الرحمن
Ar-Rahmaan
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ٱلرَّحۡمَٰنُ
Open ayah 55:1رەھمان ئاللاھ قۇرئاننى بىلدۈردى، [1 _ 2]
عَلَّمَ ٱلۡقُرۡءَانَ
Open ayah 55:2رەھمان ئاللاھ قۇرئاننى بىلدۈردى، [1 _ 2]
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ
Open ayah 55:3ئىنساننى ياراتتى،
عَلَّمَهُ ٱلۡبَيَانَ
Open ayah 55:4ئۇنىڭغا مەقسىتىنى قانداق ئۇقتۇرۇشنى ئۆگەتتى.
ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ بِحُسۡبَانٖ
Open ayah 55:5كۈن بىلەن ئاي مۇئەييەن ھېساب بويىچە (ئايلىنىپ تۇرىدۇ).
وَٱلنَّجۡمُ وَٱلشَّجَرُ يَسۡجُدَانِ
Open ayah 55:6ئوت _ چۆپلەر ۋە دەل _ دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ.
وَٱلسَّمَآءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ ٱلۡمِيزَانَ
Open ayah 55:7ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە كەم – زىيادە قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى. [7 _ 8]
أَلَّا تَطۡغَوۡاْ فِي ٱلۡمِيزَانِ
Open ayah 55:8ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە كەم – زىيادە قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى. [7 _ 8]
وَأَقِيمُواْ ٱلۡوَزۡنَ بِٱلۡقِسۡطِ وَلَا تُخۡسِرُواْ ٱلۡمِيزَانَ
Open ayah 55:9ئۆلچەمنى ئادالەت بىلەن بەرپا قىلىڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار.
وَٱلۡأَرۡضَ وَضَعَهَا لِلۡأَنَامِ
Open ayah 55:10ئاللاھ زېمىننى مەخلۇقات ئۈچۈن (ياشاشقا مۇناسىپ قىلىپ) ئورۇنلاشتۇردى.
فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَٱلنَّخۡلُ ذَاتُ ٱلۡأَكۡمَامِ
Open ayah 55:11ئۇنىڭدا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورما دەرەخلىرى بار،
وَٱلۡحَبُّ ذُو ٱلۡعَصۡفِ وَٱلرَّيۡحَانُ
Open ayah 55:12يەنە سامىنى بار دانلىق زىرائەتلەر، خۇشبۇي ئۆسۈملۈكلەر بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:13(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن صَلۡصَٰلٖ كَٱلۡفَخَّارِ
Open ayah 55:14ئاللاھ ئىنساننى (چەكسە ئاۋاز چىقىدىغان) ساپالدەك قۇرۇغان قارا لايدىن ياراتتى.
وَخَلَقَ ٱلۡجَآنَّ مِن مَّارِجٖ مِّن نَّارٖ
Open ayah 55:15جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:16(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
رَبُّ ٱلۡمَشۡرِقَيۡنِ وَرَبُّ ٱلۡمَغۡرِبَيۡنِ
Open ayah 55:17ئۇ ئىككى مەشرىقنىڭ ۋە ئىككى مەغرىب (يەنى ياز ۋە قىشتا قۇياش بىلەن ئاي كۆرۈنىدىغان ۋە ئولتۇرىدىغان جاي)نىڭ رەببىدۇر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:18(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ يَلۡتَقِيَانِ
Open ayah 55:19ئۇ ئىككى دېڭىزنى ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ.
بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٞ لَّا يَبۡغِيَانِ
Open ayah 55:20ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسۇق بولغاچقا، بىر _ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:21(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يَخۡرُجُ مِنۡهُمَا ٱللُّؤۡلُؤُ وَٱلۡمَرۡجَانُ
Open ayah 55:22ئۇ ئىككى دېڭىزدىن مەرۋايىت بىلەن مارجان چىقىدۇ.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:23(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
وَلَهُ ٱلۡجَوَارِ ٱلۡمُنشَـَٔاتُ فِي ٱلۡبَحۡرِ كَٱلۡأَعۡلَٰمِ
Open ayah 55:24دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭدۇر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:25(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
كُلُّ مَنۡ عَلَيۡهَا فَانٖ
Open ayah 55:26يەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەركىم (ۋە ھەممە نەرسە) يوقالغۇچىدۇر.
وَيَبۡقَىٰ وَجۡهُ رَبِّكَ ذُو ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ
Open ayah 55:27ئەڭ بۈيۈك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:28(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يَسۡـَٔلُهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ كُلَّ يَوۡمٍ هُوَ فِي شَأۡنٖ
Open ayah 55:29ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە مەۋجۇدات ئاللاھتىن (ھاجەتلىرىنى) تىلەيدۇ، ئاللاھ ھەر ۋاقىت (ئۆزىنىڭ رەب سۈپىتىنى نامايان قىلىدىغان) بىر ئىش بىلەن بولۇپ تۇرىدۇ.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:30(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
سَنَفۡرُغُ لَكُمۡ أَيُّهَ ٱلثَّقَلَانِ
Open ayah 55:31ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) سىلەرگە يۈزلىنىمىز.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:32(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ إِنِ ٱسۡتَطَعۡتُمۡ أَن تَنفُذُواْ مِنۡ أَقۡطَارِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ فَٱنفُذُواْۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلۡطَٰنٖ
Open ayah 55:33ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، (ئالاھىدە بىر) قۇدرەت بولمىغۇچە سىلەر ئۆتۈپ كېتەلمەيسىلەر (سىلەرگە نەدە ئۇنداق قۇدرەت؟).
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:34(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يُرۡسَلُ عَلَيۡكُمَا شُوَاظٞ مِّن نَّارٖ وَنُحَاسٞ فَلَا تَنتَصِرَانِ
Open ayah 55:35سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ چاغدا سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:36(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فَإِذَا ٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ وَرۡدَةٗ كَٱلدِّهَانِ
Open ayah 55:37ئۇ چاغدا ئاسمان يېرىلىپ، (قىزىتىلغان) ياغدەك بولۇپ، قىزىلگۈل رەڭگىگە كىرىپ قالىدۇ.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:38(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُسۡـَٔلُ عَن ذَنۢبِهِۦٓ إِنسٞ وَلَا جَآنّٞ
Open ayah 55:39(گۇناھكارلارنىڭ ئالاھىدە ئالامەتلىرى بولغانلىقتىن) بۇ كۈندە ئىنسان ۋە جىننىڭ (گۇناھكارلىرىدىن) ھېچبىرى ئۆزىنىڭ گۇناھى توغرىسىدا سوراق قىلىنمايدۇ.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:40(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
يُعۡرَفُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ بِسِيمَٰهُمۡ فَيُؤۡخَذُ بِٱلنَّوَٰصِي وَٱلۡأَقۡدَامِ
Open ayah 55:41گۇناھكارلار ئۆزىنىڭ (قارايغان) بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئۇلار كوكۇلىسىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ (ۋە جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ).
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:42(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ
Open ayah 55:43مانا بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىپ كەلگەن جەھەننەمدۇر (دېيىلىدۇ).
يَطُوفُونَ بَيۡنَهَا وَبَيۡنَ حَمِيمٍ ءَانٖ
Open ayah 55:44ئۇلار دوزاختا قايناپ تۇرغان سۇ بىلەن ئوت ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:45(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
وَلِمَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ جَنَّتَانِ
Open ayah 55:46رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تۇرۇشتىن قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:47(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
ذَوَاتَآ أَفۡنَانٖ
Open ayah 55:48ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:49(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا عَيۡنَانِ تَجۡرِيَانِ
Open ayah 55:50ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:51(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا مِن كُلِّ فَٰكِهَةٖ زَوۡجَانِ
Open ayah 55:52ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:53(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ فُرُشِۭ بَطَآئِنُهَا مِنۡ إِسۡتَبۡرَقٖۚ وَجَنَى ٱلۡجَنَّتَيۡنِ دَانٖ
Open ayah 55:54ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (ئۇلارنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن) يېقىندۇر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:55(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِنَّ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ لَمۡ يَطۡمِثۡهُنَّ إِنسٞ قَبۡلَهُمۡ وَلَا جَآنّٞ
Open ayah 55:56ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە جىنمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان ھۆرلەر بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:57(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
كَأَنَّهُنَّ ٱلۡيَاقُوتُ وَٱلۡمَرۡجَانُ
Open ayah 55:58ئۇلار (گۈزەللىكتە ۋە سۈزۈكلۈكتە) گويا ياقۇت ۋە مەرۋايىتتۇر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:59(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
هَلۡ جَزَآءُ ٱلۡإِحۡسَٰنِ إِلَّا ٱلۡإِحۡسَٰنُ
Open ayah 55:60ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا ياخشىلىقتۇر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:61(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
وَمِن دُونِهِمَا جَنَّتَانِ
Open ayah 55:62ئۇ ئىككى جەننەتتىن باشقا يەنە ئىككى جەننەت بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:63(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مُدۡهَآمَّتَانِ
Open ayah 55:64ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:65(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا عَيۡنَانِ نَضَّاخَتَانِ
Open ayah 55:66ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:67(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِمَا فَٰكِهَةٞ وَنَخۡلٞ وَرُمَّانٞ
Open ayah 55:68ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:69(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
فِيهِنَّ خَيۡرَٰتٌ حِسَانٞ
Open ayah 55:70ئاشۇ جەننەتلەردە گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە چىرايلىق ھۆرلەر بار.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:71(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
حُورٞ مَّقۡصُورَٰتٞ فِي ٱلۡخِيَامِ
Open ayah 55:72ئۇلار (جەننەتتىكى) چېدىرلارنىڭ ئىچىدە پەردىلەنگەن ھۆرلەردۇر.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:73(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
لَمۡ يَطۡمِثۡهُنَّ إِنسٞ قَبۡلَهُمۡ وَلَا جَآنّٞ
Open ayah 55:74بۇرۇن ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ۋە جىنمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان.
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:75(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ رَفۡرَفٍ خُضۡرٖ وَعَبۡقَرِيٍّ حِسَانٖ
Open ayah 55:76ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا، چىرايلىق تۆشەكلەرگە يۆلەنگەن ھالدا (راھەتلىنىدۇ).
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
Open ayah 55:77(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر رەببىڭلارنىڭ نېمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟
تَبَٰرَكَ ٱسۡمُ رَبِّكَ ذِي ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ
Open ayah 55:78ئەڭ بۈيۈك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ ئىسمى ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.