المرسلات

Al-Mursalaat

The Emissaries · Surah 77 · Ayahs: 50 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. وَٱلۡمُرۡسَلَٰتِ عُرۡفٗا

    Open ayah 77:1

    ئۈزۈلمەي چىققۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  2. فَٱلۡعَٰصِفَٰتِ عَصۡفٗا

    Open ayah 77:2

    شىددەت بىلەن چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  3. وَٱلنَّٰشِرَٰتِ نَشۡرٗا

    Open ayah 77:3

    (بۇلۇتلارنى) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  4. فَٱلۡفَٰرِقَٰتِ فَرۡقٗا

    Open ayah 77:4

    (ھەق بىلەن باتىلنى) ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  5. فَٱلۡمُلۡقِيَٰتِ ذِكۡرًا

    Open ayah 77:5

    (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن (پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيىنى) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [5 _ 6]

  6. عُذۡرًا أَوۡ نُذۡرًا

    Open ayah 77:6

    (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن (پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيىنى) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [5 _ 6]

  7. إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٞ

    Open ayah 77:7

    سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) چوقۇم بولىدۇ.

  8. فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتۡ

    Open ayah 77:8

    (ئۇ قىيامەت) يۇلتۇزلار (نىڭ نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا،

  9. وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتۡ

    Open ayah 77:9

    ئاسمان يېرىلغان چاغدا،

  10. وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ نُسِفَتۡ 

    Open ayah 77:10

    تاغلار تىتىلىپ (بوران ئۇچۇرتقان توزانلاردەك) توزۇغان چاغدا،

  11. وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتۡ

    Open ayah 77:11

    پەيغەمبەرلەرگە (ئۈممەتلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشكە) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ).

  12. لِأَيِّ يَوۡمٍ أُجِّلَتۡ

    Open ayah 77:12

    (بۇ ۋاقىت) قايسى كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟

  13. لِيَوۡمِ ٱلۡفَصۡلِ

    Open ayah 77:13

    (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگە (كېچىكتۈرۈلدى)

  14. وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِ

    Open ayah 77:14

    ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟

  15. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:15

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  16. أَلَمۡ نُهۡلِكِ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 77:16

    بىز ئىلگىرىكىلەرنى (كاپىرلىقى سەۋەبلىك) ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟

  17. ثُمَّ نُتۡبِعُهُمُ ٱلۡأٓخِرِينَ

    Open ayah 77:17

    ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق.

  18. كَذَٰلِكَ نَفۡعَلُ بِٱلۡمُجۡرِمِينَ

    Open ayah 77:18

    بىز بۇ گۇناھكارلارنىمۇ شۇنداق جازالايمىز.

  19. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:19

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  20. أَلَمۡ نَخۡلُقكُّم مِّن مَّآءٖ مَّهِينٖ 

    Open ayah 77:20

    (ئى ئىنسانلار!) بىز سىلەرنى ئەرزىمەس مەنىيدىن ياراتمىدۇقمۇ؟

  21. فَجَعَلۡنَٰهُ فِي قَرَارٖ مَّكِينٍ

    Open ayah 77:21

    بىز ئۇنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (بالىياتقۇدىن ئىبارەت) پۇختا قارارگاھتا تۇرغۇزدۇق. [21 _ 22]

  22. إِلَىٰ قَدَرٖ مَّعۡلُومٖ

    Open ayah 77:22

    بىز ئۇنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (بالىياتقۇدىن ئىبارەت) پۇختا قارارگاھتا تۇرغۇزدۇق. [21 _ 22]

  23. فَقَدَرۡنَا فَنِعۡمَ ٱلۡقَٰدِرُونَ

    Open ayah 77:23

    بىز (بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا) قادىر بولدۇق. بىز نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!

  24. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:24

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  25. أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ كِفَاتًا

    Open ayah 77:25

    بىز زېمىننى تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جاي قىلمىدۇقمۇ؟ [25 _ 26]

  26. أَحۡيَآءٗ وَأَمۡوَٰتٗا

    Open ayah 77:26

    بىز زېمىننى تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جاي قىلمىدۇقمۇ؟ [25 _ 26]

  27. وَجَعَلۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ شَٰمِخَٰتٖ وَأَسۡقَيۡنَٰكُم مَّآءٗ فُرَاتٗا

    Open ayah 77:27

    بىز زېمىنغا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق.

  28. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:28

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  29. ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

    Open ayah 77:29

    (ئۇ كاپىرلارغا): «سىلەر يالغان دەپ كېلىۋاتقان جەھەننەمگە قاراپ ئىلگىرلەڭلار، ئۈچ تارماققا ئايرىلىپ چىقىدىغان، سەگىدەتمەيدىغان، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسالمايدىغان (ئاچچىق تۈتۈندىن ئىبارەت) سايىگە بېرىڭلار» (دېيىلىدۇ). [29 _ 31]

  30. ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ ظِلّٖ ذِي ثَلَٰثِ شُعَبٖ 

    Open ayah 77:30

    (ئۇ كاپىرلارغا): «سىلەر يالغان دەپ كېلىۋاتقان جەھەننەمگە قاراپ ئىلگىرلەڭلار، ئۈچ تارماققا ئايرىلىپ چىقىدىغان، سەگىدەتمەيدىغان، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسالمايدىغان (ئاچچىق تۈتۈندىن ئىبارەت) سايىگە بېرىڭلار» (دېيىلىدۇ). [29 _ 31]

  31. لَّا ظَلِيلٖ وَلَا يُغۡنِي مِنَ ٱللَّهَبِ

    Open ayah 77:31

    (ئۇ كاپىرلارغا): «سىلەر يالغان دەپ كېلىۋاتقان جەھەننەمگە قاراپ ئىلگىرلەڭلار، ئۈچ تارماققا ئايرىلىپ چىقىدىغان، سەگىدەتمەيدىغان، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسالمايدىغان (ئاچچىق تۈتۈندىن ئىبارەت) سايىگە بېرىڭلار» (دېيىلىدۇ). [29 _ 31]

  32. إِنَّهَا تَرۡمِي بِشَرَرٖ كَٱلۡقَصۡرِ

    Open ayah 77:32

    ئۇ يالقۇن سارايدەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ.

  33. كَأَنَّهُۥ جِمَٰلَتٞ صُفۡرٞ

    Open ayah 77:33

    ئۇ ئۇچقۇنلار قارامتۇل تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ.

  34. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:34

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  35. هَٰذَا يَوۡمُ لَا يَنطِقُونَ

    Open ayah 77:35

    بۇ، (كاپىرلار) گەپ قىلالمايدىغان بىر كۈندۇر.

  36. وَلَا يُؤۡذَنُ لَهُمۡ فَيَعۡتَذِرُونَ

    Open ayah 77:36

    ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغىمۇ ئىجازەت بېرىلمەيدۇ.

  37. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:37

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  38. هَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِۖ جَمَعۡنَٰكُمۡ وَٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 77:38

    (ئۇلارغا): «بۇ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر. سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق.

  39. فَإِن كَانَ لَكُمۡ كَيۡدٞ فَكِيدُونِ

    Open ayah 77:39

    ئەگەر (بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، قېنى قىلىپ بېقىڭلار» (دېيىلىدۇ).

  40. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ 

    Open ayah 77:40

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  41. إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي ظِلَٰلٖ وَعُيُونٖ

    Open ayah 77:41

    شەكسىزكى، تەقۋادارلار (جەننەتتە) سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. [41 _ 42]

  42. وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشۡتَهُونَ

    Open ayah 77:42

    شەكسىزكى، تەقۋادارلار (جەننەتتە) سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. [41 _ 42]

  43. كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 77:43

    (ئۇلارغا): «قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن (مۇكاپات سۈپىتىدە) خۇشال _ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).

  44. إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 77:44

    بىز (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەلۋەتتە مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

  45. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:45

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  46. كُلُواْ وَتَمَتَّعُواْ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجۡرِمُونَ

    Open ayah 77:46

    (ئى كاپىرلار!): «(دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) يەڭلار ۋە ۋاقىتلىق بەھرىمەن بۇلۇپ تۇرۇڭلار، شەكسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر».

  47. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:47

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  48. وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرۡكَعُواْ لَا يَرۡكَعُونَ

    Open ayah 77:48

    ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، رۇكۇ قىلمايدۇ.

  49. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

    Open ayah 77:49

    (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

  50. فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ 

    Open ayah 77:50

    ئۇلار بۇ قۇرئانغا ئىشەنمەي، زادى قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟