التكوير
At-Takwir
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِذَا ٱلشَّمۡسُ كُوِّرَتۡ
Open ayah 81:1كۈننىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتۡ
Open ayah 81:2يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ سُيِّرَتۡ
Open ayah 81:3تاغلار سۈردۈرۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡعِشَارُ عُطِّلَتۡ
Open ayah 81:4بوغاز تۆگىلەر ئىگىسىز تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡوُحُوشُ حُشِرَتۡ
Open ayah 81:5ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ سُجِّرَتۡ
Open ayah 81:6دېڭىزلار ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ
Open ayah 81:7جانلار (تەنلەر بىلەن) قوشۇلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡمَوۡءُۥدَةُ سُئِلَتۡ
Open ayah 81:8تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بوۋاقتىن: «سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟» دەپ سورالغان چاغدا، [8 _ 9]
بِأَيِّ ذَنۢبٖ قُتِلَتۡ
Open ayah 81:9تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بوۋاقتىن: «سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟» دەپ سورالغان چاغدا، [8 _ 9]
وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتۡ
Open ayah 81:10(نامە _ ئەمەل) دەپتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتۡ
Open ayah 81:11ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡجَحِيمُ سُعِّرَتۡ
Open ayah 81:12دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡجَنَّةُ أُزۡلِفَتۡ
Open ayah 81:13جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،
عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّآ أَحۡضَرَتۡ
Open ayah 81:14ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ (ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن) نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلىدۇ.
فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلۡخُنَّسِ
Open ayah 81:15كۈندۈزى كۆرۈنمەيدىغان ۋە پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن، [15 _ 16]
ٱلۡجَوَارِ ٱلۡكُنَّسِ
Open ayah 81:16كۈندۈزى كۆرۈنمەيدىغان ۋە پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن، [15 _ 16]
وَٱلَّيۡلِ إِذَا عَسۡعَسَ
Open ayah 81:17قاراڭغۇلۇقنى ئېلىپ كەلگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلصُّبۡحِ إِذَا تَنَفَّسَ
Open ayah 81:18يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ
Open ayah 81:19ئەلۋەتتە بۇ (قۇرئان) ھۆرمەتلىك بىر ئەلچى (جىبرىل ئاللاھتىن) ئېلىپ كەلگەن سۆزدۇر.
ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي ٱلۡعَرۡشِ مَكِينٖ
Open ayah 81:20(ئۇ ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ ئىگىسى (بولغان ئاللاھ)نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر.
مُّطَاعٖ ثَمَّ أَمِينٖ
Open ayah 81:21ئۇ بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) ئىتائەت قىلىنغۇچىدۇر، (ۋەھيىگە) ئىشەنچلىكتۇر.
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجۡنُونٖ
Open ayah 81:22سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد) مەجنۇن ئەمەس.
وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ
Open ayah 81:23شەكسىزكى، ئۇ جىبرىلنى روشەن ئۇپۇقتا كۆردى.
وَمَا هُوَ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ بِضَنِينٖ
Open ayah 81:24ئۇ غەيىبكە (يەنى ۋەھيىنى يەتكۈزۈشكە) بېخىل ئەمەستۇر.
وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٖ
Open ayah 81:25بۇ (قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر.
فَأَيۡنَ تَذۡهَبُونَ
Open ayah 81:26(شۇنداق تۇرسا)، سىلەر نەگە كېتىپ بارىسىلەر؟
إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 81:27بۇ (قۇرئان) پۈتۈن ئالەملەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى توغرا يولدا بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن پەقەتلا ۋەز-نەسىھەتتۇر. [27 _ 28]
لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ
Open ayah 81:28بۇ (قۇرئان) پۈتۈن ئالەملەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى توغرا يولدا بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن پەقەتلا ۋەز-نەسىھەتتۇر. [27 _ 28]
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 81:29پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ خالىغان چاغدىلا سىلەر (شۇ يولنى تۇتۇشنى) خالىيالايسىلەر.