النبإ

An-Naba

The Announcement · Surah 78 · Ayahs: 40 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ

    Open ayah 78:1

    ئۇلار نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟

  2. عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلۡعَظِيمِ

    Open ayah 78:2

    ئۇلار ئۆزلىرى ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان (قىيامەتتىن ئىبارەت) چوڭ بىر خەۋەر توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ. [2 _ 3]

  3. ٱلَّذِي هُمۡ فِيهِ مُخۡتَلِفُونَ

    Open ayah 78:3

    ئۇلار ئۆزلىرى ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان (قىيامەتتىن ئىبارەت) چوڭ بىر خەۋەر توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ. [2 _ 3]

  4. كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ

    Open ayah 78:4

    ئەمەلىيەت ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، ئۇلار (قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى) يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.

  5. ثُمَّ كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ

    Open ayah 78:5

    يەنە ئەمەلىيەت ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، ئۇلار (قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى) يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.

  6. أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ مِهَٰدٗا

    Open ayah 78:6

    بىز زېمىننى سېلىنچا قىلمىدۇقمۇ؟

  7. وَٱلۡجِبَالَ أَوۡتَادٗا

    Open ayah 78:7

    (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟

  8. وَخَلَقۡنَٰكُمۡ أَزۡوَٰجٗا

    Open ayah 78:8

    بىز سىلەرنى ئەر _ ئايال قىلىپ ياراتمىدۇقمۇ؟

  9. وَجَعَلۡنَا نَوۡمَكُمۡ سُبَاتٗا

    Open ayah 78:9

    ئۇيقۇڭلارنى (سىلەر ئۈچۈن) راھەت قىلمىدۇقمۇ؟

  10. وَجَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا 

    Open ayah 78:10

    كېچىنى (سىلەرنى يۆگەپ تۇرىدىغان) كىيىم قىلمىدۇقمۇ؟

  11. وَجَعَلۡنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشٗا

    Open ayah 78:11

    كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلمىدۇقمۇ؟

  12. وَبَنَيۡنَا فَوۡقَكُمۡ سَبۡعٗا شِدَادٗا

    Open ayah 78:12

    ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلمىدۇقمۇ؟

  13. وَجَعَلۡنَا سِرَاجٗا وَهَّاجٗا

    Open ayah 78:13

    يېنىپ تۇرغان چىراغ (قۇياش)نى ياراتمىدۇقمۇ؟

  14. وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡمُعۡصِرَٰتِ مَآءٗ ثَجَّاجٗا

    Open ayah 78:14

    ئاشلىقلارنى، ئوت _ چۆپلەرنى ۋە دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرمىدۇقمۇ؟ [14 _ 16]

  15. لِّنُخۡرِجَ بِهِۦ حَبّٗا وَنَبَاتٗا

    Open ayah 78:15

    ئاشلىقلارنى، ئوت _ چۆپلەرنى ۋە دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرمىدۇقمۇ؟ [14 _ 16]

  16. وَجَنَّٰتٍ أَلۡفَافًا

    Open ayah 78:16

    ئاشلىقلارنى، ئوت _ چۆپلەرنى ۋە دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرمىدۇقمۇ؟ [14 _ 16]

  17. إِنَّ يَوۡمَ ٱلۡفَصۡلِ كَانَ مِيقَٰتٗا

    Open ayah 78:17

    (خالايىق ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان (قىيامەت) كۈنى ھەقىقەتەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتۇر.

  18. يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَتَأۡتُونَ أَفۡوَاجٗا

    Open ayah 78:18

    ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىشى بىلەنلا، سىلەر توپ _ توپ بولۇپ كېلىسىلەر.

  19. وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ أَبۡوَٰبٗا

    Open ayah 78:19

    ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ.

  20. وَسُيِّرَتِ ٱلۡجِبَالُ فَكَانَتۡ سَرَابًا 

    Open ayah 78:20

    تاغلار (ئورنىدىن) قوزغۇتۇلۇپ سەراپتەك بولۇپ قالىدۇ.

  21. إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتۡ مِرۡصَادٗا

    Open ayah 78:21

    شەكسىزكى، (ئۇ كۈندە) جەھەننەم (ئۆزىگە كىرىدىغانلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.

  22. لِّلطَّٰغِينَ مَـَٔابٗا

    Open ayah 78:22

    (ئۇ جەھەننەم) ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ بارىدىغان جايىدۇر.

  23. لَّٰبِثِينَ فِيهَآ أَحۡقَابٗا

    Open ayah 78:23

    ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ.

  24. لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرۡدٗا وَلَا شَرَابًا

    Open ayah 78:24

    ئۇلار جەھەننەمدە (ھارارەتتىن) بىرەر سالقىنغا ۋە (ئۇسسۇزلۇقتىن) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ،

  25. إِلَّا حَمِيمٗا وَغَسَّاقٗا

    Open ayah 78:25

    لېكىن ئۇلار يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن يىرىڭنى تېتىيدۇ.

  26. جَزَآءٗ وِفَاقًا

    Open ayah 78:26

    بۇ (ئۇلار ئۈچۈن) مۇۋاپىق جازادۇر.

  27. إِنَّهُمۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ حِسَابٗا

    Open ayah 78:27

    چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشقا ئىشەنمەيتتى.

  28. وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا كِذَّابٗا

    Open ayah 78:28

    ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى.

  29. وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ كِتَٰبٗا

    Open ayah 78:29

    بىز ھەربىر ئىشنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق.

  30. فَذُوقُواْ فَلَن نَّزِيدَكُمۡ إِلَّا عَذَابًا 

    Open ayah 78:30

    (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «ئەمدى سىلەر (بۇ ئازابنى) تېتىڭلار، زادى بىز سىلەرگە ئازابنىلا كۆپەيتىمىز».

  31. إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ مَفَازًا

    Open ayah 78:31

    تەقۋادارلار چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن باغلار، ئۈزۈملەر، كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش ھۆرلەر، (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملار بار. [31 _ 34]

  32. حَدَآئِقَ وَأَعۡنَٰبٗا

    Open ayah 78:32

    تەقۋادارلار چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن باغلار، ئۈزۈملەر، كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش ھۆرلەر، (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملار بار. [31 _ 34]

  33. وَكَوَاعِبَ أَتۡرَابٗا

    Open ayah 78:33

    تەقۋادارلار چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن باغلار، ئۈزۈملەر، كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش ھۆرلەر، (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملار بار. [31 _ 34]

  34. وَكَأۡسٗا دِهَاقٗا

    Open ayah 78:34

    تەقۋادارلار چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن باغلار، ئۈزۈملەر، كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش ھۆرلەر، (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملار بار. [31 _ 34]

  35. لَّا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا كِذَّٰبٗا

    Open ayah 78:35

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ.

  36. جَزَآءٗ مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابٗا

    Open ayah 78:36

    (بۇلارنىڭ ھەممىسى) رەببىڭ — ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان رەھمان ئاللاھ — تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات ۋە يېتەرلىك ئىنئامدۇر. (ئۇ كۈندە) ھېچكىم ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. [36 _ 37]

  37. رَّبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا ٱلرَّحۡمَٰنِۖ لَا يَمۡلِكُونَ مِنۡهُ خِطَابٗا

    Open ayah 78:37

    (بۇلارنىڭ ھەممىسى) رەببىڭ — ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان رەھمان ئاللاھ — تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات ۋە يېتەرلىك ئىنئامدۇر. (ئۇ كۈندە) ھېچكىم ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. [36 _ 37]

  38. يَوۡمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ صَفّٗاۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنۡ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَقَالَ صَوَابٗا

    Open ayah 78:38

    جىبرىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە، رەھمان ئاللاھنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، توغرا (ۋە ھەق) سۆزلىگەنلەردىن باشقا ھېچكىم (بىراۋغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن) گەپ قىلالمايدۇ.

  39. ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلۡحَقُّۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا

    Open ayah 78:39

    ئەنە شۇ چوقۇم كېلىدىغان كۈندۇر. خالىغان ئادەم رەببىگە ئېلىپ بارىدىغان يولنى تۇتسۇن.

  40. إِنَّآ أَنذَرۡنَٰكُمۡ عَذَابٗا قَرِيبٗا يَوۡمَ يَنظُرُ ٱلۡمَرۡءُ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلۡكَافِرُ يَٰلَيۡتَنِي كُنتُ تُرَٰبَۢا 

    Open ayah 78:40

    شەكسىزكى، بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان (ئاخىرەتنىڭ) ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. (ھەربىر) كاپىر: «كاشكى مەن توپا بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەپ كېتىدۇ.