الإنشقاق

Al-Inshiqaaq

The Splitting Open · Surah 84 · Ayahs: 25 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنشَقَّتۡ

    Open ayah 84:1

    ئاسمان يېرىلغان، رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە (شۇنداق قىلىشقا) لايىق بولغان چاغدا، [1 _ 2]

  2. وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ

    Open ayah 84:2

    ئاسمان يېرىلغان، رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە (شۇنداق قىلىشقا) لايىق بولغان چاغدا، [1 _ 2]

  3. وَإِذَا ٱلۡأَرۡضُ مُدَّتۡ

    Open ayah 84:3

    زېمىن سوزۇلغان، قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان، رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە (شۇنداق قىلىشقا) لايىق بولغان چاغدا، (ھەربىر ئادەم ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ). [3 _ 5]

  4. وَأَلۡقَتۡ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتۡ

    Open ayah 84:4

    زېمىن سوزۇلغان، قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان، رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە (شۇنداق قىلىشقا) لايىق بولغان چاغدا، (ھەربىر ئادەم ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ). [3 _ 5]

  5. وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ

    Open ayah 84:5

    زېمىن سوزۇلغان، قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان، رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە (شۇنداق قىلىشقا) لايىق بولغان چاغدا، (ھەربىر ئادەم ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ). [3 _ 5]

  6. يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدۡحٗا فَمُلَٰقِيهِ

    Open ayah 84:6

    ئى ئىنسان! شەكسىزكى، سەن رەببىڭنىڭ ئالدىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن.

  7. فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ

    Open ayah 84:7

    نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، [7 _ 8]

  8. فَسَوۡفَ يُحَاسَبُ حِسَابٗا يَسِيرٗا

    Open ayah 84:8

    نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، [7 _ 8]

  9. وَيَنقَلِبُ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورٗا

    Open ayah 84:9

    ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال _ خۇرام قايتىدۇ.

  10. وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ وَرَآءَ ظَهۡرِهِۦ 

    Open ayah 84:10

    نامە _ ئەمەلى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ «ۋاي ئۆلۈپلا قۇتۇلسامچۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. [10 _ 12]

  11. فَسَوۡفَ يَدۡعُواْ ثُبُورٗا

    Open ayah 84:11

    نامە _ ئەمەلى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ «ۋاي ئۆلۈپلا قۇتۇلسامچۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. [10 _ 12]

  12. وَيَصۡلَىٰ سَعِيرًا

    Open ayah 84:12

    نامە _ ئەمەلى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ «ۋاي ئۆلۈپلا قۇتۇلسامچۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. [10 _ 12]

  13. إِنَّهُۥ كَانَ فِيٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورًا

    Open ayah 84:13

    شەكسىزكى، ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد _ خۇرام ئىدى.

  14. إِنَّهُۥ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ

    Open ayah 84:14

    ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ ئويلايتتى.

  15. بَلَىٰٓۚ إِنَّ رَبَّهُۥ كَانَ بِهِۦ بَصِيرٗا

    Open ayah 84:15

    ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس ئىدى، رەببى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.

  16. فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلشَّفَقِ

    Open ayah 84:16

    (كەچكى) شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [16 _ 18]

  17. وَٱلَّيۡلِ وَمَا وَسَقَ

    Open ayah 84:17

    (كەچكى) شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [16 _ 18]

  18. وَٱلۡقَمَرِ إِذَا ٱتَّسَقَ

    Open ayah 84:18

    (كەچكى) شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [16 _ 18]

  19. لَتَرۡكَبُنَّ طَبَقًا عَن طَبَقٖ

    Open ayah 84:19

    سىلەر ئەلۋەتتە بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر.

  20. فَمَا لَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ 

    Open ayah 84:20

    (ھەقىقەت ئوپئوچۇق تۇرسا) ئۇلار نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟

  21. وَإِذَا قُرِئَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقُرۡءَانُ لَا يَسۡجُدُونَۤ۩

    Open ayah 84:21

    ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟

  22. بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُكَذِّبُونَ

    Open ayah 84:22

    بەلكى كاپىرلار (قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدۇ.

  23. وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُوعُونَ

    Open ayah 84:23

    ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ.

  24. فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

    Open ayah 84:24

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.

  25. إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونِۭ

    Open ayah 84:25

    لېكىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۈزۈلمەس مۇكاپات بار.