الإنفطار
Al-Infitaar
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتۡ
Open ayah 82:1ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتۡ
Open ayah 82:2يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ فُجِّرَتۡ
Open ayah 82:3دېڭىزلار پارتلاپ بىر _ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلۡقُبُورُ بُعۡثِرَتۡ
Open ayah 82:4قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (تىرىلدۈرۈلۈپ) چىقىرىلغان چاغدا،
عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ وَأَخَّرَتۡ
Open ayah 82:5ھەربىر ئادەم ئىلگىرى _ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلۡكَرِيمِ
Open ayah 82:6ئى (كاپىر) ئىنسان! سېنى يارىتىپ، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلغان، سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزگەن كەرەملىك رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلىشقا سېنى نېمە ئالداپ قويدى؟ [6 _ 8]
ٱلَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ
Open ayah 82:7ئى (كاپىر) ئىنسان! سېنى يارىتىپ، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلغان، سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزگەن كەرەملىك رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلىشقا سېنى نېمە ئالداپ قويدى؟ [6 _ 8]
فِيٓ أَيِّ صُورَةٖ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ
Open ayah 82:8ئى (كاپىر) ئىنسان! سېنى يارىتىپ، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلغان، سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزگەن كەرەملىك رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلىشقا سېنى نېمە ئالداپ قويدى؟ [6 _ 8]
كَلَّا بَلۡ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ
Open ayah 82:9(ئى كاپىرلار!) ئەمەلىيەت ھەرگىز سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى سىلەر ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر.
وَإِنَّ عَلَيۡكُمۡ لَحَٰفِظِينَ
Open ayah 82:10شەكسىزكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى، (قىلمىشىڭلارنى) يېزىپ تۇرغۇچى، ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بار. [10 _ 11]
كِرَامٗا كَٰتِبِينَ
Open ayah 82:11شەكسىزكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى، (قىلمىشىڭلارنى) يېزىپ تۇرغۇچى، ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بار. [10 _ 11]
يَعۡلَمُونَ مَا تَفۡعَلُونَ
Open ayah 82:12ئۇلار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٖ
Open ayah 82:13شەكسىزكى، ياخشىلار ئەلۋەتتە جەننەتتە بولىدۇ.
وَإِنَّ ٱلۡفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٖ
Open ayah 82:14گۇناھكارلار چوقۇم دوزاختا بولىدۇ.
يَصۡلَوۡنَهَا يَوۡمَ ٱلدِّينِ
Open ayah 82:15ئۇلار ئۇ دوزاخقا قىيامەت كۈنى كىرىدۇ.
وَمَا هُمۡ عَنۡهَا بِغَآئِبِينَ
Open ayah 82:16ئۇلار دوزاختىن (ھېچقاچان) ئايرىلالمايدۇ.
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ
Open ayah 82:17سەن قىيامەت كۈنىنىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكنى بىلەمسەن؟
ثُمَّ مَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ
Open ayah 82:18راستتىنلا سەن قىيامەت كۈنىنىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكنى بىلەمسەن؟
يَوۡمَ لَا تَمۡلِكُ نَفۡسٞ لِّنَفۡسٖ شَيۡـٔٗاۖ وَٱلۡأَمۡرُ يَوۡمَئِذٖ لِّلَّهِ
Open ayah 82:19ئۇ ھېچكىم ھېچكىمگە قىلچە ئىگە بولالمايدىغان كۈندۇر، ئۇ كۈندە ھۆكۈم قىلىش تامامەن ئاللاھقا خاستۇر.