ق
Qaaf
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
قٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡمَجِيدِ
Open ayah 50:1قاف (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
بَلۡ عَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡ فَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا شَيۡءٌ عَجِيبٌ
Open ayah 50:2ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىپ كەتتى، ئۇلار: «بۇ ئاجايىپ بىر ئىشتۇر،
أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗاۖ ذَٰلِكَ رَجۡعُۢ بَعِيدٞ
Open ayah 50:3بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلەمدۇق؟) بۇ (ئېھتىمالدىن تولىمۇ) يىراق بىر قايتىشتۇر» دېيىشتى.
قَدۡ عَلِمۡنَا مَا تَنقُصُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۡهُمۡۖ وَعِندَنَا كِتَٰبٌ حَفِيظُۢ
Open ayah 50:4بىز ئۇلار (نىڭ جەسەتلىرى) دىن زېمىننىڭ قانچىلىك يەپ كەتكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (لەۋھۇلمەھفۇز) بار.
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَهُمۡ فِيٓ أَمۡرٖ مَّرِيجٍ
Open ayah 50:5بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار تۇراقسىز ھالەتتىدۇر.
أَفَلَمۡ يَنظُرُوٓاْ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَوۡقَهُمۡ كَيۡفَ بَنَيۡنَٰهَا وَزَيَّنَّٰهَا وَمَا لَهَا مِن فُرُوجٖ
Open ayah 50:6ئۇلار ئۈستىدىكى ئاسماننى ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق بولمىغان ھالدا قانداق بەرپا قىلغانلىقىمىزغا ۋە قانداق بېزىگەنلىكىمىزگە قارىمامدۇ؟
وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ
Open ayah 50:7بىز زېمىننى كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇستەھكەم تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق ۋە ئۇنىڭدا ھەر تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.
تَبۡصِرَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِكُلِّ عَبۡدٖ مُّنِيبٖ
Open ayah 50:8(بۇنى ئاللاھقا) يۈزلەنگۈچى ھەربىر بەندىگە (قۇدرىتىمىزنى) كۆرسىتىش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈن(قىلدۇق).
وَنَزَّلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ مُّبَٰرَكٗا فَأَنۢبَتۡنَا بِهِۦ جَنَّٰتٖ وَحَبَّ ٱلۡحَصِيدِ
Open ayah 50:9– بىز بۇلۇتتىن بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورما دەرەخلىرىنى ئۆستۈردۇق. [9 _ 10]
وَٱلنَّخۡلَ بَاسِقَٰتٖ لَّهَا طَلۡعٞ نَّضِيدٞ
Open ayah 50:10– بىز بۇلۇتتىن بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورما دەرەخلىرىنى ئۆستۈردۇق. [9 _ 10]
رِّزۡقٗا لِّلۡعِبَادِۖ وَأَحۡيَيۡنَا بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗاۚ كَذَٰلِكَ ٱلۡخُرُوجُ
Open ayah 50:11(بۇلارنى) بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، (قەبرىلەردىن تىرىلىپ) چىقىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.
كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَأَصۡحَٰبُ ٱلرَّسِّ وَثَمُودُ
Open ayah 50:12ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، رەس ئاھالىسى ۋە سەمۇد قەۋمىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى.
وَعَادٞ وَفِرۡعَوۡنُ وَإِخۡوَٰنُ لُوطٖ
Open ayah 50:13ئاد قەۋمى، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى ۋە تۇببە قەۋمى — ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاگاھلاندۇرغان (ئازاب) ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى. [13 _ 14]
وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ وَقَوۡمُ تُبَّعٖۚ كُلّٞ كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
Open ayah 50:14ئاد قەۋمى، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى ۋە تۇببە قەۋمى — ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاگاھلاندۇرغان (ئازاب) ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى. [13 _ 14]
أَفَعَيِينَا بِٱلۡخَلۡقِ ٱلۡأَوَّلِۚ بَلۡ هُمۡ فِي لَبۡسٖ مِّنۡ خَلۡقٖ جَدِيدٖ
Open ayah 50:15بىز دەسلەپكى قېتىم يارىتىشتا ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) يېڭىدىن يارىتىلىشقا گۇماندىدۇر.
وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ وَنَعۡلَمُ مَا تُوَسۡوِسُ بِهِۦ نَفۡسُهُۥۖ وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنۡ حَبۡلِ ٱلۡوَرِيدِ
Open ayah 50:16بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلتۈرگەنلىرىنىمۇ بىلىمىز، بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.
إِذۡ يَتَلَقَّى ٱلۡمُتَلَقِّيَانِ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ قَعِيدٞ
Open ayah 50:17ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار.
مَّا يَلۡفِظُ مِن قَوۡلٍ إِلَّا لَدَيۡهِ رَقِيبٌ عَتِيدٞ
Open ayah 50:18ئىنسان قانداقلا بىر سۆزنى قىلسۇن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېنىدا كۆزىتىپ تۇرغۇچى (ۋە يېزىشقا) ھازىر پەرىشتە بولىدۇ.
وَجَآءَتۡ سَكۡرَةُ ٱلۡمَوۡتِ بِٱلۡحَقِّۖ ذَٰلِكَ مَا كُنتَ مِنۡهُ تَحِيدُ
Open ayah 50:19ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ _ دە، «(ئى ئىنسان!) بۇ سەن داۋاملىق قېچىپ كېلىۋاتقان نەرسىدۇر» (دېيىلىدۇ).
وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡوَعِيدِ
Open ayah 50:20سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كاپىرلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندۇر.
وَجَآءَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّعَهَا سَآئِقٞ وَشَهِيدٞ
Open ayah 50:21ھەر ئىنسان (ھېساب مەيدانىغا) بىر ھەيدىگۈچى ۋە بىر گۇۋاھچى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
لَّقَدۡ كُنتَ فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا فَكَشَفۡنَا عَنكَ غِطَآءَكَ فَبَصَرُكَ ٱلۡيَوۡمَ حَدِيدٞ
Open ayah 50:22(ئۇنىڭغا): «(ئى ئىنسان!) سەن بۇ كۈندىن غەپلەتتە ئىدىڭ، سەندىن (كۆزۈڭدىكى) پەردەڭنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى» (دېيىلىدۇ).
وَقَالَ قَرِينُهُۥ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ
Open ayah 50:23ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغان پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە _ ئەمەل) مېنىڭ ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ.
أَلۡقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٖ
Open ayah 50:24(ئاللاھ ئۇ ئىككى پەرىشتىگە ئەمر قىلىپ): «كۇفرىدا چىڭ تۇرغۇچى، ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەربىر كاپىرنى جەھەننەمنىڭ ئىچىگە — شىددەتلىك ئازابنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار» (دەيدۇ). [24 _ 26]
مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٖ مُّرِيبٍ
Open ayah 50:25(ئاللاھ ئۇ ئىككى پەرىشتىگە ئەمر قىلىپ): «كۇفرىدا چىڭ تۇرغۇچى، ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەربىر كاپىرنى جەھەننەمنىڭ ئىچىگە — شىددەتلىك ئازابنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار» (دەيدۇ). [24 _ 26]
ٱلَّذِي جَعَلَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَأَلۡقِيَاهُ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلشَّدِيدِ
Open ayah 50:26(ئاللاھ ئۇ ئىككى پەرىشتىگە ئەمر قىلىپ): «كۇفرىدا چىڭ تۇرغۇچى، ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەربىر كاپىرنى جەھەننەمنىڭ ئىچىگە — شىددەتلىك ئازابنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار» (دەيدۇ). [24 _ 26]
۞قَالَ قَرِينُهُۥ رَبَّنَا مَآ أَطۡغَيۡتُهُۥ وَلَٰكِن كَانَ فِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٖ
Open ayah 50:27ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «ئى رەببىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن ئۇ ئۆزى چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا ئىدى» دەيدۇ.
قَالَ لَا تَخۡتَصِمُواْ لَدَيَّ وَقَدۡ قَدَّمۡتُ إِلَيۡكُم بِٱلۡوَعِيدِ
Open ayah 50:28ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا دەۋالاشماڭلار، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ دەرگاھىمدا سۆز ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ. [28 _ 29]
مَا يُبَدَّلُ ٱلۡقَوۡلُ لَدَيَّ وَمَآ أَنَا۠ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
Open ayah 50:29ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا دەۋالاشماڭلار، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ دەرگاھىمدا سۆز ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ. [28 _ 29]
يَوۡمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ ٱمۡتَلَأۡتِ وَتَقُولُ هَلۡ مِن مَّزِيدٖ
Open ayah 50:30ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ.
وَأُزۡلِفَتِ ٱلۡجَنَّةُ لِلۡمُتَّقِينَ غَيۡرَ بَعِيدٍ
Open ayah 50:31جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان بىر جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ.
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٖ
Open ayah 50:32(ئۇلارغا): «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (جەننەت) مۇشۇدۇر، (بۇ) ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان، خىلۋەتتە رەھمان ئاللاھتىن قورققان ۋە ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە خاستۇر. سىلەر جەننەتكە ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ). [32 _ 34]
مَّنۡ خَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِ وَجَآءَ بِقَلۡبٖ مُّنِيبٍ
Open ayah 50:33(ئۇلارغا): «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (جەننەت) مۇشۇدۇر، (بۇ) ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان، خىلۋەتتە رەھمان ئاللاھتىن قورققان ۋە ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە خاستۇر. سىلەر جەننەتكە ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ). [32 _ 34]
ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٖۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُلُودِ
Open ayah 50:34(ئۇلارغا): «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (جەننەت) مۇشۇدۇر، (بۇ) ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان، خىلۋەتتە رەھمان ئاللاھتىن قورققان ۋە ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە خاستۇر. سىلەر جەننەتكە ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ). [32 _ 34]
لَهُم مَّا يَشَآءُونَ فِيهَا وَلَدَيۡنَا مَزِيدٞ
Open ayah 50:35جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ئۇنىڭدىنمۇ زىيادىسى (يەنى ئاللاھنى كۆرۈش نېمىتى) بار.
وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّن قَرۡنٍ هُمۡ أَشَدُّ مِنۡهُم بَطۡشٗا فَنَقَّبُواْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ هَلۡ مِن مَّحِيصٍ
Open ayah 50:36بىز ئۇلاردىن (يەنى مەككە كاپىرلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا بەك كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇ ئۈممەتلەر (ئۆلۈمدىن) قاچىدىغان جاي بارمىدۇ (دەپ) ھەرقايسى شەھەرلەرنى كېزىپ چىققان ئىدى.
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكۡرَىٰ لِمَن كَانَ لَهُۥ قَلۡبٌ أَوۡ أَلۡقَى ٱلسَّمۡعَ وَهُوَ شَهِيدٞ
Open ayah 50:37شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلى بار ياكى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند-نەسىھەت بار.
وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ وَمَا مَسَّنَا مِن لُّغُوبٖ
Open ayah 50:38شەكسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىزگە ھېچقانداق ھاردۇق يەتكىنى يوق.
فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ ٱلۡغُرُوبِ
Open ayah 50:39(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن.
وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَأَدۡبَٰرَ ٱلسُّجُودِ
Open ayah 50:40كېچىدە ۋە سەجدىدىن (نامازدىن) كېيىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
وَٱسۡتَمِعۡ يَوۡمَ يُنَادِ ٱلۡمُنَادِ مِن مَّكَانٖ قَرِيبٖ
Open ayah 50:41نىدا قىلغۇچى[123] يېقىن بىر جايدىن نىدا قىلىدىغان كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن.
- نىدا قىلغۇچى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۇر چېلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىشى بىلەن ھەممە جانلىق ئۆلىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق چېلىشى بىلەن ھەممە خالايىق تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ.
يَوۡمَ يَسۡمَعُونَ ٱلصَّيۡحَةَ بِٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُرُوجِ
Open ayah 50:42ئۇ كۈندە ئۇلار (يەنى بارلىق خالايىق) سۇر ئاۋازىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئاڭلايدۇ، ئەنە شۇ (قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر.
إِنَّا نَحۡنُ نُحۡيِۦ وَنُمِيتُ وَإِلَيۡنَا ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 50:43بىز ھەقىقەتەن ياشىتىمىز، ئۆلتۈرىمىز، ئاخىر قايتىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر.
يَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلۡأَرۡضُ عَنۡهُمۡ سِرَاعٗاۚ ذَٰلِكَ حَشۡرٌ عَلَيۡنَا يَسِيرٞ
Open ayah 50:44ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ. ئەنە شۇنداق يىغىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئاساندۇر.
نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَقُولُونَۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِجَبَّارٖۖ فَذَكِّرۡ بِٱلۡقُرۡءَانِ مَن يَخَافُ وَعِيدِ
Open ayah 50:45بىز ئۇلارنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىمانغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، سەن مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن.