الانسان

Al-Insaan

Man · Surah 76 · Ayahs: 31 · Medinan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. هَلۡ أَتَىٰ عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ حِينٞ مِّنَ ٱلدَّهۡرِ لَمۡ يَكُن شَيۡـٔٗا مَّذۡكُورًا

    Open ayah 76:1

    ئىنسان ھەقىقەتەن (جان كىرىشتىن بۇرۇن) تىلغا ئېلىنغۇدەك بىر نەرسە ئەمەس چېغىدا زامانلاردىن مەلۇم بىر مۇددەتنى (باشتىن) ئۆتكۈزگەن ئەمەسمىدى؟!

  2. إِنَّا خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٍ أَمۡشَاجٖ نَّبۡتَلِيهِ فَجَعَلۡنَٰهُ سَمِيعَۢا بَصِيرًا

    Open ayah 76:2

    ھەقىقەت شۇكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق، بىز ئۇنى سىنايمىز، شۇڭا ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق.

  3. إِنَّا هَدَيۡنَٰهُ ٱلسَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرٗا وَإِمَّا كَفُورًا

    Open ayah 76:3

    شەكسىزكى، بىز ئۇنىڭغا (ياخشى _ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ يا (ياخشى يولدا مېڭىپ) شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ، ياكى (يامان يولدا مېڭىپ) تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ.

  4. إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ سَلَٰسِلَاْ وَأَغۡلَٰلٗا وَسَعِيرًا

    Open ayah 76:4

    شەكسىزكى، بىز كاپىرلار ئۈچۈن زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە يالقۇنجاپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق.

  5. إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ يَشۡرَبُونَ مِن كَأۡسٖ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا

    Open ayah 76:5

    ياخشىلار چوقۇم كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ.

  6. عَيۡنٗا يَشۡرَبُ بِهَا عِبَادُ ٱللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفۡجِيرٗا

    Open ayah 76:6

    (ئۇ شاراب جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن (ئېتىلىپ چىققان) بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا ئوڭايلا) ئېقىتىپ بارالايدۇ.

  7. يُوفُونَ بِٱلنَّذۡرِ وَيَخَافُونَ يَوۡمٗا كَانَ شَرُّهُۥ مُسۡتَطِيرٗا

    Open ayah 76:7

    (ئۇلار بۇ دۇنيادا شۇنداق كىشىلەركى) ئۇلار (ئاللاھقا) ۋەدە قىلغان ئىشنى[133] ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان (قىيامەت) كۈنىدىن قورقىدۇ.

    1. ئاللاھقا ۋەدە قىلغان ئىش (نەزر) — ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشنى ۋەدە قىلغان ھەر قانداق ئەمەل _ ئىبادەتنى كۆرسىتىدۇ.
  8. وَيُطۡعِمُونَ ٱلطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ مِسۡكِينٗا وَيَتِيمٗا وَأَسِيرًا

    Open ayah 76:8

    ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، يوقسۇلغا، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ.

  9. إِنَّمَا نُطۡعِمُكُمۡ لِوَجۡهِ ٱللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمۡ جَزَآءٗ وَلَا شُكُورًا

    Open ayah 76:9

    (ئۇلار ئېيتىدۇ): «بىز سىلەرگە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تائام بېرىمىز، سىلەردىن ھېچقانداق ياندۇرۇق ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز.

  10. إِنَّا نَخَافُ مِن رَّبِّنَا يَوۡمًا عَبُوسٗا قَمۡطَرِيرٗا 

    Open ayah 76:10

    چۈنكى بىز ئىنتايىن ئېغىر ۋە قاتتىق (بولىدىغان قىيامەت) كۈنىدە رەببىمىز (نىڭ ئازابى)دىن قورقىمىز».

  11. فَوَقَىٰهُمُ ٱللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمِ وَلَقَّىٰهُمۡ نَضۡرَةٗ وَسُرُورٗا

    Open ayah 76:11

    (ئەلۋەتتە) ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

  12. وَجَزَىٰهُم بِمَا صَبَرُواْ جَنَّةٗ وَحَرِيرٗا

    Open ayah 76:12

    ئۇلار (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (جەننەتتىكى) يىپەك (كىيىملەر) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

  13. مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِۖ لَا يَرَوۡنَ فِيهَا شَمۡسٗا وَلَا زَمۡهَرِيرٗا

    Open ayah 76:13

    ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ.

  14. وَدَانِيَةً عَلَيۡهِمۡ ظِلَٰلُهَا وَذُلِّلَتۡ قُطُوفُهَا تَذۡلِيلٗا

    Open ayah 76:14

    جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا چۈشۈپ تۇرىدۇ، جەننەتنىڭ مېۋىلىرى (ئۇلارنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن) ئىنتايىن ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  15. وَيُطَافُ عَلَيۡهِم بِـَٔانِيَةٖ مِّن فِضَّةٖ وَأَكۡوَابٖ كَانَتۡ قَوَارِيرَا۠

    Open ayah 76:15

    ئۇلارغا كۈمۈش تەخسىلەر ۋە ئۆلچىمىنى ئۇلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن شارابلار تولدۇرۇلغان شېشىدەك سۈزۈك كۈمۈش جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇپ تۇرۇلىدۇ. [15 _ 16]

  16. قَوَارِيرَاْ مِن فِضَّةٖ قَدَّرُوهَا تَقۡدِيرٗا

    Open ayah 76:16

    ئۇلارغا كۈمۈش تەخسىلەر ۋە ئۆلچىمىنى ئۇلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن شارابلار تولدۇرۇلغان شېشىدەك سۈزۈك كۈمۈش جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇپ تۇرۇلىدۇ. [15 _ 16]

  17. وَيُسۡقَوۡنَ فِيهَا كَأۡسٗا كَانَ مِزَاجُهَا زَنجَبِيلًا

    Open ayah 76:17

    ئۇلار يەنە جەننەتتە ئۇنىڭدىكى سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاقتىن (چىقىدىغان) زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام (يەنى جاملارغا تولدۇرۇلغان شاراب) بىلەن سۇغىرىلىدۇ. [17 _ 18]

  18. عَيۡنٗا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلۡسَبِيلٗا

    Open ayah 76:18

    ئۇلار يەنە جەننەتتە ئۇنىڭدىكى سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاقتىن (چىقىدىغان) زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام (يەنى جاملارغا تولدۇرۇلغان شاراب) بىلەن سۇغىرىلىدۇ. [17 _ 18]

  19. ۞وَيَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ وِلۡدَٰنٞ مُّخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيۡتَهُمۡ حَسِبۡتَهُمۡ لُؤۡلُؤٗا مَّنثُورٗا

    Open ayah 76:19

    ھەمىشە ياش تۇرىدىغان مۇلازىم بالىلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ، سەن ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئەتراپقا) چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن.

  20. وَإِذَا رَأَيۡتَ ثَمَّ رَأَيۡتَ نَعِيمٗا وَمُلۡكٗا كَبِيرًا 

    Open ayah 76:20

    سەن (جەننەتتە نەگە) قارىساڭ، شۇ يەردە (تەسۋىرلەپ بولغۇسىز) نېمەتلەرنى ۋە شاھانە تۇرمۇشنى كۆرىسەن.

  21. عَٰلِيَهُمۡ ثِيَابُ سُندُسٍ خُضۡرٞ وَإِسۡتَبۡرَقٞۖ وَحُلُّوٓاْ أَسَاوِرَ مِن فِضَّةٖ وَسَقَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ شَرَابٗا طَهُورًا

    Open ayah 76:21

    ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا ۋە قېلىن يىپەكتىن (تىكىلگەن) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، ئۇلارغا كۈمۈش بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ، رەببى ئۇلارنى پاك _ پاكىز شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ.

  22. إِنَّ هَٰذَا كَانَ لَكُمۡ جَزَآءٗ وَكَانَ سَعۡيُكُم مَّشۡكُورًا

    Open ayah 76:22

    (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇكى)، «شەكسىزكى، بۇ سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتتۇر، (دۇنيادىكى) تىرىشچانلىقىڭلار قوبۇل قىلىنغان ئىدى».

  23. إِنَّا نَحۡنُ نَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡقُرۡءَانَ تَنزِيلٗا

    Open ayah 76:23

    (ئى پەيغەمبەر!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ _ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق.

  24. فَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعۡ مِنۡهُمۡ ءَاثِمًا أَوۡ كَفُورٗا

    Open ayah 76:24

    سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كاپىرغا بويسۇنمىغىن.

  25. وَٱذۡكُرِ ٱسۡمَ رَبِّكَ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا

    Open ayah 76:25

    ئەتىگەن _ ئاخشامدا رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىن.

  26. وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَٱسۡجُدۡ لَهُۥ وَسَبِّحۡهُ لَيۡلٗا طَوِيلًا

    Open ayah 76:26

    كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىن (يەنى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن)، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.

  27. إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ يُحِبُّونَ ٱلۡعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَآءَهُمۡ يَوۡمٗا ثَقِيلٗا

    Open ayah 76:27

    شەكسىزكى، ئاشۇلار (يەنى مۇشرىكلار) دۇنيالىقنىلا ياخشى كۆرۈپ، ئالدىدىكى ئېغىر كۈنگە (قىيامەت كۈنىگە) پەرۋا قىلمايدۇ.

  28. نَّحۡنُ خَلَقۡنَٰهُمۡ وَشَدَدۡنَآ أَسۡرَهُمۡۖ وَإِذَا شِئۡنَا بَدَّلۡنَآ أَمۡثَٰلَهُمۡ تَبۡدِيلًا

    Open ayah 76:28

    ئۇلارنى بىز ياراتتۇق، بەدىنىنى ساغلام قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەملەرنى دەسسىتەتتۇق.

  29. إِنَّ هَٰذِهِۦ تَذۡكِرَةٞۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلٗا

    Open ayah 76:29

    شەكسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) بىر ۋەز- نەسىھەتتۇر. خالىغان ئادەم رەببىگە ئېلىپ بارىدىغان يولنى تۇتسۇن.

  30. وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا 

    Open ayah 76:30

    پەقەت ئاللاھ خالىغان چاغدىلا، سىلەر (بىرەر ئىشنى) خالىيالايسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  31. يُدۡخِلُ مَن يَشَآءُ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ وَٱلظَّٰلِمِينَ أَعَدَّ لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمَۢا

    Open ayah 76:31

    ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ زالىملارغا قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.