المطففين

Al-Mutaffifin

Defrauding · Surah 83 · Ayahs: 36 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. وَيۡلٞ لِّلۡمُطَفِّفِينَ

    Open ayah 83:1

    (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەر قاتتىق ئازابقا دۇچار بولسۇن!

  2. ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكۡتَالُواْ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسۡتَوۡفُونَ

    Open ayah 83:2

    ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغاندا تولۇق ئالىدۇ،

  3. وَإِذَا كَالُوهُمۡ أَو وَّزَنُوهُمۡ يُخۡسِرُونَ

    Open ayah 83:3

    كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە بولسا كەم بېرىدۇ.

  4. أَلَا يَظُنُّ أُوْلَٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبۡعُوثُونَ

    Open ayah 83:4

    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ [4 _ 5]

  5. لِيَوۡمٍ عَظِيمٖ

    Open ayah 83:5

    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ [4 _ 5]

  6. يَوۡمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 83:6

    ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ.

  7. كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٖ

    Open ayah 83:7

    ھەقىقەت شۇكى، گۇناھكارلارنىڭ نامە _ ئەمەلى چوقۇم «سىججىن»دا بولىدۇ.

  8. وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سِجِّينٞ

    Open ayah 83:8

    «سىججىن»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟

  9. كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ

    Open ayah 83:9

    ئۇ (گۇناھكارلارنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر.

  10. وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ 

    Open ayah 83:10

    قىيامەت كۈنىنى يالغان دەيدىغان ئىنكارچىلارنىڭ بۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي! [10 _ 11]

  11. ٱلَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ

    Open ayah 83:11

    قىيامەت كۈنىنى يالغان دەيدىغان ئىنكارچىلارنىڭ بۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي! [10 _ 11]

  12. وَمَا يُكَذِّبُ بِهِۦٓ إِلَّا كُلُّ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ

    Open ayah 83:12

    ئۇنى پەقەت ھەددىدىن ئاشقان، گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ.

  13. إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 83:13

    ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇ: «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دەيدۇ.

  14. كَلَّاۖ بَلۡۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

    Open ayah 83:14

    ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەنلەردۇر.

  15. كَلَّآ إِنَّهُمۡ عَن رَّبِّهِمۡ يَوۡمَئِذٖ لَّمَحۡجُوبُونَ

    Open ayah 83:15

    ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار ئۇ كۈندە رەببىنى كۆرۈشتىن چوقۇم مەنئى قىلىنغۇچىلاردۇر.

  16. ثُمَّ إِنَّهُمۡ لَصَالُواْ ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 83:16

    ئاندىن ئۇلار ئەلۋەتتە دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر.

  17. ثُمَّ يُقَالُ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

    Open ayah 83:17

    ئاندىن (ئۇلارغا): «سىلەر ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان (ئازاب) مانا مۇشۇدۇر» دېيىلىدۇ.

  18. كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡأَبۡرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ

    Open ayah 83:18

    شەكسىزكى، ياخشىلارنىڭ نامە _ ئەمەلى چوقۇم «ئىللىييۇن»دا بولىدۇ.

  19. وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا عِلِّيُّونَ

    Open ayah 83:19

    «ئىللىييۇن»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟

  20. كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ 

    Open ayah 83:20

    (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر.

  21. يَشۡهَدُهُ ٱلۡمُقَرَّبُونَ

    Open ayah 83:21

    ئۇنىڭغا ئاللاھقا يېقىن بولغانلار (يۇقىرى مەرتىۋىلىك) پەرىشتىلىرى شاھىت بولىدۇ.

  22. إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٍ

    Open ayah 83:22

    ھەقىقەت شۇكى، ياخشىلار ئەلۋەتتە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ.

  23. عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ

    Open ayah 83:23

    ئۇلار تەختلەردە ئولتۇرۇپ (بۇ نېمەتلەرگە) نەزەر سالىدۇ.

  24. تَعۡرِفُ فِي وُجُوهِهِمۡ نَضۡرَةَ ٱلنَّعِيمِ

    Open ayah 83:24

    ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن نېمەتنىڭ خۇشاللىق ئىپادىلىرىنى كۆرىسەن.

  25. يُسۡقَوۡنَ مِن رَّحِيقٖ مَّخۡتُومٍ

    Open ayah 83:25

    ئۇلار ئېغىزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ.

  26. خِتَٰمُهُۥ مِسۡكٞۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلۡيَتَنَافَسِ ٱلۡمُتَنَٰفِسُونَ

    Open ayah 83:26

    ئۇنىڭ پېچىتى ئىپاردۇر. (ياخشى ئىشلاردا) بەسلەشمەكچى بولغانلار پەقەت بۇ نېمەتلەرگە (ئېرىشىش ئۈچۈن) بەسلەشسۇن!

  27. وَمِزَاجُهُۥ مِن تَسۡنِيمٍ

    Open ayah 83:27

    ئۇ شارابقا «تەسنىم» سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.

  28. عَيۡنٗا يَشۡرَبُ بِهَا ٱلۡمُقَرَّبُونَ

    Open ayah 83:28

    «تەسنىم» جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ.

  29. إِنَّ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْ كَانُواْ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يَضۡحَكُونَ

    Open ayah 83:29

    كاپىرلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى.

  30. وَإِذَا مَرُّواْ بِهِمۡ يَتَغَامَزُونَ 

    Open ayah 83:30

    (مۇئمىنلەر) ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى.

  31. وَإِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمُ ٱنقَلَبُواْ فَكِهِينَ

    Open ayah 83:31

    ئۆيلىرىگە قايتقاندا (ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، قىلمىشلىرىدىن) ھۇزۇرلانغان ھالدا قايتىشاتتى.

  32. وَإِذَا رَأَوۡهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَضَآلُّونَ

    Open ayah 83:32

    ئۇلار مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئازغۇنلاردۇر» دېيىشەتتى.

  33. وَمَآ أُرۡسِلُواْ عَلَيۡهِمۡ حَٰفِظِينَ

    Open ayah 83:33

    ھالبۇكى، ئۇ كاپىرلار مۇئمىنلەرگە كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتىلمىگەن.

  34. فَٱلۡيَوۡمَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنَ ٱلۡكُفَّارِ يَضۡحَكُونَ

    Open ayah 83:34

    ئەمدى بۈگۈن مۇئمىنلەر كاپىرلارنىڭ (دوزاختىكى) ھالىغا كۈلۈشىدۇ.

  35. عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ

    Open ayah 83:35

    ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە (ئۆزلىرىگە تەييارلانغان جەننەت نېمەتلىرىگە) قاراپ ئولتۇرىدۇ.

  36. هَلۡ ثُوِّبَ ٱلۡكُفَّارُ مَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ

    Open ayah 83:36

    كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى راستتىنلا بېرىلدىمۇ؟ (ئەلۋەتتە بېرىلدى).