عبس
Abasa
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ
Open ayah 80:1ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن چىرايىنى پۈرۈشتۈردى ۋە تەتۈر قارىدى. [1 _ 2]
أَن جَآءَهُ ٱلۡأَعۡمَىٰ
Open ayah 80:2ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن چىرايىنى پۈرۈشتۈردى ۋە تەتۈر قارىدى. [1 _ 2]
وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ
Open ayah 80:3(ئى پەيغەمبەر!) سەن نېمە بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ (سېنىڭ سۆھبىتىڭ سايىسىدا گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىپ قېلىشى ياكى ۋەز _ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. [3 _ 4]
أَوۡ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكۡرَىٰٓ
Open ayah 80:4(ئى پەيغەمبەر!) سەن نېمە بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ (سېنىڭ سۆھبىتىڭ سايىسىدا گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىپ قېلىشى ياكى ۋەز _ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. [3 _ 4]
أَمَّا مَنِ ٱسۡتَغۡنَىٰ
Open ayah 80:5ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن (ئۇنى ئىمان ئېيتىپ قالارمىكىن دەپ) ئۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىسەن. [5 _ 6]
فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ
Open ayah 80:6ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن (ئۇنى ئىمان ئېيتىپ قالارمىكىن دەپ) ئۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىسەن. [5 _ 6]
وَمَا عَلَيۡكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ
Open ayah 80:7ئۇ (كۇفرىدىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟
وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسۡعَىٰ
Open ayah 80:8ئاللاھتىن قورقۇپ سېنىڭ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا قارىمايۋاتىسەن. [8 _ 10]
وَهُوَ يَخۡشَىٰ
Open ayah 80:9ئاللاھتىن قورقۇپ سېنىڭ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا قارىمايۋاتىسەن. [8 _ 10]
فَأَنتَ عَنۡهُ تَلَهَّىٰ
Open ayah 80:10ئاللاھتىن قورقۇپ سېنىڭ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا قارىمايۋاتىسەن. [8 _ 10]
كَلَّآ إِنَّهَا تَذۡكِرَةٞ
Open ayah 80:11سەن ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەز-نەسىھەتتۇر.
فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ
Open ayah 80:12خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.
فِي صُحُفٖ مُّكَرَّمَةٖ
Open ayah 80:13بۇ (ئايەتلەر) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچى (پەرىشتە) لەرنىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر. [13 _ 16]
مَّرۡفُوعَةٖ مُّطَهَّرَةِۭ
Open ayah 80:14بۇ (ئايەتلەر) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچى (پەرىشتە) لەرنىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر. [13 _ 16]
بِأَيۡدِي سَفَرَةٖ
Open ayah 80:15بۇ (ئايەتلەر) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچى (پەرىشتە) لەرنىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر. [13 _ 16]
كِرَامِۭ بَرَرَةٖ
Open ayah 80:16بۇ (ئايەتلەر) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچى (پەرىشتە) لەرنىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر. [13 _ 16]
قُتِلَ ٱلۡإِنسَٰنُ مَآ أَكۡفَرَهُۥ
Open ayah 80:17(كۇفرىلىق قىلغان) ئىنسانغا لەنەت بولسۇن، ئۇ نېمىدېگەن تۇزكور!
مِنۡ أَيِّ شَيۡءٍ خَلَقَهُۥ
Open ayah 80:18ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟
مِن نُّطۡفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ
Open ayah 80:19ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئاندىن (ئۇنىڭ ئەزالىرىنى) ئۆلچەملىك قىلدى.
ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ
Open ayah 80:20ئاندىن ئۇنىڭغا يولىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەردى.
ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقۡبَرَهُۥ
Open ayah 80:21ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرۇپ، قەبرىگە كىرگۈزدى.
ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ
Open ayah 80:22ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ.
كَلَّا لَمَّا يَقۡضِ مَآ أَمَرَهُۥ
Open ayah 80:23ياق! (ئەمەلىيەت ئۇ كاپىر ئىنسان گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇندىمىدى.
فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ
Open ayah 80:24ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە قاراپ باقسۇن.
أَنَّا صَبَبۡنَا ٱلۡمَآءَ صَبّٗا
Open ayah 80:25شەكسىزكى، بىز مول يامغۇر ياغدۇردۇق،
ثُمَّ شَقَقۡنَا ٱلۡأَرۡضَ شَقّٗا
Open ayah 80:26ئاندىن زېمىننى (ئۆسۈملۈكلەر بىلەن) ياردۇق.
فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا حَبّٗا
Open ayah 80:27سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتلەرنى، ئۈزۈمنى، يېشىل ئوتلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت _ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. [27 _ 32]
وَعِنَبٗا وَقَضۡبٗا
Open ayah 80:28سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتلەرنى، ئۈزۈمنى، يېشىل ئوتلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت _ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. [27 _ 32]
وَزَيۡتُونٗا وَنَخۡلٗا
Open ayah 80:29سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتلەرنى، ئۈزۈمنى، يېشىل ئوتلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت _ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. [27 _ 32]
وَحَدَآئِقَ غُلۡبٗا
Open ayah 80:30سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتلەرنى، ئۈزۈمنى، يېشىل ئوتلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت _ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. [27 _ 32]
وَفَٰكِهَةٗ وَأَبّٗا
Open ayah 80:31سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتلەرنى، ئۈزۈمنى، يېشىل ئوتلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت _ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. [27 _ 32]
مَّتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ
Open ayah 80:32سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتلەرنى، ئۈزۈمنى، يېشىل ئوتلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت _ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. [27 _ 32]
فَإِذَا جَآءَتِ ٱلصَّآخَّةُ
Open ayah 80:33(قۇلاقلارنى گاس قىلىۋېتىدىغان) قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا[136]، (يۈز بېرىدىغان قىيامەت) كۈنىدە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ. [33 _ 36]
- بۇ يەردىكى قاتتىق ئاۋازدىن قىيامەت كۈنى ئىنسانلار تىرىلىش ئالدىدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۇر چالغان ئاۋازى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
يَوۡمَ يَفِرُّ ٱلۡمَرۡءُ مِنۡ أَخِيهِ
Open ayah 80:34(قۇلاقلارنى گاس قىلىۋېتىدىغان) قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا[136]، (يۈز بېرىدىغان قىيامەت) كۈنىدە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ. [33 _ 36]
- بۇ يەردىكى قاتتىق ئاۋازدىن قىيامەت كۈنى ئىنسانلار تىرىلىش ئالدىدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۇر چالغان ئاۋازى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ
Open ayah 80:35(قۇلاقلارنى گاس قىلىۋېتىدىغان) قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا[136]، (يۈز بېرىدىغان قىيامەت) كۈنىدە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ. [33 _ 36]
- بۇ يەردىكى قاتتىق ئاۋازدىن قىيامەت كۈنى ئىنسانلار تىرىلىش ئالدىدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۇر چالغان ئاۋازى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
وَصَٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ
Open ayah 80:36(قۇلاقلارنى گاس قىلىۋېتىدىغان) قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا[136]، (يۈز بېرىدىغان قىيامەت) كۈنىدە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ. [33 _ 36]
- بۇ يەردىكى قاتتىق ئاۋازدىن قىيامەت كۈنى ئىنسانلار تىرىلىش ئالدىدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۇر چالغان ئاۋازى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
لِكُلِّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ يَوۡمَئِذٖ شَأۡنٞ يُغۡنِيهِ
Open ayah 80:37ئۇ كۈندە ھەربىر ئادەم ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ (باشقىلارغا قارىغۇدەك ھالى قالمايدۇ).
وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ مُّسۡفِرَةٞ
Open ayah 80:38ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال _ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. [38 _ 39]
ضَاحِكَةٞ مُّسۡتَبۡشِرَةٞ
Open ayah 80:39ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال _ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. [38 _ 39]
وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ عَلَيۡهَا غَبَرَةٞ
Open ayah 80:40يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر چاڭ _ توزان بېسىپ، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. [40 _ 41]
تَرۡهَقُهَا قَتَرَةٌ
Open ayah 80:41يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر چاڭ _ توزان بېسىپ، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. [40 _ 41]
أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَفَرَةُ ٱلۡفَجَرَةُ
Open ayah 80:42ئەنە شۇلار كاپىرلاردۇر، گۇناھكارلاردۇر.