الذاريات

Adh-Dhaariyat

The Winnowing Winds · Surah 51 · Ayahs: 60 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. وَٱلذَّٰرِيَٰتِ ذَرۡوٗا

    Open ayah 51:1

    (تۇپراقنى) سورۇغۇچى شاماللار بىلەن،

  2. فَٱلۡحَٰمِلَٰتِ وِقۡرٗا

    Open ayah 51:2

    (يامغۇرنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن،

  3. فَٱلۡجَٰرِيَٰتِ يُسۡرٗا

    Open ayah 51:3

    يېنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن،

  4. فَٱلۡمُقَسِّمَٰتِ أَمۡرًا

    Open ayah 51:4

    ھەربىر ئىشنى تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

  5. إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٞ

    Open ayah 51:5

    سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئەلۋەتتە راستتۇر.

  6. وَإِنَّ ٱلدِّينَ لَوَٰقِعٞ

    Open ayah 51:6

    مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر.

  7. وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلۡحُبُكِ

    Open ayah 51:7

    يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (قۇرئان ھەققىدىكى) گېپىڭلارنىڭ تۇتامى يوقتۇر. [7 _ 8]

  8. إِنَّكُمۡ لَفِي قَوۡلٖ مُّخۡتَلِفٖ

    Open ayah 51:8

    يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (قۇرئان ھەققىدىكى) گېپىڭلارنىڭ تۇتامى يوقتۇر. [7 _ 8]

  9. يُؤۡفَكُ عَنۡهُ مَنۡ أُفِكَ

    Open ayah 51:9

    (ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم قۇرئاندىن بۇرۇۋېتىلىدۇ.

  10. قُتِلَ ٱلۡخَرَّٰصُونَ 

    Open ayah 51:10

    كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى،

  11. ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي غَمۡرَةٖ سَاهُونَ

    Open ayah 51:11

    ئۇلار جاھالەتكە پاتقان غاپىللاردۇر.

  12. يَسۡـَٔلُونَ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلدِّينِ

    Open ayah 51:12

    ئۇلار: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

  13. يَوۡمَ هُمۡ عَلَى ٱلنَّارِ يُفۡتَنُونَ

    Open ayah 51:13

    ئۇ بولسا ئۇلار دوزاختا كۆيدۈرۈلىدىغان كۈندە (بولىدۇ).

  14. ذُوقُواْ فِتۡنَتَكُمۡ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَسۡتَعۡجِلُونَ

    Open ayah 51:14

    (ئۇلارغا): «ئازابىڭلارنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر تېزرەك كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» (دېيىلىدۇ).

  15. إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ

    Open ayah 51:15

    شەكسىزكى، تەقۋادارلار رەببى ئاتا قىلغان (نېمەتلەر)نى قوبۇل قىلغان ھالدا جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. [15 _ 16]

  16. ءَاخِذِينَ مَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَبۡلَ ذَٰلِكَ مُحۡسِنِينَ

    Open ayah 51:16

    شەكسىزكى، تەقۋادارلار رەببى ئاتا قىلغان (نېمەتلەر)نى قوبۇل قىلغان ھالدا جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. [15 _ 16]

  17. كَانُواْ قَلِيلٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِ مَا يَهۡجَعُونَ

    Open ayah 51:17

    ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى.

  18. وَبِٱلۡأَسۡحَارِ هُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ

    Open ayah 51:18

    سەھەرلەردە (رەببىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى.

  19. وَفِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ

    Open ayah 51:19

    ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىدا (كىشىلەردىن ھاجەتلىرىنى) تىلەيدىغان موھتاجلارنىڭ ۋە (ھايا قىلىپ) تىلىمەيدىغان ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھەققى بار ئىدى.

  20. وَفِي ٱلۡأَرۡضِ ءَايَٰتٞ لِّلۡمُوقِنِينَ 

    Open ayah 51:20

    زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا (ئاللاھقا) چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار، سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ [20 _ 21]

  21. وَفِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ

    Open ayah 51:21

    زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا (ئاللاھقا) چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار، سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ [20 _ 21]

  22. وَفِي ٱلسَّمَآءِ رِزۡقُكُمۡ وَمَا تُوعَدُونَ

    Open ayah 51:22

    ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار.

  23. فَوَرَبِّ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ إِنَّهُۥ لَحَقّٞ مِّثۡلَ مَآ أَنَّكُمۡ تَنطِقُونَ

    Open ayah 51:23

    ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزى ئۆزۈڭلارغا ئېنىق بولغاندەك راستتۇر.

  24. هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ضَيۡفِ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلۡمُكۡرَمِينَ

    Open ayah 51:24

    (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

  25. إِذۡ دَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَقَالُواْ سَلَٰمٗاۖ قَالَ سَلَٰمٞ قَوۡمٞ مُّنكَرُونَ

    Open ayah 51:25

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ «سالام» دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى ۋە: «بۇ ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى.

  26. فَرَاغَ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ فَجَآءَ بِعِجۡلٖ سَمِينٖ

    Open ayah 51:26

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ (كاۋاپ قىلىنغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر؟» دېدى. [26 _ 27]

  27. فَقَرَّبَهُۥٓ إِلَيۡهِمۡ قَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ

    Open ayah 51:27

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ (كاۋاپ قىلىنغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر؟» دېدى. [26 _ 27]

  28. فَأَوۡجَسَ مِنۡهُمۡ خِيفَةٗۖ قَالُواْ لَا تَخَفۡۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَٰمٍ عَلِيمٖ

    Open ayah 51:28

    (ئۇلارنىڭ يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى، ئۇلار: «قورقمىغىن» دېدى ۋە ئۇنىڭغا بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى.

  29. فَأَقۡبَلَتِ ٱمۡرَأَتُهُۥ فِي صَرَّةٖ فَصَكَّتۡ وَجۡهَهَا وَقَالَتۡ عَجُوزٌ عَقِيمٞ

    Open ayah 51:29

    ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن بىر تۇغماس موماي تۇرسام (قانداقمۇ تۇغىمەن؟)» دېدى.

  30. قَالُواْ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ 

    Open ayah 51:30

    ئۇلار: «رەببىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى.

  31. ۞قَالَ فَمَا خَطۡبُكُمۡ أَيُّهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ

    Open ayah 51:31

    ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى.

  32. قَالُوٓاْ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمٖ مُّجۡرِمِينَ

    Open ayah 51:32

    ئۇلار: بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنىڭ ئۈستىگە رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى كىمگە چۈشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن) ساپال تاشلارنى ياغدۇرش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق » دېدى. [32 _ 33 _ 34]

  33. لِنُرۡسِلَ عَلَيۡهِمۡ حِجَارَةٗ مِّن طِينٖ

    Open ayah 51:33

    ئۇلار: بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنىڭ ئۈستىگە رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى كىمگە چۈشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن) ساپال تاشلارنى ياغدۇرش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق » دېدى. [32 _ 33 _ 34]

  34. مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ لِلۡمُسۡرِفِينَ

    Open ayah 51:34

    ئۇلار: بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنىڭ ئۈستىگە رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى كىمگە چۈشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن) ساپال تاشلارنى ياغدۇرش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق » دېدى. [32 _ 33 _ 34]

  35. فَأَخۡرَجۡنَا مَن كَانَ فِيهَا مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 51:35

    (ھالاك بولمىسۇن دەپ) ئۇ يۇرتتىكى مۇئمىنلەرنى (دەرھال) سىرتقا چىقىرىۋەتتۇق.

  36. فَمَا وَجَدۡنَا فِيهَا غَيۡرَ بَيۡتٖ مِّنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ

    Open ayah 51:36

    زادى ئۇ يەردە بىر ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا مۇسۇلمان تاپالمىدۇق.

  37. وَتَرَكۡنَا فِيهَآ ءَايَةٗ لِّلَّذِينَ يَخَافُونَ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ

    Open ayah 51:37

    قىينىغۇچى ئازابتىن قورقىدىغانلار (نىڭ ئىبرەت ئېلىشى) ئۈچۈن ئۇ يۇرتتا ئىزنالارنى قالدۇردۇق.

  38. وَفِي مُوسَىٰٓ إِذۡ أَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 51:38

    مۇسا (نىڭ قىسسىسى) دىمۇ (نۇرغۇن ئىبرەت بار). ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇنى روشەن دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە ئەۋەتكەن ئىدۇق.

  39. فَتَوَلَّىٰ بِرُكۡنِهِۦ وَقَالَ سَٰحِرٌ أَوۡ مَجۡنُونٞ

    Open ayah 51:39

    پىرئەۋن قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى ۋە (مۇسانى): «بۇ بىر سېھىرگەر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى.

  40. فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٞ 

    Open ayah 51:40

    بىز ئۇنى ۋە قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، ئۇ (ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك) مالامەتكە تېگىشلىك ئىدى.

  41. وَفِي عَادٍ إِذۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلرِّيحَ ٱلۡعَقِيمَ

    Open ayah 51:41

    ئاد قەۋمى(نىڭ قىسسىسى) دىمۇ (نۇرغۇن ئىبرەت بار). ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇلارغا (ھالاك قىلغۇچى) شۇم بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق.

  42. مَا تَذَرُ مِن شَيۡءٍ أَتَتۡ عَلَيۡهِ إِلَّا جَعَلَتۡهُ كَٱلرَّمِيمِ

    Open ayah 51:42

    ئۇ (بوران) قانداقلا نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك قىلىۋېتەتتى.

  43. وَفِي ثَمُودَ إِذۡ قِيلَ لَهُمۡ تَمَتَّعُواْ حَتَّىٰ حِينٖ

    Open ayah 51:43

    سەمۇد قەۋمى (نىڭ قىسسىسى) دىمۇ (نۇرغۇن ئىبرەت بار). ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر مەلۇم مۇددەتكىچە ياشىۋېلىڭلار» دېگەن ئىدۇق.

  44. فَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ وَهُمۡ يَنظُرُونَ

    Open ayah 51:44

    ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قاراپ تۇرغان ھالىتىدە چاقماق سوقتى.

  45. فَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ مِن قِيَامٖ وَمَا كَانُواْ مُنتَصِرِينَ

    Open ayah 51:45

    ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمىدى، ئۆزلىرىنى قوغداپمۇ قالالمىدى.

  46. وَقَوۡمَ نُوحٖ مِّن قَبۡلُۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ

    Open ayah 51:46

    بىز ئىلگىرى نۇھ قەۋمىنى (ھالاك قىلدۇق). چۈنكى، ئۇلار ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى.

  47. وَٱلسَّمَآءَ بَنَيۡنَٰهَا بِأَيۡيْدٖ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ

    Open ayah 51:47

    بىز ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز (ئۇنى) ئەلۋەتتە كېڭەيتكۈچىمىز.

  48. وَٱلۡأَرۡضَ فَرَشۡنَٰهَا فَنِعۡمَ ٱلۡمَٰهِدُونَ

    Open ayah 51:48

    بىز زېمىننى (ياشاشقا قولايلىق قىلىپ) يايدۇق. بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز!

  49. وَمِن كُلِّ شَيۡءٍ خَلَقۡنَا زَوۡجَيۡنِ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 51:49

    بىز سىلەرنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ، ھەربىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق.

  50. فَفِرُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِۖ إِنِّي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ مُّبِينٞ 

    Open ayah 51:50

    (ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) «(ئى ئىنسانلار!) ئاللاھ تەرەپكە قېچىۋېلىڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.

  51. وَلَا تَجۡعَلُواْ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۖ إِنِّي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 51:51

    سىلەر باشقا مەبۇدنى ئاللاھقا شېرىك قىلماڭلار. مەن راستتىنلا سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».

  52. كَذَٰلِكَ مَآ أَتَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا قَالُواْ سَاحِرٌ أَوۡ مَجۡنُونٌ

    Open ayah 51:52

    شۇنىڭدەك (يەنى مەككىلىكلەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغاندەك)، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرگىمۇ بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا، (ئۇنى ئىنكار قىلىپ): «سېھىرگەر ياكى مەجنۇن» دېگەن ئىدى.

  53. أَتَوَاصَوۡاْ بِهِۦۚ بَلۡ هُمۡ قَوۡمٞ طَاغُونَ

    Open ayah 51:53

    ئۇلار بۇنداق دېيىشنى بىرـ بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر.

  54. فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ فَمَآ أَنتَ بِمَلُومٖ

    Open ayah 51:54

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، (ئۇلار سەۋەبلىك) سەن ھەرگىز ئەيىبلەنمەيسەن.

  55. وَذَكِّرۡ فَإِنَّ ٱلذِّكۡرَىٰ تَنفَعُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 51:55

    سەن (يەنىلا) ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن. چۈنكى، ۋەز _ نەسىھەت مۇئمىنلەرگە پايدا بېرىدۇ.

  56. وَمَا خَلَقۡتُ ٱلۡجِنَّ وَٱلۡإِنسَ إِلَّا لِيَعۡبُدُونِ

    Open ayah 51:56

    جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم.

  57. مَآ أُرِيدُ مِنۡهُم مِّن رِّزۡقٖ وَمَآ أُرِيدُ أَن يُطۡعِمُونِ

    Open ayah 51:57

    مەن ئۇلاردىن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنىمۇ ئىستىمەيمەن.

  58. إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلرَّزَّاقُ ذُو ٱلۡقُوَّةِ ٱلۡمَتِينُ

    Open ayah 51:58

    شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەممىگە) رىزىق بەرگۈچىدۇر، كۈچ _ قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر، ناھايىتى قۇدرەتلىكتۇر.

  59. فَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ ذَنُوبٗا مِّثۡلَ ذَنُوبِ أَصۡحَٰبِهِمۡ فَلَا يَسۡتَعۡجِلُونِ

    Open ayah 51:59

    شەكسىزكى، بۇ زالىملارغىمۇ ئىلگىرىكى زالىملارنىڭ (ئازابتىن) نېسىۋىسى بولغاندەك نېسىۋە بولىدۇ. ئۇلار (ئۆزلىرىنى ئازابلاشقا) مېنى ئالدىراتمىسۇن (ئۇ ئازاب چوقۇم كېلىدۇ).

  60. فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن يَوۡمِهِمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ 

    Open ayah 51:60

    كاپىرلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندىكى ھالىغا ۋاي!