النازعات

An-Naazi'aat

Those who drag forth · Surah 79 · Ayahs: 46 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. وَٱلنَّٰزِعَٰتِ غَرۡقٗا

    Open ayah 79:1

    (كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  2. وَٱلنَّٰشِطَٰتِ نَشۡطٗا

    Open ayah 79:2

    (مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  3. وَٱلسَّٰبِحَٰتِ سَبۡحٗا

    Open ayah 79:3

    (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  4. فَٱلسَّٰبِقَٰتِ سَبۡقٗا

    Open ayah 79:4

    (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن) تېز ئىلگىرىلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  5. فَٱلۡمُدَبِّرَٰتِ أَمۡرٗا

    Open ayah 79:5

    (ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى) ئىجرا قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

  6. يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ

    Open ayah 79:6

    (سۇر بىرىنچى قېتىم چېلىنىشى بىلەن) بارلىق شەيئىلەر تەۋرەپ (ھالاك بولۇپ) كېتىدىغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر). [6 _ 7]

  7. تَتۡبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ

    Open ayah 79:7

    (سۇر بىرىنچى قېتىم چېلىنىشى بىلەن) بارلىق شەيئىلەر تەۋرەپ (ھالاك بولۇپ) كېتىدىغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر). [6 _ 7]

  8. قُلُوبٞ يَوۡمَئِذٖ وَاجِفَةٌ

    Open ayah 79:8

    بۇ كۈندە (كاپىرلارنىڭ) دىللىرى قورقۇنچتىن تىترەپ كېتىدۇ.

  9. أَبۡصَٰرُهَا خَٰشِعَةٞ

    Open ayah 79:9

    (قورققۇچىلارنىڭ) كۆزلىرىدە خارلىق ئەكس ئېتىدۇ.

  10. يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرۡدُودُونَ فِي ٱلۡحَافِرَةِ 

    Open ayah 79:10

    ئۇلار: «بىز (ئۆلگەندىن كېيىن) راستتىنلا ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟

  11. أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا نَّخِرَةٗ

    Open ayah 79:11

    يەنى بىز چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ كەتسەكمۇ شۇنداق بولامدۇ؟» دېيىشىۋاتىدۇ.

  12. قَالُواْ تِلۡكَ إِذٗا كَرَّةٌ خَاسِرَةٞ

    Open ayah 79:12

    ئۇلار يەنە: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ زىيانلىق قايتىش ئىكەنغۇ!» دېدى.

  13. فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ

    Open ayah 79:13

    ئۇ (تىرىلىش) بىر ئاۋاز بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ،

  14. فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ

    Open ayah 79:14

    شۇنىڭ بىلەن ھەممە خالايىق يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ.

  15. هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ

    Open ayah 79:15

    (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

  16. إِذۡ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوًى

    Open ayah 79:16

    ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا تۇۋا[134] دېگەن مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) نىدا قىلغان ئىدى:

    1. تۇۋا_ جاي ئىسمى. تاھا سۈرىسىنىڭ 12 _ ئايىتىگە بەت ئاستىدا بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارالسۇن.
  17. ٱذۡهَبۡ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ

    Open ayah 79:17

    «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.

  18. فَقُلۡ هَل لَّكَ إِلَىٰٓ أَن تَزَكَّىٰ

    Open ayah 79:18

    ئۇنىڭغا: ›سەن (كۇفرىدىن ۋە زۇلۇمدىن) پاك بولۇشنى خالامسەن؟

  19. وَأَهۡدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخۡشَىٰ

    Open ayah 79:19

    سېنى رەببىڭنىڭ يولىغا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، رەببىڭدىن) قورقىدىغان بولىسەن›» دېگىن.

  20. فَأَرَىٰهُ ٱلۡأٓيَةَ ٱلۡكُبۡرَىٰ 

    Open ayah 79:20

    مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى.

  21. فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ

    Open ayah 79:21

    پىرئەۋن مۇسانى ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلدى.

  22. ثُمَّ أَدۡبَرَ يَسۡعَىٰ

    Open ayah 79:22

    ئاندىن ئۇ (مۇسانىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈپ، (ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا) كىرىشىپ كەتتى.

  23. فَحَشَرَ فَنَادَىٰ

    Open ayah 79:23

    ئۇ دەرھال (ئۆز جامائەسىنى) توپلاپ، ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ئالىي رەببىڭلار بولىمەن» دېدى. [23 _ 24]

  24. فَقَالَ أَنَا۠ رَبُّكُمُ ٱلۡأَعۡلَىٰ

    Open ayah 79:24

    ئۇ دەرھال (ئۆز جامائەسىنى) توپلاپ، ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ئالىي رەببىڭلار بولىمەن» دېدى. [23 _ 24]

  25. فَأَخَذَهُ ٱللَّهُ نَكَالَ ٱلۡأٓخِرَةِ وَٱلۡأُولَىٰٓ

    Open ayah 79:25

    ئاللاھ ئۇنى كېيىنكى ۋە ئىلگىرىكى (كۇفرى سۆزىنىڭ) [135] گۇناھى ئۈچۈن قاتتىق جازالىدى.

    1. پىرئەۋن ئىككى قېتىم ئۆزىنى مىسىر خەلقىنىڭ ئىلاھى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
  26. إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّمَن يَخۡشَىٰٓ

    Open ayah 79:26

    شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.

  27. ءَأَنتُمۡ أَشَدُّ خَلۡقًا أَمِ ٱلسَّمَآءُۚ بَنَىٰهَا

    Open ayah 79:27

    سىلەرنى يارىتىش قىيىنمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى،

  28. رَفَعَ سَمۡكَهَا فَسَوَّىٰهَا

    Open ayah 79:28

    ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك ۋە كەم –كوتىسىز قىلدى،

  29. وَأَغۡطَشَ لَيۡلَهَا وَأَخۡرَجَ ضُحَىٰهَا

    Open ayah 79:29

    ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى.

  30. وَٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ دَحَىٰهَآ 

    Open ayah 79:30

    شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ياشاشقا لايىق قىلىپ) يايدى.

  31. أَخۡرَجَ مِنۡهَا مَآءَهَا وَمَرۡعَىٰهَا

    Open ayah 79:31

    سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى، تاغلارنى مۇستەھكەم قىلىپ ئورناتتى. [31 _ 33]

  32. وَٱلۡجِبَالَ أَرۡسَىٰهَا

    Open ayah 79:32

    سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى، تاغلارنى مۇستەھكەم قىلىپ ئورناتتى. [31 _ 33]

  33. مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ

    Open ayah 79:33

    سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى، تاغلارنى مۇستەھكەم قىلىپ ئورناتتى. [31 _ 33]

  34. فَإِذَا جَآءَتِ ٱلطَّآمَّةُ ٱلۡكُبۡرَىٰ

    Open ayah 79:34

    ئەڭ چوڭ پالاكەت (قىيامەت) كەلگەن كۈندە، ئىنسان قىلغان (ياخشى _ يامان) ئىشلىرىنى ئەسلەيدۇ. [34 _ 35]

  35. يَوۡمَ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ مَا سَعَىٰ

    Open ayah 79:35

    ئەڭ چوڭ پالاكەت (قىيامەت) كەلگەن كۈندە، ئىنسان قىلغان (ياخشى _ يامان) ئىشلىرىنى ئەسلەيدۇ. [34 _ 35]

  36. وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ

    Open ayah 79:36

    كۆرىدىغان ئادەمگە جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ.

  37. فَأَمَّا مَن طَغَىٰ

    Open ayah 79:37

    كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن،

  38. وَءَاثَرَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا

    Open ayah 79:38

    دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن،

  39. فَإِنَّ ٱلۡجَحِيمَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ

    Open ayah 79:39

    ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ.

  40. وَأَمَّا مَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفۡسَ عَنِ ٱلۡهَوَىٰ 

    Open ayah 79:40

    رەببىنىڭ ماقامىدىن (يەنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ. [40 _ 41]

  41. فَإِنَّ ٱلۡجَنَّةَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ

    Open ayah 79:41

    رەببىنىڭ ماقامىدىن (يەنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ. [40 _ 41]

  42. يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرۡسَىٰهَا

    Open ayah 79:42

    ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ.

  43. فِيمَ أَنتَ مِن ذِكۡرَىٰهَآ

    Open ayah 79:43

    سەن ئۇنى قانداقمۇ دەپ بېرەلەيسەن؟

  44. إِلَىٰ رَبِّكَ مُنتَهَىٰهَآ

    Open ayah 79:44

    ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىش رەببىڭگە خاستۇر.

  45. إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرُ مَن يَخۡشَىٰهَا

    Open ayah 79:45

    سەن پەقەتلا قىيامەتتىن قورقىدىغان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.

  46. كَأَنَّهُمۡ يَوۡمَ يَرَوۡنَهَا لَمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا عَشِيَّةً أَوۡ ضُحَىٰهَا

    Open ayah 79:46

    ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، ئۆزىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەكلا ھېس قىلىدۇ.