الطور
At-Tur
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلطُّورِ
Open ayah 52:1تۇر تېغى بىلەن،
وَكِتَٰبٖ مَّسۡطُورٖ
Open ayah 52:2يېيىلغان تېرە قەغەزگە پۈتۈلگەن كىتاب بىلەن، [2 _ 3]
فِي رَقّٖ مَّنشُورٖ
Open ayah 52:3يېيىلغان تېرە قەغەزگە پۈتۈلگەن كىتاب بىلەن، [2 _ 3]
وَٱلۡبَيۡتِ ٱلۡمَعۡمُورِ
Open ayah 52:4بەيتۇلمەئمۇر [124] بىلەن،
- بەيتۇلمەئمۇر _ پەرىشتىلەر تاۋاپ قىلىش بىلەن ئاۋات قىلىپ تۇرىدىغان يەتتىنچى ئاسماندىكى ئىبادەت ئۆيىدۇر.
وَٱلسَّقۡفِ ٱلۡمَرۡفُوعِ
Open ayah 52:5ئاسمان بىلەن،
وَٱلۡبَحۡرِ ٱلۡمَسۡجُورِ
Open ayah 52:6ئوت بولۇپ يانىدىغان دېڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَٰقِعٞ
Open ayah 52:7رەببىڭنىڭ ئازابى چوقۇم چۈشكۈچىدۇر.
مَّا لَهُۥ مِن دَافِعٖ
Open ayah 52:8ئۇنى ھېچقانداق توسۇپ قالغۇچى يوقتۇر.
يَوۡمَ تَمُورُ ٱلسَّمَآءُ مَوۡرٗا
Open ayah 52:9ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ.
وَتَسِيرُ ٱلۡجِبَالُ سَيۡرٗا
Open ayah 52:10تاغلار سۈرۈلۈپ يۈرۈپ كېتىدۇ (توزۇپ يوقىلىدۇ).
فَوَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
Open ayah 52:11غەپلەتكە چۆمۈپ ئويناپ يۈرىدىغان كاپىرلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي! [11 _ 12]
ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي خَوۡضٖ يَلۡعَبُونَ
Open ayah 52:12غەپلەتكە چۆمۈپ ئويناپ يۈرىدىغان كاپىرلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي! [11 _ 12]
يَوۡمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا
Open ayah 52:13ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.
هَٰذِهِ ٱلنَّارُ ٱلَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
Open ayah 52:14(ئۇلارغا): «مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن دوزاختۇر. بۇ سېھىرمىكەن؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ [14 _ 15]
أَفَسِحۡرٌ هَٰذَآ أَمۡ أَنتُمۡ لَا تُبۡصِرُونَ
Open ayah 52:15(ئۇلارغا): «مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن دوزاختۇر. بۇ سېھىرمىكەن؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ [14 _ 15]
ٱصۡلَوۡهَا فَٱصۡبِرُوٓاْ أَوۡ لَا تَصۡبِرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡۖ إِنَّمَا تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 52:16سىلەر دوزاخقا كىرىڭلار! (سىلەر بۇنىڭغا) چىدامسىلەر ياكى چىدىمامسىلەر، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاشتۇر. سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَنَعِيمٖ
Open ayah 52:17شەكسىزكى، تەقۋادارلار رەببى ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلانغان ھالدا، جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ، رەببى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. [17 _ 18]
فَٰكِهِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ وَوَقَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ
Open ayah 52:18شەكسىزكى، تەقۋادارلار رەببى ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلانغان ھالدا، جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ، رەببى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. [17 _ 18]
كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 52:19(ئۇلارغا): «قىلغان ئەمەللىرىڭلار (نىڭ مۇكاپاتى) ئۈچۈن سىڭىشلىك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ سُرُرٖ مَّصۡفُوفَةٖۖ وَزَوَّجۡنَٰهُم بِحُورٍ عِينٖ
Open ayah 52:20ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، بىز شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱتَّبَعَتۡهُمۡ ذُرِّيَّتُهُم بِإِيمَٰنٍ أَلۡحَقۡنَا بِهِمۡ ذُرِّيَّتَهُمۡ وَمَآ أَلَتۡنَٰهُم مِّنۡ عَمَلِهِم مِّن شَيۡءٖۚ كُلُّ ٱمۡرِيِٕۭ بِمَا كَسَبَ رَهِينٞ
Open ayah 52:21ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئىمان ئېيتىپ ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى (جەننەتتە) ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن رەنىگە ئېلىنغاندۇر.
وَأَمۡدَدۡنَٰهُم بِفَٰكِهَةٖ وَلَحۡمٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ
Open ayah 52:22(ئۇلار ھۇزۇرلىنىۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە) يەنە ئۇلارنى كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز.
يَتَنَٰزَعُونَ فِيهَا كَأۡسٗا لَّا لَغۡوٞ فِيهَا وَلَا تَأۡثِيمٞ
Open ayah 52:23ئۇلار جەننەتتە بىر _ بىرىگە بىھۇدە سۆزلەتمەيدىغان ۋە گۇناھقا سەۋەب بولمايدىغان (شاراب تولدۇرۇلغان) جاملارنى سۇنۇشىدۇ.
۞وَيَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ غِلۡمَانٞ لَّهُمۡ كَأَنَّهُمۡ لُؤۡلُؤٞ مَّكۡنُونٞ
Open ayah 52:24ئۇلارنىڭ سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك (كۆرۈنىدىغان) ياش مۇلازىملىرى (خىزمەت قىلىش بىلەن) ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ
Open ayah 52:25(جەننەتتىكىلەر) بىر _ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ.
قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا قَبۡلُ فِيٓ أَهۡلِنَا مُشۡفِقِينَ
Open ayah 52:26ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكى چاغدا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق.
فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَوَقَىٰنَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ
Open ayah 52:27مانا ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى (تېنىمىزنىڭ ئىچىگە) ئۆتۈپ كېتىدىغان قاتتىق ئازابتىن ساقلىدى.
إِنَّا كُنَّا مِن قَبۡلُ نَدۡعُوهُۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡبَرُّ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 52:28چۈنكى بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى (دۇنيادا شۇ ئازابتىن پاناھ تىلەپ) ئاللاھقا دۇئا قىلاتتۇق. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
فَذَكِّرۡ فَمَآ أَنتَ بِنِعۡمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٖ وَلَا مَجۡنُونٍ
Open ayah 52:29(ئى پەيغەمبەر!) سەن ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن. سەن رەببىڭنىڭ رەھمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەس ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن.
أَمۡ يَقُولُونَ شَاعِرٞ نَّتَرَبَّصُ بِهِۦ رَيۡبَ ٱلۡمَنُونِ
Open ayah 52:30ئۇلار تېخى «ئۇ (مۇھەممەد بولسا) بىر شائىردۇر، بىز ئۇنىڭغا ئۆلۈم كېلىشىنى كۈتىمىز» دەۋاتامدۇ؟
قُلۡ تَرَبَّصُواْ فَإِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُتَرَبِّصِينَ
Open ayah 52:31(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە (سىلەرگە چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن».
أَمۡ تَأۡمُرُهُمۡ أَحۡلَٰمُهُم بِهَٰذَآۚ أَمۡ هُمۡ قَوۡمٞ طَاغُونَ
Open ayah 52:32ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆزنى) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر.
أَمۡ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُۥۚ بَل لَّا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 52:33ئۇلار: «قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى توقۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ بەلكى ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ.
فَلۡيَأۡتُواْ بِحَدِيثٖ مِّثۡلِهِۦٓ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ
Open ayah 52:34ئەگەر ئۇلار (سۆزىدە) راستچىل بولسا، قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ باقسۇن.
أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ
Open ayah 52:35ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار (ئۆزلىرى) ياراتقۇچىمۇ؟
أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ
Open ayah 52:36ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ.
أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَبِّكَ أَمۡ هُمُ ٱلۡمُصَۜيۡطِرُونَ
Open ayah 52:37رەببىنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىمىكەن ياكى ئۇلار (كائىناتقا) ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىمىكەن؟
أَمۡ لَهُمۡ سُلَّمٞ يَسۡتَمِعُونَ فِيهِۖ فَلۡيَأۡتِ مُسۡتَمِعُهُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ
Open ayah 52:38ياكى ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشاش ئۈچۈن (ئاسمانغا چىقىدىغان) شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىت كەلتۈرسۇن.
أَمۡ لَهُ ٱلۡبَنَٰتُ وَلَكُمُ ٱلۡبَنُونَ
Open ayah 52:39قىزلار ئاللاھنىڭ، ئوغۇللار سىلەرنىڭمۇ؟
أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ
Open ayah 52:40ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق تەلەپ قىلىپ، قەرزدارچىلىقتىن ئۇلارنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىپتىمۇ؟
أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ
Open ayah 52:41ياكى ئۇلاردا غەيىبنىڭ ئىلىمى بولۇپ، ئۇلار ئۇنى (كۆچۈرۈپ) يازامدىكەن؟
أَمۡ يُرِيدُونَ كَيۡدٗاۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هُمُ ٱلۡمَكِيدُونَ
Open ayah 52:42ئۇلار تېخى (ساڭا) تۇزاق قۇرماقچى بولۇۋاتامدۇ؟ ئەسلى تۇزاققا چۈشىدىغانلار كاپىرلارنىڭ ئۆزىدۇر.
أَمۡ لَهُمۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 52:43ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بارمىكەن؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.
وَإِن يَرَوۡاْ كِسۡفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ سَاقِطٗا يَقُولُواْ سَحَابٞ مَّرۡكُومٞ
Open ayah 52:44ئەگەر ئۇلار ئاسماندىن (ئۆزلىرىگە ئازاب بولۇپ) چۈشۈۋاتقان بىرەر پارچىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ.
فَذَرۡهُمۡ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي فِيهِ يُصۡعَقُونَ
Open ayah 52:45(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى ھالاك قىلىنىدىغان كۈنگە ئۇچراشقانغا قەدەر ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگىن.
يَوۡمَ لَا يُغۡنِي عَنۡهُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
Open ayah 52:46ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.
وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ عَذَابٗا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 52:47ئۇ زالىملارغا قىيامەتتىن بۇرۇن (بۇ دۇنيادا) چوقۇم ئازاب بار، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعۡيُنِنَاۖ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
Open ayah 52:48(ئى پەيغەمبەر!) سەن رەببىڭنىڭ (ئازابنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىسەن (يەنى ھىمايىمىزدىسەن)، ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا رەببىڭنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَإِدۡبَٰرَ ٱلنُّجُومِ
Open ayah 52:49كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ۋە يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنكى ۋاقىتتىمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.