النجم
An-Najm
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلنَّجۡمِ إِذَا هَوَىٰ
Open ayah 53:1ساقىغان ۋاقىتتىكى يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمۡ وَمَا غَوَىٰ
Open ayah 53:2سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئازمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى،
وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ
Open ayah 53:3ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.
إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡيٞ يُوحَىٰ
Open ayah 53:4ئۇنىڭ سۆزلىگىنى پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر.
عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلۡقُوَىٰ
Open ayah 53:5ۋەھيىنى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىل) ئۆگەتتى.
ذُو مِرَّةٖ فَٱسۡتَوَىٰ
Open ayah 53:6ئۇ مۇكەممەل يارىتىلىشقا ئىگە بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى. [6 _ 7]
وَهُوَ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡأَعۡلَىٰ
Open ayah 53:7ئۇ مۇكەممەل يارىتىلىشقا ئىگە بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى. [6 _ 7]
ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ
Open ayah 53:8ئاندىن ئۇ ئاستا _ ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەدكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى. [8 _ 9]
فَكَانَ قَابَ قَوۡسَيۡنِ أَوۡ أَدۡنَىٰ
Open ayah 53:9ئاندىن ئۇ ئاستا _ ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەدكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى. [8 _ 9]
فَأَوۡحَىٰٓ إِلَىٰ عَبۡدِهِۦ مَآ أَوۡحَىٰ
Open ayah 53:10ئاندىن ئاللاھ بەندىسى (مۇھەممەد) گە قىلىدىغان ۋەھيىنى (جىبرىل ئارقىلىق) قىلدى.
مَا كَذَبَ ٱلۡفُؤَادُ مَا رَأَىٰٓ
Open ayah 53:11ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى.
أَفَتُمَٰرُونَهُۥ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
Open ayah 53:12(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاش _ تارتىش قىلىشامسىلەر؟
وَلَقَدۡ رَءَاهُ نَزۡلَةً أُخۡرَىٰ
Open ayah 53:13شەكسىزكى، ئۇ (مۇھەممەد) جىبرىلنى سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى قېتىم (ئۆز شەكلىدە) كۆردى. سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا مەئۋا جەننىتى بار ئىدى. [13 _ 15]
عِندَ سِدۡرَةِ ٱلۡمُنتَهَىٰ
Open ayah 53:14شەكسىزكى، ئۇ (مۇھەممەد) جىبرىلنى سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى قېتىم (ئۆز شەكلىدە) كۆردى. سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا مەئۋا جەننىتى بار ئىدى. [13 _ 15]
عِندَهَا جَنَّةُ ٱلۡمَأۡوَىٰٓ
Open ayah 53:15شەكسىزكى، ئۇ (مۇھەممەد) جىبرىلنى سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى قېتىم (ئۆز شەكلىدە) كۆردى. سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا مەئۋا جەننىتى بار ئىدى. [13 _ 15]
إِذۡ يَغۡشَى ٱلسِّدۡرَةَ مَا يَغۡشَىٰ
Open ayah 53:16ئۇ چاغدا سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئاجايىباتلار) قاپلىغان ئىدى.
مَا زَاغَ ٱلۡبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
Open ayah 53:17(مۇھەممەدنىڭ) كۆزى (ئوڭ – سولغا) قېيىپ كەتمىدى، (كۆرۈشكە بۇيرۇلغان شەيئىلەردىن) ئۆتۈپمۇ كەتمىدى.
لَقَدۡ رَأَىٰ مِنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ
Open ayah 53:18شەكسىزكى، ئۇ رەببىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىللىرىدىن بىر قىسمىنى كۆردى.
أَفَرَءَيۡتُمُ ٱللَّٰتَ وَٱلۡعُزَّىٰ
Open ayah 53:19(ئى مۇشرىكلار!) ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، (سىلەر چوقۇنۇۋاتقان) لات، ئۇززا ۋە ئاخىرقىسى — ئۈچىنچىسى بولغان مانات (قاتارلىق بۇتلار سىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟). [19 _ 20]
وَمَنَوٰةَ ٱلثَّالِثَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ
Open ayah 53:20(ئى مۇشرىكلار!) ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، (سىلەر چوقۇنۇۋاتقان) لات، ئۇززا ۋە ئاخىرقىسى — ئۈچىنچىسى بولغان مانات (قاتارلىق بۇتلار سىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟). [19 _ 20]
أَلَكُمُ ٱلذَّكَرُ وَلَهُ ٱلۡأُنثَىٰ
Open ayah 53:21ئوغۇل سىلەرگە، قىز ئاللاھقا خاسمۇ؟
تِلۡكَ إِذٗا قِسۡمَةٞ ضِيزَىٰٓ
Open ayah 53:22ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر.
إِنۡ هِيَ إِلَّآ أَسۡمَآءٞ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَمَا تَهۡوَى ٱلۡأَنفُسُۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّن رَّبِّهِمُ ٱلۡهُدَىٰٓ
Open ayah 53:23بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا _ بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئاللاھ ئۇ نەرسىلەر (نىڭ ئىلاھلىقى) توغرۇلۇق ھېچبىر دەلىل _ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇ مۇشرىكلارغا رەببى تەرىپىدىن ھىدايەت كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ.
أَمۡ لِلۡإِنسَٰنِ مَا تَمَنَّىٰ
Open ayah 53:24ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟
فَلِلَّهِ ٱلۡأٓخِرَةُ وَٱلۡأُولَىٰ
Open ayah 53:25ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
۞وَكَم مِّن مَّلَكٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ لَا تُغۡنِي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ أَن يَأۡذَنَ ٱللَّهُ لِمَن يَشَآءُ وَيَرۡضَىٰٓ
Open ayah 53:26ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە (شاپائەت قىلىشقا) رۇخسەت قىلغاندىن كېيىنلا (ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ).
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ لَيُسَمُّونَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ تَسۡمِيَةَ ٱلۡأُنثَىٰ
Open ayah 53:27شەكسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ.
وَمَا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّۖ وَإِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغۡنِي مِنَ ٱلۡحَقِّ شَيۡـٔٗا
Open ayah 53:28ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت پەرەزگىلا ئاساسلىنىدۇ، پەرەز ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنېمىگە يارىمايدۇ.
فَأَعۡرِضۡ عَن مَّن تَوَلَّىٰ عَن ذِكۡرِنَا وَلَمۡ يُرِدۡ إِلَّا ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا
Open ayah 53:29(ئى پەيغەمبەر!) بىزنىڭ زىكرىمىز (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەر بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.
ذَٰلِكَ مَبۡلَغُهُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱهۡتَدَىٰ
Open ayah 53:30ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۇنچىلىك. شەكسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَسَٰٓـُٔواْ بِمَا عَمِلُواْ وَيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ بِٱلۡحُسۡنَى
Open ayah 53:31ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (ئۇلارنى) يامان ئىش قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالاش، (تائەت-ئىبادەتلەرنى) قېتىرقىنىپ قىلغانلارنى (مۇكاپاتلارنىڭ) ئەڭ ياخشىسى (بولغان جەننەت) بىلەن تارتۇقلاش ئۈچۈن (ياراتتى).
ٱلَّذِينَ يَجۡتَنِبُونَ كَبَٰٓئِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡفَوَٰحِشَ إِلَّا ٱللَّمَمَۚ إِنَّ رَبَّكَ وَٰسِعُ ٱلۡمَغۡفِرَةِۚ هُوَ أَعۡلَمُ بِكُمۡ إِذۡ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَإِذۡ أَنتُمۡ أَجِنَّةٞ فِي بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡۖ فَلَا تُزَكُّوٓاْ أَنفُسَكُمۡۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱتَّقَىٰٓ
Open ayah 53:32ئۇلار كىچىك گۇناھلاردىن خالىي بولالمىسىمۇ، چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان كىشىلەردۇر، شەكسىزكى، رەببىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر. ئۇ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ۋاقتىڭلاردىمۇ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى تۆرەلمە ھالىتىدىكى ۋاقتىڭلاردىمۇ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاقلىماڭلار. ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ.
أَفَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي تَوَلَّىٰ
Open ayah 53:33(ئى پەيغەمبەر! ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان ۋە (بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان نەرسىدىن) ئازغىنە بىر نەرسە بېرىپ، قالغىنىنى بەرمىگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [33 _ 34]
وَأَعۡطَىٰ قَلِيلٗا وَأَكۡدَىٰٓ
Open ayah 53:34(ئى پەيغەمبەر! ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان ۋە (بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان نەرسىدىن) ئازغىنە بىر نەرسە بېرىپ، قالغىنىنى بەرمىگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [33 _ 34]
أَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلۡغَيۡبِ فَهُوَ يَرَىٰٓ
Open ayah 53:35ئۇنىڭدا غەيىب ئىلىمى بولۇپ، ئۇ (غەيىبنى) كۆرۈپ تۇرامدۇ؟
أَمۡ لَمۡ يُنَبَّأۡ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ
Open ayah 53:36ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكى ۋە (مەسئۇلىيىتىنى) تولۇق ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى (تۆۋەندىكى سۆز) لەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ: [36 _ 37]
وَإِبۡرَٰهِيمَ ٱلَّذِي وَفَّىٰٓ
Open ayah 53:37ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكى ۋە (مەسئۇلىيىتىنى) تولۇق ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى (تۆۋەندىكى سۆز) لەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ: [36 _ 37]
أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰ
Open ayah 53:38«بىر گۇناھكار ئادەم باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
وَأَن لَّيۡسَ لِلۡإِنسَٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ
Open ayah 53:39ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
وَأَنَّ سَعۡيَهُۥ سَوۡفَ يُرَىٰ
Open ayah 53:40شەكسىزكى، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە (قىيامەت كۈنىدە) كۆرۈلىدۇ.
ثُمَّ يُجۡزَىٰهُ ٱلۡجَزَآءَ ٱلۡأَوۡفَىٰ
Open ayah 53:41ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تېگىشلىك جازا بېرىلىدۇ.
وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلۡمُنتَهَىٰ
Open ayah 53:42ئاخىر بارىدىغان جاي رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر».
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَضۡحَكَ وَأَبۡكَىٰ
Open ayah 53:43ھەقىقەتەن كۈلدۈرگەنمۇ، يىغلاتقانمۇ ئاللاھتۇر.
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَمَاتَ وَأَحۡيَا
Open ayah 53:44ئەلۋەتتە، ئۆلتۈرىدىغانمۇ، تىرىلدۈرىدىغانمۇ ئاللاھتۇر.
وَأَنَّهُۥ خَلَقَ ٱلزَّوۡجَيۡنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰ
Open ayah 53:45ئاللاھ بىر جۈپنى — ئەركەك بىلەن چىشىنى (بالىياتقۇغا) تۆكۈلگەن مەنىيدىن ياراتتى. [45 _ 46]
مِن نُّطۡفَةٍ إِذَا تُمۡنَىٰ
Open ayah 53:46ئاللاھ بىر جۈپنى — ئەركەك بىلەن چىشىنى (بالىياتقۇغا) تۆكۈلگەن مەنىيدىن ياراتتى. [45 _ 46]
وَأَنَّ عَلَيۡهِ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰ
Open ayah 53:47ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنىمۇ ئاللاھ ئۈستىگە ئالدى.
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَغۡنَىٰ وَأَقۡنَىٰ
Open ayah 53:48ئاللاھ (خالىغان بەندىسىنى) باي قىلىدۇ ۋە مەمنۇن قىلىدۇ.
وَأَنَّهُۥ هُوَ رَبُّ ٱلشِّعۡرَىٰ
Open ayah 53:49شەكسىزكى، ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭمۇ [125] رەببىدۇر.
- شىئرا يۇلتۇزى _ ئەرەبلەرنىڭ خۇزائە قەبىلىسى چوقۇنغان يۇلتۇزدۇر.
وَأَنَّهُۥٓ أَهۡلَكَ عَادًا ٱلۡأُولَىٰ
Open ayah 53:50ئاللاھ قەدىمكى ئاد قەۋمىنىمۇ، سەمۇد قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدى، (ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى. [50 _ 51]
وَثَمُودَاْ فَمَآ أَبۡقَىٰ
Open ayah 53:51ئاللاھ قەدىمكى ئاد قەۋمىنىمۇ، سەمۇد قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدى، (ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى. [50 _ 51]
وَقَوۡمَ نُوحٖ مِّن قَبۡلُۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ هُمۡ أَظۡلَمَ وَأَطۡغَىٰ
Open ayah 53:52ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ (ھالاك قىلغان ئىدى). شەكسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى ئىدى.
وَٱلۡمُؤۡتَفِكَةَ أَهۡوَىٰ
Open ayah 53:53ئاللاھ لۇت قەۋمىنىڭ يۇرتلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى، ئۇ يۇرتلارنى (دەھشەتلىك ئازاب) قاپلىۋالدى. [53 _ 54]
فَغَشَّىٰهَا مَا غَشَّىٰ
Open ayah 53:54ئاللاھ لۇت قەۋمىنىڭ يۇرتلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى، ئۇ يۇرتلارنى (دەھشەتلىك ئازاب) قاپلىۋالدى. [53 _ 54]
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ
Open ayah 53:55(ئى ئىنسان!) رەببىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟
هَٰذَا نَذِيرٞ مِّنَ ٱلنُّذُرِ ٱلۡأُولَىٰٓ
Open ayah 53:56بۇ (مۇھەممەد) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلار قاتارىدىكى بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
أَزِفَتِ ٱلۡأٓزِفَةُ
Open ayah 53:57قىيامەت يېقىنلاشتى.
لَيۡسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ كَاشِفَةٌ
Open ayah 53:58ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ.
أَفَمِنۡ هَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ تَعۡجَبُونَ
Open ayah 53:59(ئى مۇشرىكلار!) بۇ سۆز (قۇرئان)دىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟
وَتَضۡحَكُونَ وَلَا تَبۡكُونَ
Open ayah 53:60(ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) يىغلاشنىڭ ئورنىغا كۈلۈۋاتامسىلەر؟
وَأَنتُمۡ سَٰمِدُونَ
Open ayah 53:61غاپىللارچە يۈرۈۋاتامسىلەر؟
فَٱسۡجُدُواْۤ لِلَّهِۤ وَٱعۡبُدُواْ۩
Open ayah 53:62(ۋاي سىلەرگە! كېلىڭلار) ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار.