۖ فَٱقۡرَءُواْ مَا تَيَسَّرَ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِۚ عَلِمَ أَن سَيَكُونُ مِنكُم مَّرۡضَىٰ وَءَاخَرُونَ يَضۡرِبُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَبۡتَغُونَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَءَاخَرُونَ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ فَٱقۡرَءُواْ مَا تَيَسَّرَ مِنۡهُۚ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَقۡرِضُواْ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗاۚ وَمَا تُقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُم مِّنۡ خَيۡرٖ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيۡرٗا وَأَعۡظَمَ أَجۡرٗاۚ وَٱسۡتَغۡفِرُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمُۢ
Open ayah 73:20(ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، رەببىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان بىر توپ كىشىنىڭ كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر قىسمىدا (تەھەججۇد نامىزىغا) تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ مىقدارىنى بەلگىلىگەن ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن (تەھەججۇد نامىزىنىڭ پەرزلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق) سىلەرگە يەڭگىللىتىپ بەردى. قۇرئاندىن ئوڭاي بولغاننى ئوقۇڭلار[129]، ئاللاھ بىلىدۇكى، ئاراڭلاردا بەزىلەر كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئىزدەپ يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تەھەججۇد نامىزىدىن قانچىلىك ئوقۇش ئاسان بولسا شۇنچىلىك ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىڭلار[130]. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئەلۋەتتە ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا مۇكاپات بولغان ھالدا تاپىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
- ﴿فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآَنِ﴾ دېگەن ئايەتتىكى ﴿الْقُرْآَن﴾غا بەزى مۇپەسسىرلەر تەھەججۇد نامىزى دەپ مەنە ئېيتىپ، «تەھەججۇد نامىزىدىن قانچىلىك ئوقۇيالىساڭلار شۇنچىلىك ئوقۇڭلار» دەپ تەپسىر قىلغان.
- ياخشى قەرز _ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئايەتتە ﴿قَرْضًا حَسَنًا﴾ (ياخشى قەرز) دەپ تەبىرلەنگەن.