القيامة
Al-Qiyaama
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
لَآ أُقۡسِمُ بِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ
Open ayah 75:1قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
وَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلنَّفۡسِ ٱللَّوَّامَةِ
Open ayah 75:2ئۆزىنى كۆپ ئەيىبلىگۈچى نەپس بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر).
أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَلَّن نَّجۡمَعَ عِظَامَهُۥ
Open ayah 75:3(كاپىر) ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى يىغالمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
بَلَىٰ قَٰدِرِينَ عَلَىٰٓ أَن نُّسَوِّيَ بَنَانَهُۥ
Open ayah 75:4ئۇنداق ئەمەس، بىز ئۇنىڭ (ئەڭ نازۇك ئەزاسى بولغان) بارماقلىرىنىڭ ئۇچىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز.
بَلۡ يُرِيدُ ٱلۡإِنسَٰنُ لِيَفۡجُرَ أَمَامَهُۥ
Open ayah 75:5بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ. ئۇ (مەسخىرە قىلىپ): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. [5 _ 6]
يَسۡـَٔلُ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلۡقِيَٰمَةِ
Open ayah 75:6بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ. ئۇ (مەسخىرە قىلىپ): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. [5 _ 6]
فَإِذَا بَرِقَ ٱلۡبَصَرُ
Open ayah 75:7كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن شۇ (قىيامەت) كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ. [7 _ 10]
وَخَسَفَ ٱلۡقَمَرُ
Open ayah 75:8كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن شۇ (قىيامەت) كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ. [7 _ 10]
وَجُمِعَ ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ
Open ayah 75:9كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن شۇ (قىيامەت) كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ. [7 _ 10]
يَقُولُ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذٍ أَيۡنَ ٱلۡمَفَرُّ
Open ayah 75:10كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن شۇ (قىيامەت) كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ. [7 _ 10]
كَلَّا لَا وَزَرَ
Open ayah 75:11ياق، قاچىدىغان ھېچقانداق پاناھگاھ يوقتۇر.
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡمُسۡتَقَرُّ
Open ayah 75:12بۇ كۈندە بارىدىغان قارارگاھ پەقەتلا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
يُنَبَّؤُاْ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذِۭ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
Open ayah 75:13بۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى _ ئاخىر قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ.
بَلِ ٱلۡإِنسَٰنُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦ بَصِيرَةٞ
Open ayah 75:14بەلكى ئىنسان ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئۆزى گۇۋاھ بولغۇچىدۇر.
وَلَوۡ أَلۡقَىٰ مَعَاذِيرَهُۥ
Open ayah 75:15ئۇ (ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن) قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ).
لَا تُحَرِّكۡ بِهِۦ لِسَانَكَ لِتَعۡجَلَ بِهِۦٓ
Open ayah 75:16(ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما.
إِنَّ عَلَيۡنَا جَمۡعَهُۥ وَقُرۡءَانَهُۥ
Open ayah 75:17شەكسىزكى، ئۇنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
فَإِذَا قَرَأۡنَٰهُ فَٱتَّبِعۡ قُرۡءَانَهُۥ
Open ayah 75:18بىز ئۇنى (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن.
ثُمَّ إِنَّ عَلَيۡنَا بَيَانَهُۥ
Open ayah 75:19ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
كَلَّا بَلۡ تُحِبُّونَ ٱلۡعَاجِلَةَ
Open ayah 75:20(ئى مۇشرىكلار!) ئەمەلىيەت ھەرگىز (سىلەر ئويلىغاندەك) ئەمەس، بەلكى سىلەر دۇنيانى ياخشى كۆرىسىلەر.
وَتَذَرُونَ ٱلۡأٓخِرَةَ
Open ayah 75:21ئاخىرەتنى بولسا بىر ياققا قايرىپ قويىسىلەر.
وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاضِرَةٌ
Open ayah 75:22قىيامەت كۈنىدە، نۇرغۇن يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ،
إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٞ
Open ayah 75:23رەببىگە قاراپ تۇرىدۇ.
وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذِۭ بَاسِرَةٞ
Open ayah 75:24بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ.
تَظُنُّ أَن يُفۡعَلَ بِهَا فَاقِرَةٞ
Open ayah 75:25ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چوڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى جەزم قىلىدۇ.
كَلَّآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلتَّرَاقِيَ
Open ayah 75:26شەك _ شۈبھىسىزكى، جان ھەلقۇمغا كەلگەن چاغدا، «(بۇنىڭغا) كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلىدۇ. [26 _ 27]
وَقِيلَ مَنۡۜ رَاقٖ
Open ayah 75:27شەك _ شۈبھىسىزكى، جان ھەلقۇمغا كەلگەن چاغدا، «(بۇنىڭغا) كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلىدۇ. [26 _ 27]
وَظَنَّ أَنَّهُ ٱلۡفِرَاقُ
Open ayah 75:28(سەكراتقا چۈشكەن ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىدۇ.
وَٱلۡتَفَّتِ ٱلسَّاقُ بِٱلسَّاقِ
Open ayah 75:29(سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ.
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡمَسَاقُ
Open ayah 75:30بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
Open ayah 75:31كاپىر (قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى.
وَلَٰكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
Open ayah 75:32ئەكسىچە، (قۇرئاننى) يالغان دېدى ۋە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى.
ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ يَتَمَطَّىٰٓ
Open ayah 75:33ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى.
أَوۡلَىٰ لَكَ فَأَوۡلَىٰ
Open ayah 75:34ساڭا (ھالاكەت) تېگىشلىكتۇر! تېگىشلىك بولغاندىمۇ تازا تېگىشلىكتۇر!
ثُمَّ أَوۡلَىٰ لَكَ فَأَوۡلَىٰٓ
Open ayah 75:35ئاندىن ساڭا (ھالاكەت) تېگىشلىكتۇر! تېگىشلىك بولغاندىمۇ تازا تېگىشلىكتۇر!
أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَن يُتۡرَكَ سُدًى
Open ayah 75:36ئىنسان ئۆزىنى «بىز ئۆز مەيلىمىزگە قويۇۋېتىلىمىز» دەپ ئويلامدۇ؟
أَلَمۡ يَكُ نُطۡفَةٗ مِّن مَّنِيّٖ يُمۡنَىٰ
Open ayah 75:37ئۇ ئەسلىدە (بالىياتقۇغا) تۆكۈلىدىغان مەنىي ئەمەسمىدى؟
ثُمَّ كَانَ عَلَقَةٗ فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
Open ayah 75:38ئاندىن ئۇ ئەلەق[132] بولغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە (ئىنسان قىلىپ) يارىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەر _ ئايال ئىككى جىنسنى پەيدا قىلغان ئەمەسمىدى؟ [38 _ 39]
- ئەلەق توغرۇلۇق ئىزاھات ئۈچۈن ھەج سۈرىسىنىڭ 5 _ ئايىتىگە بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارالسۇن.
فَجَعَلَ مِنۡهُ ٱلزَّوۡجَيۡنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ
Open ayah 75:39ئاندىن ئۇ ئەلەق[132] بولغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە (ئىنسان قىلىپ) يارىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەر _ ئايال ئىككى جىنسنى پەيدا قىلغان ئەمەسمىدى؟ [38 _ 39]
- ئەلەق توغرۇلۇق ئىزاھات ئۈچۈن ھەج سۈرىسىنىڭ 5 _ ئايىتىگە بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارالسۇن.
أَلَيۡسَ ذَٰلِكَ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحۡـِۧيَ ٱلۡمَوۡتَىٰ
Open ayah 75:40(بۇ ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟