القمر

Al-Qamar

The Moon · Surah 54 · Ayahs: 55 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. ٱقۡتَرَبَتِ ٱلسَّاعَةُ وَٱنشَقَّ ٱلۡقَمَرُ

    Open ayah 54:1

    قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى.

  2. وَإِن يَرَوۡاْ ءَايَةٗ يُعۡرِضُواْ وَيَقُولُواْ سِحۡرٞ مُّسۡتَمِرّٞ

    Open ayah 54:2

    مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) بىرەر دەلىل-پاكىتنى كۆرسىلا، (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتىپ: «(بۇ) داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سېھىردۇر» دېيىشىدۇ.

  3. وَكَذَّبُواْ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُمۡۚ وَكُلُّ أَمۡرٖ مُّسۡتَقِرّٞ

    Open ayah 54:3

    ئۇلار (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى، ئۆز خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشى- يامان) ھەربىر ئىش ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشقۇچىدۇر.

  4. وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّنَ ٱلۡأَنۢبَآءِ مَا فِيهِ مُزۡدَجَرٌ

    Open ayah 54:4

    ھەقىقەتەن ئۇلارغا (ئۆزلىرىنى كۇفرىلىقتىن) مەنئى قىلىشقا يېتەرلىك خەۋەرلەر كەلدى.

  5. حِكۡمَةُۢ بَٰلِغَةٞۖ فَمَا تُغۡنِ ٱلنُّذُرُ

    Open ayah 54:5

    (بۇ قۇرئان) ۋايىغا يەتكەن ھېكمەتتۇر. (ئەمما ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن قەۋمگە) ئاگاھلاندۇرۇشلار ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

  6. فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡۘ يَوۡمَ يَدۡعُ ٱلدَّاعِ إِلَىٰ شَيۡءٖ نُّكُرٍ

    Open ayah 54:6

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، (قىيامەت) كۈنىدە چاقىرغۇچى (ئىسرافىل ئۇلارنى ھېساب مەيدانىغا توپلىنىشتىن ئىبارەت) دەھشەتلىك ئىشقا چاقىرىدۇ.

  7. خُشَّعًا أَبۡصَٰرُهُمۡ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ كَأَنَّهُمۡ جَرَادٞ مُّنتَشِرٞ

    Open ayah 54:7

    ئۇلار قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ، خۇددى تارقىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ.

  8. مُّهۡطِعِينَ إِلَى ٱلدَّاعِۖ يَقُولُ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا يَوۡمٌ عَسِرٞ

    Open ayah 54:8

    ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگۈرىدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن بىر كۈنغۇ» دېيىشىپ كېتىدۇ.

  9. ۞كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ فَكَذَّبُواْ عَبۡدَنَا وَقَالُواْ مَجۡنُونٞ وَٱزۡدُجِرَ

    Open ayah 54:9

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى، ئۇلار بەندىمىز (نۇھ)نى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مەجنۇن دېگەن ۋە (دەۋەتنى توختىتىشقا) مەجبۇرلىغان ئىدى.

  10. فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَغۡلُوبٞ فَٱنتَصِرۡ 

    Open ayah 54:10

    ئۇ رەببىگە: «مەن راستتىنلا ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدىم، ماڭا ياردەم بەرگىن» دەپ دۇئا قىلدى.

  11. فَفَتَحۡنَآ أَبۡوَٰبَ ٱلسَّمَآءِ بِمَآءٖ مُّنۡهَمِرٖ

    Open ayah 54:11

    ئاندىن بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق.

  12. وَفَجَّرۡنَا ٱلۡأَرۡضَ عُيُونٗا فَٱلۡتَقَى ٱلۡمَآءُ عَلَىٰٓ أَمۡرٖ قَدۡ قُدِرَ

    Open ayah 54:12

    زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ئىشقا بىنائەن، (يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى) سۇ بىر _ بىرىگە قوشۇلدى.

  13. وَحَمَلۡنَٰهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلۡوَٰحٖ وَدُسُرٖ

    Open ayah 54:13

    نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە چىقاردۇق.

  14. تَجۡرِي بِأَعۡيُنِنَا جَزَآءٗ لِّمَن كَانَ كُفِرَ

    Open ayah 54:14

    ئىنكار قىلىنغان (نۇھ)نى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن، كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا (ھىمايىمىز ئاستىدا) ماڭاتتى.

  15. وَلَقَد تَّرَكۡنَٰهَآ ءَايَةٗ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

    Open ayah 54:15

    بۇ (ۋەقە)نى ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، (ئۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  16. فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ

    Open ayah 54:16

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟

  17. وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

    Open ayah 54:17

    ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  18. كَذَّبَتۡ عَادٞ فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ

    Open ayah 54:18

    ئاد قەۋمىمۇ (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، (ئۇلارغا) مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟!

  19. إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا صَرۡصَرٗا فِي يَوۡمِ نَحۡسٖ مُّسۡتَمِرّٖ

    Open ayah 54:19

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان بىر كۈندە قاتتىق ئاۋازلىق، سوغۇق بوران ئەۋەتتۇق.

  20. تَنزِعُ ٱلنَّاسَ كَأَنَّهُمۡ أَعۡجَازُ نَخۡلٖ مُّنقَعِرٖ 

    Open ayah 54:20

    بوران ئىنسانلارنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، ئۇلار گويا قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى.

  21. فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ

    Open ayah 54:21

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟!

  22. وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

    Open ayah 54:22

    ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  23. كَذَّبَتۡ ثَمُودُ بِٱلنُّذُرِ

    Open ayah 54:23

    سەمۇد قەۋمى (پەيغەمبىرى سالىھنىڭ) ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى.

  24. فَقَالُوٓاْ أَبَشَرٗا مِّنَّا وَٰحِدٗا نَّتَّبِعُهُۥٓ إِنَّآ إِذٗا لَّفِي ضَلَٰلٖ وَسُعُرٍ

    Open ayah 54:24

    ئۇلار: «ئارىمىزدىكى بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز راستتىنلا ئازغۇن ۋە ساراڭ بولغان بولىمىز.

  25. أَءُلۡقِيَ ٱلذِّكۡرُ عَلَيۡهِ مِنۢ بَيۡنِنَا بَلۡ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٞ

    Open ayah 54:25

    ئارىمىزدىن پەقەت ئۇنىڭغىلا ۋەھيى نازىل بولۇپتۇمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىر ھاكاۋۇر كاززاپتۇر» دېدى.

  26. سَيَعۡلَمُونَ غَدٗا مَّنِ ٱلۡكَذَّابُ ٱلۡأَشِرُ

    Open ayah 54:26

    ئۇلار ئەتە (ئاخىرەتتە) كىمنىڭ ھاكاۋۇر كاززاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

  27. إِنَّا مُرۡسِلُواْ ٱلنَّاقَةِ فِتۡنَةٗ لَّهُمۡ فَٱرۡتَقِبۡهُمۡ وَٱصۡطَبِرۡ

    Open ayah 54:27

    (بىز سالىھقا): «بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، سەن (ئۇلارنىڭ تۆگىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن.

  28. وَنَبِّئۡهُمۡ أَنَّ ٱلۡمَآءَ قِسۡمَةُۢ بَيۡنَهُمۡۖ كُلُّ شِرۡبٖ مُّحۡتَضَرٞ

    Open ayah 54:28

    ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا سۇنىڭ تەقسىم قىلىنغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن» (دېدۇق).

  29. فَنَادَوۡاْ صَاحِبَهُمۡ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ

    Open ayah 54:29

    ئۇلار (بۇ تەقسىماتقا نارازى بولۇپ، قۇدار ئىسىملىك) بۇرادىرىنى چاقىردى. ئۇ قىلىچىنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى.

  30. فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ 

    Open ayah 54:30

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟!

  31. إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَكَانُواْ كَهَشِيمِ ٱلۡمُحۡتَظِرِ

    Open ayah 54:31

    شەكسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇددى قوتاندىكى چەيلەنگەن ئوت-چۆپتەك بولۇپ كەتتى.

  32. وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

    Open ayah 54:32

    ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  33. كَذَّبَتۡ قَوۡمُ لُوطِۭ بِٱلنُّذُرِ

    Open ayah 54:33

    لۇتنىڭ قەۋمى (ئۇنىڭ) ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى.

  34. إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ حَاصِبًا إِلَّآ ءَالَ لُوطٖۖ نَّجَّيۡنَٰهُم بِسَحَرٖ

    Open ayah 54:34

    بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاش (ياغدۇرغۇچى بوراننى) ئەۋەتتۇق، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا دەرگاھىمىزدىن ئىنئام قىلىپ سەھەردە قۇتقۇزدۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. [34 _ 35]

  35. نِّعۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَاۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي مَن شَكَرَ

    Open ayah 54:35

    بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاش (ياغدۇرغۇچى بوراننى) ئەۋەتتۇق، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا دەرگاھىمىزدىن ئىنئام قىلىپ سەھەردە قۇتقۇزدۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. [34 _ 35]

  36. وَلَقَدۡ أَنذَرَهُم بَطۡشَتَنَا فَتَمَارَوۡاْ بِٱلنُّذُرِ

    Open ayah 54:36

    شەكسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى، ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى.

  37. وَلَقَدۡ رَٰوَدُوهُ عَن ضَيۡفِهِۦ فَطَمَسۡنَآ أَعۡيُنَهُمۡ فَذُوقُواْ عَذَابِي وَنُذُرِ

    Open ayah 54:37

    ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (بەچچىۋازلىق قىلىش ئۈچۈن) تەلەپ قىلغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق).

  38. وَلَقَدۡ صَبَّحَهُم بُكۡرَةً عَذَابٞ مُّسۡتَقِرّٞ

    Open ayah 54:38

    ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە (ئاخىرەتكە) ئۇلىنىپ كېتىدىغان ئازاب چۈشتى.

  39. فَذُوقُواْ عَذَابِي وَنُذُرِ

    Open ayah 54:39

    (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق).

  40. وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ 

    Open ayah 54:40

    ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى يادلاش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  41. وَلَقَدۡ جَآءَ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ ٱلنُّذُرُ

    Open ayah 54:41

    شەكسىزكى، پىرئەۋن تەۋەلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى.

  42. كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذۡنَٰهُمۡ أَخۡذَ عَزِيزٖ مُّقۡتَدِرٍ

    Open ayah 54:42

    ئۇلار پۈتۈن مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى غالىب، چەكسىز قۇدرەتلىك بولۇش سۈپىتىمىزگە لايىق شەكىلدە جازالىدۇق.

  43. أَكُفَّارُكُمۡ خَيۡرٞ مِّنۡ أُوْلَٰٓئِكُمۡ أَمۡ لَكُم بَرَآءَةٞ فِي ٱلزُّبُرِ

    Open ayah 54:43

    (ئى قۇرەيش كاپىرلىرى!) سىلەرنىڭ كاپىرلىرىڭلار ئاشۇ (ھالاك قىلىنغان) لاردىن ياخشىمۇ؟ ياكى ساماۋى كىتابلاردا سىلەر ئۈچۈن (ئازابتىن) كەچۈرۈم بارمۇ؟

  44. أَمۡ يَقُولُونَ نَحۡنُ جَمِيعٞ مُّنتَصِرٞ

    Open ayah 54:44

    ئۇلار: «بىز غالىب كەلگۈچى جامائەمىز» دەۋاتامدۇ؟

  45. سَيُهۡزَمُ ٱلۡجَمۡعُ وَيُوَلُّونَ ٱلدُّبُرَ

    Open ayah 54:45

    بۇ جامائە يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىدۇ ۋە ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ.

  46. بَلِ ٱلسَّاعَةُ مَوۡعِدُهُمۡ وَٱلسَّاعَةُ أَدۡهَىٰ وَأَمَرُّ

    Open ayah 54:46

    (ئازابنىڭ ھەممىسى بۇلارلا ئەمەس) بەلكى ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان (ئازابنىڭ ۋاقتى) قىيامەتتۇر. قىيامەت (كۈنىدە ئۇلار تارتىدىغان ئازاب بەدرى ئۇرۇشىدا تارتقانلىرىدىن) تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ قاتتىقتۇر.

  47. إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي ضَلَٰلٖ وَسُعُرٖ

    Open ayah 54:47

    گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) ئازغۇنلۇقتىدۇر، (ئاخىرەتتە بولسا) دوزاختىدۇر.

  48. يَوۡمَ يُسۡحَبُونَ فِي ٱلنَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ ذُوقُواْ مَسَّ سَقَرَ

    Open ayah 54:48

    ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سۆرىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا): «دوزاخنىڭ قاتتىق ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).

  49. إِنَّا كُلَّ شَيۡءٍ خَلَقۡنَٰهُ بِقَدَرٖ

    Open ayah 54:49

    بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق.

  50. وَمَآ أَمۡرُنَآ إِلَّا وَٰحِدَةٞ كَلَمۡحِۭ بِٱلۡبَصَرِ 

    Open ayah 54:50

    (بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلغان چېغىمىزدا) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئورۇندىلىدىغان («بول!» دېگەندىن ئىبارەت) بىرلا سۆزدۇر.

  51. وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَآ أَشۡيَاعَكُمۡ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

    Open ayah 54:51

    بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، (ئۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  52. وَكُلُّ شَيۡءٖ فَعَلُوهُ فِي ٱلزُّبُرِ

    Open ayah 54:52

    ئۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى (ئۇلارنىڭ) نامە _ ئەمەلىدە مەۋجۇتتۇر.

  53. وَكُلُّ صَغِيرٖ وَكَبِيرٖ مُّسۡتَطَرٌ

    Open ayah 54:53

    چوڭ _ كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا يېزىلغاندۇر.

  54. إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَنَهَرٖ

    Open ayah 54:54

    شەكسىزكى، تەقۋادارلار (جەننەتلەردىكى) باغۇ بوستانلاردا، ئۆستەڭلەرنىڭ ئەتراپىدا، قۇدرەتلىك پادىشاھ (ئاللاھ)نىڭ دەرگاھىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ. [54 _ 55]

  55. فِي مَقۡعَدِ صِدۡقٍ عِندَ مَلِيكٖ مُّقۡتَدِرِۭ

    Open ayah 54:55

    شەكسىزكى، تەقۋادارلار (جەننەتلەردىكى) باغۇ بوستانلاردا، ئۆستەڭلەرنىڭ ئەتراپىدا، قۇدرەتلىك پادىشاھ (ئاللاھ)نىڭ دەرگاھىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ. [54 _ 55]