الفجر
Al-Fajr
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلۡفَجۡرِ
Open ayah 89:1سۈبھى بىلەن، ئون كېچە[139] بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن، ئۆتۈۋاتقان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇلاردا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن (ئۇنى قايىل قىلغۇدەك) قەسەم بار. [1 _ 5]
- ئايەتتىكى «ئون كېچە»نى بەزى مۇپەسسىرلەر زۇلھەججە ئاينىڭ بېشىدىكى ئون كۈن دېسە، بەزىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىردىكى ئون كۈن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھەر ئاينىڭ بېشىدىن ئون كۈن دەيدۇ.
وَلَيَالٍ عَشۡرٖ
Open ayah 89:2سۈبھى بىلەن، ئون كېچە[139] بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن، ئۆتۈۋاتقان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇلاردا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن (ئۇنى قايىل قىلغۇدەك) قەسەم بار. [1 _ 5]
- ئايەتتىكى «ئون كېچە»نى بەزى مۇپەسسىرلەر زۇلھەججە ئاينىڭ بېشىدىكى ئون كۈن دېسە، بەزىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىردىكى ئون كۈن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھەر ئاينىڭ بېشىدىن ئون كۈن دەيدۇ.
وَٱلشَّفۡعِ وَٱلۡوَتۡرِ
Open ayah 89:3سۈبھى بىلەن، ئون كېچە[139] بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن، ئۆتۈۋاتقان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇلاردا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن (ئۇنى قايىل قىلغۇدەك) قەسەم بار. [1 _ 5]
- ئايەتتىكى «ئون كېچە»نى بەزى مۇپەسسىرلەر زۇلھەججە ئاينىڭ بېشىدىكى ئون كۈن دېسە، بەزىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىردىكى ئون كۈن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھەر ئاينىڭ بېشىدىن ئون كۈن دەيدۇ.
وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَسۡرِ
Open ayah 89:4سۈبھى بىلەن، ئون كېچە[139] بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن، ئۆتۈۋاتقان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇلاردا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن (ئۇنى قايىل قىلغۇدەك) قەسەم بار. [1 _ 5]
- ئايەتتىكى «ئون كېچە»نى بەزى مۇپەسسىرلەر زۇلھەججە ئاينىڭ بېشىدىكى ئون كۈن دېسە، بەزىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىردىكى ئون كۈن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھەر ئاينىڭ بېشىدىن ئون كۈن دەيدۇ.
هَلۡ فِي ذَٰلِكَ قَسَمٞ لِّذِي حِجۡرٍ
Open ayah 89:5سۈبھى بىلەن، ئون كېچە[139] بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن، ئۆتۈۋاتقان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇلاردا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن (ئۇنى قايىل قىلغۇدەك) قەسەم بار. [1 _ 5]
- ئايەتتىكى «ئون كېچە»نى بەزى مۇپەسسىرلەر زۇلھەججە ئاينىڭ بېشىدىكى ئون كۈن دېسە، بەزىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىردىكى ئون كۈن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھەر ئاينىڭ بېشىدىن ئون كۈن دەيدۇ.
أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ
Open ayah 89:6(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاد قەۋمىنى — (باشقا) شەھەرلەردە ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان، ئېگىز بويلۇق ئىرەملىكلەرنى، تاغ جىلغىسىدا (ئۆي سېلىش ئۈچۈن) قورام تاشلارنى يونۇپ ئۆيلەرنى سالغان سەمۇد قەۋمىنى، قوراللىق لەشكەرلىرى بولغان پىرئەۋننى رەببىڭنىڭ قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [6 _ 10]
إِرَمَ ذَاتِ ٱلۡعِمَادِ
Open ayah 89:7(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاد قەۋمىنى — (باشقا) شەھەرلەردە ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان، ئېگىز بويلۇق ئىرەملىكلەرنى، تاغ جىلغىسىدا (ئۆي سېلىش ئۈچۈن) قورام تاشلارنى يونۇپ ئۆيلەرنى سالغان سەمۇد قەۋمىنى، قوراللىق لەشكەرلىرى بولغان پىرئەۋننى رەببىڭنىڭ قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [6 _ 10]
ٱلَّتِي لَمۡ يُخۡلَقۡ مِثۡلُهَا فِي ٱلۡبِلَٰدِ
Open ayah 89:8(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاد قەۋمىنى — (باشقا) شەھەرلەردە ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان، ئېگىز بويلۇق ئىرەملىكلەرنى، تاغ جىلغىسىدا (ئۆي سېلىش ئۈچۈن) قورام تاشلارنى يونۇپ ئۆيلەرنى سالغان سەمۇد قەۋمىنى، قوراللىق لەشكەرلىرى بولغان پىرئەۋننى رەببىڭنىڭ قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [6 _ 10]
وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُواْ ٱلصَّخۡرَ بِٱلۡوَادِ
Open ayah 89:9(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاد قەۋمىنى — (باشقا) شەھەرلەردە ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان، ئېگىز بويلۇق ئىرەملىكلەرنى، تاغ جىلغىسىدا (ئۆي سېلىش ئۈچۈن) قورام تاشلارنى يونۇپ ئۆيلەرنى سالغان سەمۇد قەۋمىنى، قوراللىق لەشكەرلىرى بولغان پىرئەۋننى رەببىڭنىڭ قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [6 _ 10]
وَفِرۡعَوۡنَ ذِي ٱلۡأَوۡتَادِ
Open ayah 89:10(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاد قەۋمىنى — (باشقا) شەھەرلەردە ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان، ئېگىز بويلۇق ئىرەملىكلەرنى، تاغ جىلغىسىدا (ئۆي سېلىش ئۈچۈن) قورام تاشلارنى يونۇپ ئۆيلەرنى سالغان سەمۇد قەۋمىنى، قوراللىق لەشكەرلىرى بولغان پىرئەۋننى رەببىڭنىڭ قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [6 _ 10]
ٱلَّذِينَ طَغَوۡاْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ
Open ayah 89:11ئۇلار شەھەرلەردە ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلىۋىدى، شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك ئازابلارنى ياغدۇردى. [11 _ 13]
فَأَكۡثَرُواْ فِيهَا ٱلۡفَسَادَ
Open ayah 89:12ئۇلار شەھەرلەردە ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلىۋىدى، شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك ئازابلارنى ياغدۇردى. [11 _ 13]
فَصَبَّ عَلَيۡهِمۡ رَبُّكَ سَوۡطَ عَذَابٍ
Open ayah 89:13ئۇلار شەھەرلەردە ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلىۋىدى، شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك ئازابلارنى ياغدۇردى. [11 _ 13]
إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلۡمِرۡصَادِ
Open ayah 89:14شەكسىزكى، رەببىڭ ئەلۋەتتە (ھەممىنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
فَأَمَّا ٱلۡإِنسَٰنُ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكۡرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَكۡرَمَنِ
Open ayah 89:15رەببى ئىنساننى سىناپ، ئۇنى ئىززەتلىسە ۋە ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلسا، ئۇ: «رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ.
وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيۡهِ رِزۡقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَهَٰنَنِ
Open ayah 89:16رەببى ئۇنى سىناپ، ئۇنىڭ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «رەببىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ.
كَلَّاۖ بَل لَّا تُكۡرِمُونَ ٱلۡيَتِيمَ
Open ayah 89:17ئىش ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ھەقىقەت شۇكى، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر.
وَلَا تَحَٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ
Open ayah 89:18بىر _ بىرىڭلارنى يوقسۇلغا ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر.
وَتَأۡكُلُونَ ٱلتُّرَاثَ أَكۡلٗا لَّمّٗا
Open ayah 89:19مىراسنى (ھالال–ھارام دېمەي) ھە دەپ يەيسىلەر[140].
- جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەر ئاياللار بىلەن بالىلارغا مىراس بەرمەيتتى.
وَتُحِبُّونَ ٱلۡمَالَ حُبّٗا جَمّٗا
Open ayah 89:20مال _ دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىسىلەر.
كَلَّآۖ إِذَا دُكَّتِ ٱلۡأَرۡضُ دَكّٗا دَكّٗا
Open ayah 89:21بۇنداق قىلىشىڭلار توغرا ئەمەس. زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا،
وَجَآءَ رَبُّكَ وَٱلۡمَلَكُ صَفّٗا صَفّٗا
Open ayah 89:22رەببىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن) كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ _ سەپ بولۇپ ھازىر بولغان چاغدا،
وَجِاْيٓءَ يَوۡمَئِذِۭ بِجَهَنَّمَۚ يَوۡمَئِذٖ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكۡرَىٰ
Open ayah 89:23جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (ئەمما بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي قَدَّمۡتُ لِحَيَاتِي
Open ayah 89:24ئۇ: «كاشكى مەن (ئاخىرەتتىكى) ھاياتىم ئۈچۈن (دۇنيادا) ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!» دەپ كېتىدۇ.
فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُۥٓ أَحَدٞ
Open ayah 89:25ھېچكىم ئاللاھ شۇ كۈندە جازالىغاندەك جازالىيالمايدۇ.
وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُۥٓ أَحَدٞ
Open ayah 89:26ھەمدە ھېچكىم ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىيالمايدۇ.
يَٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفۡسُ ٱلۡمُطۡمَئِنَّةُ
Open ayah 89:27(مۇئمىننىڭ جېنىغا مۇنداق دېيىلىدۇ) «ئى ئارام تاپقۇچى جان!
ٱرۡجِعِيٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةٗ مَّرۡضِيَّةٗ
Open ayah 89:28سەن رەببىڭدىن مەمنۇن بولغان، رەببىڭمۇ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن.
فَٱدۡخُلِي فِي عِبَٰدِي
Open ayah 89:29سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىمنىڭ قاتارىغا قوشۇلغىن.
وَٱدۡخُلِي جَنَّتِي
Open ayah 89:30مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن».