الطارق
At-Taariq
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ
Open ayah 86:1ئاسمان بىلەن ۋە تۈندە چاقنىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ
Open ayah 86:2(ئى پەيغەمبەر!) سەن تۈندە چاقنىغۇچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
ٱلنَّجۡمُ ٱلثَّاقِبُ
Open ayah 86:3ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر.
إِن كُلُّ نَفۡسٖ لَّمَّا عَلَيۡهَا حَافِظٞ
Open ayah 86:4ھەربىر ئادەمنىڭ ئۈستىدە كۆزەتچى (پەرىشتە) بار.
فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ مِمَّ خُلِقَ
Open ayah 86:5ئىنسان ئۆزىنىڭ نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قاراپ باقسۇن.
خُلِقَ مِن مَّآءٖ دَافِقٖ
Open ayah 86:6ئۇ ئومۇرتقا بىلەن كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان مەنىيدىن يارىتىلغان. [6 _ 7]
يَخۡرُجُ مِنۢ بَيۡنِ ٱلصُّلۡبِ وَٱلتَّرَآئِبِ
Open ayah 86:7ئۇ ئومۇرتقا بىلەن كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان مەنىيدىن يارىتىلغان. [6 _ 7]
إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجۡعِهِۦ لَقَادِرٞ
Open ayah 86:8شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇنى (ئۆلگىنىدىن كېيىن ھاياتقا) قايتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر.
يَوۡمَ تُبۡلَى ٱلسَّرَآئِرُ
Open ayah 86:9سىرلار ئاشكارىلىنىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە،
فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٖ وَلَا نَاصِرٖ
Open ayah 86:10ئۇ ئىنسانغا (ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق كۈچ ۋە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ.
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجۡعِ
Open ayah 86:11قايتۇرىدىغان[137] ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىمەن،
- ئايەتتىكى﴿الرجع﴾ دېگەن سۆز (ئىنگىلىزچىدە return) «باشلانغان يېرىگە قايتۇرۇش»، «كەلگەن يېرىگە ياندۇرۇش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ دېگەنلىك بىر نەرسىنى كەلگەن يېرىگە كەلگەن يولى بىلەن قايتۇرۇۋېتىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سادانىڭ قايتقىنىغا، رادىيو دولقۇنلىرىنىڭ قايتقىنىغا، زېمىندىن پارغا ئايلىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەن سۇنىڭ يەنە زېمىنغا يامغۇر بولۇپ قايتقىنىغا ئوخشاش قايتىشتۇر. شۇڭا بۇ ئايەتتە ئاسمان «قايتۇرغۇچى» دەپ سۈپەتلەنگەن.
وَٱلۡأَرۡضِ ذَاتِ ٱلصَّدۡعِ
Open ayah 86:12بېرىلىدىغان[138] زېمىن بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
- زېمىن زىرائەتلەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى ئۈچۈن ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن يېرىلىدۇ. شۇڭا ئۇ«يېرىلىدىغان» دەپ سۈپەتلەنگەن.
إِنَّهُۥ لَقَوۡلٞ فَصۡلٞ
Open ayah 86:13ئەلۋەتتە بۇ (قۇرئان) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان سۆزدۇر.
وَمَا هُوَ بِٱلۡهَزۡلِ
Open ayah 86:14ئۇ چاقچاق ئەمەس.
إِنَّهُمۡ يَكِيدُونَ كَيۡدٗا
Open ayah 86:15شەكسىزكى، كاپىرلار ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ تۇرىدۇ.
وَأَكِيدُ كَيۡدٗا
Open ayah 86:16مەنمۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرلىرىنى بەربات قىلىپ تۇرىمەن.
فَمَهِّلِ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَمۡهِلۡهُمۡ رُوَيۡدَۢا
Open ayah 86:17(ئى پەيغەمبەر!) شۇڭا سەن كاپىرلار(نىڭ ھالاك بولۇشى) ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمىگىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن.