المدثر
Al-Muddaththir
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمُدَّثِّرُ
Open ayah 74:1ئى يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)
قُمۡ فَأَنذِرۡ
Open ayah 74:2ئورنۇڭدىن تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغىن،
وَرَبَّكَ فَكَبِّرۡ
Open ayah 74:3رەببىڭنى ئۇلۇغلىغىن،
وَثِيَابَكَ فَطَهِّرۡ
Open ayah 74:4كىيىمىڭنى پاك تۇتقىن،
وَٱلرُّجۡزَ فَٱهۡجُرۡ
Open ayah 74:5گۇناھتىن يىراق بولغىن،
وَلَا تَمۡنُن تَسۡتَكۡثِرُ
Open ayah 74:6(كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرسەڭ) كۆپرەك ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە بەرمىگىن.
وَلِرَبِّكَ فَٱصۡبِرۡ
Open ayah 74:7رەببىڭ (نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش) ئۈچۈن چىداملىق بولغىن.
فَإِذَا نُقِرَ فِي ٱلنَّاقُورِ
Open ayah 74:8سۇر چېلىنغان ۋاقىت _ ئۇ كۈن ناھايىتى جاپالىق بىر كۈندۇر. [8 _ 9]
فَذَٰلِكَ يَوۡمَئِذٖ يَوۡمٌ عَسِيرٌ
Open ayah 74:9سۇر چېلىنغان ۋاقىت _ ئۇ كۈن ناھايىتى جاپالىق بىر كۈندۇر. [8 _ 9]
عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ غَيۡرُ يَسِيرٖ
Open ayah 74:10كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر.
ذَرۡنِي وَمَنۡ خَلَقۡتُ وَحِيدٗا
Open ayah 74:11مەن (ھېچ نەرسىسى يوق) تەنھا ياراتقان شۇ ئادەمنى ماڭا قويۇۋەتكىن[131].
- ئايەتتىكى «ئادەم» ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ئىسىملىك كاپىر بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى«ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە مېنىڭ تەڭدىشىم يوق» دەپ تەكەببۇرلۇق قىلاتتى. (تەپسىرى رازى) .
وَجَعَلۡتُ لَهُۥ مَالٗا مَّمۡدُودٗا
Open ayah 74:12ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال _ مۈلۈك بەردىم.
وَبَنِينَ شُهُودٗا
Open ayah 74:13ئۇنىڭغا (ھەمىشە) يېنىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم.
وَمَهَّدتُّ لَهُۥ تَمۡهِيدٗا
Open ayah 74:14ئۇنىڭغا (ياشاش يوللىرىنى) كەڭ ئېچىپ بەردىم.
ثُمَّ يَطۡمَعُ أَنۡ أَزِيدَ
Open ayah 74:15ئۇ بولسا يەنىمۇ كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىپ تۇرىدۇ.
كَلَّآۖ إِنَّهُۥ كَانَ لِأٓيَٰتِنَا عَنِيدٗا
Open ayah 74:16ياق (ئۇنىڭ خالىغىنى ھەرگىز بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ (گەدەنكەشلىك قىلىپ) بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى.
سَأُرۡهِقُهُۥ صَعُودًا
Open ayah 74:17مەن ئۇنى يېقىندا قاتتىق ئازابقا قىستايمەن.
إِنَّهُۥ فَكَّرَ وَقَدَّرَ
Open ayah 74:18ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى (ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى.
فَقُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ
Open ayah 74:19ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇنكى! ئۇ قانداق پىلانلىدى؟
ثُمَّ قُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ
Open ayah 74:20ئاندىن ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇنكى! ئۇ قانداق پىلانلىدى؟
ثُمَّ نَظَرَ
Open ayah 74:21ئاندىن ئۇ (ئۆز پىلانىغا) قاراپ چىقتى.
ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
Open ayah 74:22ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.
ثُمَّ أَدۡبَرَ وَٱسۡتَكۡبَرَ
Open ayah 74:23ئاندىن ئۇ (ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتتى ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ: «بۇ (قۇرئان) پەقەت ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى. [23 _ 25]
فَقَالَ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ يُؤۡثَرُ
Open ayah 74:24ئاندىن ئۇ (ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتتى ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ: «بۇ (قۇرئان) پەقەت ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى. [23 _ 25]
إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا قَوۡلُ ٱلۡبَشَرِ
Open ayah 74:25ئاندىن ئۇ (ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتتى ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ: «بۇ (قۇرئان) پەقەت ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى. [23 _ 25]
سَأُصۡلِيهِ سَقَرَ
Open ayah 74:26ئۇنى مەن يېقىندا سەقەرگە تاشلايمەن.
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سَقَرُ
Open ayah 74:27سەن سەقەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
لَا تُبۡقِي وَلَا تَذَرُ
Open ayah 74:28ئۇ ھەممە نەرسىنى قالدۇرماي كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان دوزاختۇر.
لَوَّاحَةٞ لِّلۡبَشَرِ
Open ayah 74:29ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ قاپقارا قىلىۋېتىدۇ.
عَلَيۡهَا تِسۡعَةَ عَشَرَ
Open ayah 74:30ئۇنىڭغا ئون توققۇز پەرىشتە مەسئۇلدۇر.
وَمَا جَعَلۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ إِلَّا مَلَٰٓئِكَةٗۖ وَمَا جَعَلۡنَا عِدَّتَهُمۡ إِلَّا فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ لِيَسۡتَيۡقِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَيَزۡدَادَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِيمَٰنٗا وَلَا يَرۡتَابَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَلِيَقُولَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡكَٰفِرُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَمَا يَعۡلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡبَشَرِ
Open ayah 74:31بىز دوزاخ مەسئۇللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانىنى پەقەت كاپىرلار ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. بۇنداق قىلىشىمىز (بۇ سان تەۋرات ۋە ئىنجىللاردا بايان قىلىنغان سانغا مۇۋاپىق كەلگەچكە) كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ (قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) تولۇق ئىشەنچ قىلىشى، مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە مۇئمىنلەرنىڭ (بۇ ھەقتە) شەكلەنمەسلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا دىلىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ (ھەيران قېلىپ): «ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟» دەپ قېلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (مۇشۇنداق) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، رەببىڭنىڭ قوشۇنىنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ. بۇ (بايانلار) پەقەت ئىنسانىيەت ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەتتۇر.
كَلَّا وَٱلۡقَمَرِ
Open ayah 74:32ياق (ئەمەلىيەت كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس!). ئاي بىلەن، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن، يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى ياكى (ئۇنىڭدىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ (بالا)لارنىڭ بىرىدۇر! [32 _ 37]
وَٱلَّيۡلِ إِذۡ أَدۡبَرَ
Open ayah 74:33ياق (ئەمەلىيەت كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس!). ئاي بىلەن، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن، يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى ياكى (ئۇنىڭدىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ (بالا)لارنىڭ بىرىدۇر! [32 _ 37]
وَٱلصُّبۡحِ إِذَآ أَسۡفَرَ
Open ayah 74:34ياق (ئەمەلىيەت كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس!). ئاي بىلەن، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن، يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى ياكى (ئۇنىڭدىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ (بالا)لارنىڭ بىرىدۇر! [32 _ 37]
إِنَّهَا لَإِحۡدَى ٱلۡكُبَرِ
Open ayah 74:35ياق (ئەمەلىيەت كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس!). ئاي بىلەن، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن، يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى ياكى (ئۇنىڭدىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ (بالا)لارنىڭ بىرىدۇر! [32 _ 37]
نَذِيرٗا لِّلۡبَشَرِ
Open ayah 74:36ياق (ئەمەلىيەت كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس!). ئاي بىلەن، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن، يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى ياكى (ئۇنىڭدىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ (بالا)لارنىڭ بىرىدۇر! [32 _ 37]
لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَتَقَدَّمَ أَوۡ يَتَأَخَّرَ
Open ayah 74:37ياق (ئەمەلىيەت كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس!). ئاي بىلەن، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن، يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى ياكى (ئۇنىڭدىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ (بالا)لارنىڭ بىرىدۇر! [32 _ 37]
كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡ رَهِينَةٌ
Open ayah 74:38ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن رەنىگە ئېلىنغاندۇر.
إِلَّآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡيَمِينِ
Open ayah 74:39پەقەت نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
فِي جَنَّٰتٖ يَتَسَآءَلُونَ
Open ayah 74:40ئۇلار جەننەتلەردە تۇرۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ سەقەرگە كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ. [40 _ 42]
عَنِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 74:41ئۇلار جەننەتلەردە تۇرۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ سەقەرگە كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ. [40 _ 42]
مَا سَلَكَكُمۡ فِي سَقَرَ
Open ayah 74:42ئۇلار جەننەتلەردە تۇرۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ سەقەرگە كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ. [40 _ 42]
قَالُواْ لَمۡ نَكُ مِنَ ٱلۡمُصَلِّينَ
Open ayah 74:43ئۇلار: «بىز ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن بولمىغان ئىدۇق،
وَلَمۡ نَكُ نُطۡعِمُ ٱلۡمِسۡكِينَ
Open ayah 74:44يوقسۇللارغا تائام بەرمەيتتۇق،
وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ ٱلۡخَآئِضِينَ
Open ayah 74:45(باتىلغا) چۆكۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىللە (بىزمۇ چۆكۈپ كەتكەن) ئىدۇق،
وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ
Open ayah 74:46تاكى بىزگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق». [46 _ 47]
حَتَّىٰٓ أَتَىٰنَا ٱلۡيَقِينُ
Open ayah 74:47تاكى بىزگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق». [46 _ 47]
فَمَا تَنفَعُهُمۡ شَفَٰعَةُ ٱلشَّٰفِعِينَ
Open ayah 74:48شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ.
فَمَا لَهُمۡ عَنِ ٱلتَّذۡكِرَةِ مُعۡرِضِينَ
Open ayah 74:49ئۇلار نېمىشقا خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردەك ۋەز _ نەسىھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ [49 _ 51]
كَأَنَّهُمۡ حُمُرٞ مُّسۡتَنفِرَةٞ
Open ayah 74:50ئۇلار نېمىشقا خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردەك ۋەز _ نەسىھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ [49 _ 51]
فَرَّتۡ مِن قَسۡوَرَةِۭ
Open ayah 74:51ئۇلار نېمىشقا خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردەك ۋەز _ نەسىھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ [49 _ 51]
بَلۡ يُرِيدُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُؤۡتَىٰ صُحُفٗا مُّنَشَّرَةٗ
Open ayah 74:52بەلكى ئۇلاردىن ھەربىرى ئۆزىگە ئېچىلغان سەھىپىلەرنىڭ بېرىلىشىنى تەمە قىلىدۇ.
كَلَّاۖ بَل لَّا يَخَافُونَ ٱلۡأٓخِرَةَ
Open ayah 74:53ياق (ئىش ھەرگىز ئۇلار تەمە قىلغاندەك بولمايدۇ). ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ.
كَلَّآ إِنَّهُۥ تَذۡكِرَةٞ
Open ayah 74:54شەك _ شۈبھىسىزكى، ئۇ (قۇرئان) ۋەز-نەسىھەتتۇر.
فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ
Open ayah 74:55خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.
وَمَا يَذۡكُرُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ هُوَ أَهۡلُ ٱلتَّقۡوَىٰ وَأَهۡلُ ٱلۡمَغۡفِرَةِ
Open ayah 74:56ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىسىلا، ئاندىن ۋەز-نەسىھەت ئالالايدۇ، ئاللاھ قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىگە) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر.