البروج
Al-Burooj
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلۡبُرُوجِ
Open ayah 85:1بۇرجلار (ئوربىتىلار) ئورۇن ئالغان ئاسمان بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنى بىلەن، (ئۇ كۈندە) گۇۋاھ بولغۇچى ۋە گۇۋاھ قىلىنغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [1 _ 3]
وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡمَوۡعُودِ
Open ayah 85:2بۇرجلار (ئوربىتىلار) ئورۇن ئالغان ئاسمان بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنى بىلەن، (ئۇ كۈندە) گۇۋاھ بولغۇچى ۋە گۇۋاھ قىلىنغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [1 _ 3]
وَشَاهِدٖ وَمَشۡهُودٖ
Open ayah 85:3بۇرجلار (ئوربىتىلار) ئورۇن ئالغان ئاسمان بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنى بىلەن، (ئۇ كۈندە) گۇۋاھ بولغۇچى ۋە گۇۋاھ قىلىنغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [1 _ 3]
قُتِلَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأُخۡدُودِ
Open ayah 85:4لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرى ھالاك قىلىندى. [4 _ 5]
ٱلنَّارِ ذَاتِ ٱلۡوَقُودِ
Open ayah 85:5لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرى ھالاك قىلىندى. [4 _ 5]
إِذۡ هُمۡ عَلَيۡهَا قُعُودٞ
Open ayah 85:6ئۇ چاغدا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ لېۋىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ (تاماشا قىلىپ) ئولتۇراتتى. [6 _ 7]
وَهُمۡ عَلَىٰ مَا يَفۡعَلُونَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ شُهُودٞ
Open ayah 85:7ئۇ چاغدا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ لېۋىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ (تاماشا قىلىپ) ئولتۇراتتى. [6 _ 7]
وَمَا نَقَمُواْ مِنۡهُمۡ إِلَّآ أَن يُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ
Open ayah 85:8(ئۇ زالىملار) مۇئمىنلەردىن پەقەت ئۇلارنىڭ غالىب، مەدھىيەگە لايىق، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆچ ئالغان ئىدى. ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [8 _ 9]
ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
Open ayah 85:9(ئۇ زالىملار) مۇئمىنلەردىن پەقەت ئۇلارنىڭ غالىب، مەدھىيەگە لايىق، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆچ ئالغان ئىدى. ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [8 _ 9]
إِنَّ ٱلَّذِينَ فَتَنُواْ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ ثُمَّ لَمۡ يَتُوبُواْ فَلَهُمۡ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمۡ عَذَابُ ٱلۡحَرِيقِ
Open ayah 85:10مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلمىغانلار، شەكسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡكَبِيرُ
Open ayah 85:11ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شەكسىزكى، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. مانا بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
إِنَّ بَطۡشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
Open ayah 85:12شەكسىزكى، رەببىڭنىڭ جازاسى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.
إِنَّهُۥ هُوَ يُبۡدِئُ وَيُعِيدُ
Open ayah 85:13ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەۋجۇداتنى) يوقتىن بار قىلىدىغان، (ئىنسانلارنى ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتقا) قايتۇرىدىغان زاتتۇر.
وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلۡوَدُودُ
Open ayah 85:14ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئىمان ئېيتقانلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر،
ذُو ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡمَجِيدُ
Open ayah 85:15ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، بەكمۇ ئۇلۇغدۇر،
فَعَّالٞ لِّمَا يُرِيدُ
Open ayah 85:16خالىغىنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىدۇر.
هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡجُنُودِ
Open ayah 85:17(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ئۇ لەشكەرلەرنىڭ — پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ (ھالاكەت) خەۋىرى كەلدىمۇ؟ [17 _ 18]
فِرۡعَوۡنَ وَثَمُودَ
Open ayah 85:18(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ئۇ لەشكەرلەرنىڭ — پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ (ھالاكەت) خەۋىرى كەلدىمۇ؟ [17 _ 18]
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي تَكۡذِيبٖ
Open ayah 85:19بەلكى كاپىرلار (بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماقتا يوق، داۋاملىق ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر.
وَٱللَّهُ مِن وَرَآئِهِم مُّحِيطُۢ
Open ayah 85:20ئاللاھ ئۇلارنى (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن ھەرتەرەپتىن) قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
بَلۡ هُوَ قُرۡءَانٞ مَّجِيدٞ
Open ayah 85:21(ئۇ مۇشرىكلار تۆھمەت قىلغاندەك شېئىر ياكى سېھىر ئەمەس) بەلكى ئۇ لەۋھۇلمەھفۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. [21 _ 22]
فِي لَوۡحٖ مَّحۡفُوظِۭ
Open ayah 85:22(ئۇ مۇشرىكلار تۆھمەت قىلغاندەك شېئىر ياكى سېھىر ئەمەس) بەلكى ئۇ لەۋھۇلمەھفۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. [21 _ 22]