الغاشية

Al-Ghaashiya

The Overwhelming · Surah 88 · Ayahs: 26 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡغَٰشِيَةِ

    Open ayah 88:1

    ساڭا (دەھشىتى ھەممىنى) ئورىۋالىدىغان (قىيامەت) نىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

  2. وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ خَٰشِعَةٌ

    Open ayah 88:2

    بۇ كۈندە (كاپىرلارنىڭ) يۈزلىرى خار بولىدۇ.

  3. عَامِلَةٞ نَّاصِبَةٞ

    Open ayah 88:3

    ئۇلار (دۇنيادا) گۇناھ قىلغان، (ئاخىرەتتە) ئازابقا قالىدىغان كىشىلەردۇر.

  4. تَصۡلَىٰ نَارًا حَامِيَةٗ

    Open ayah 88:4

    ئۇلار ئەڭ ھارارەتلىك دوزاخقا كىرىدۇ،

  5. تُسۡقَىٰ مِنۡ عَيۡنٍ ءَانِيَةٖ

    Open ayah 88:5

    ئۇلار (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ.

  6. لَّيۡسَ لَهُمۡ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٖ

    Open ayah 88:6

    ئۇلارغا يا ئوزۇق بولمايدىغان ياكى ئاچلىققا دال بولالمايدىغان (ئاچچىق) تىكەنلىك ئۆسۈملۈكتىن باشقا يېمەكلىك يوق. [6 _ 7]

  7. لَّا يُسۡمِنُ وَلَا يُغۡنِي مِن جُوعٖ

    Open ayah 88:7

    ئۇلارغا يا ئوزۇق بولمايدىغان ياكى ئاچلىققا دال بولالمايدىغان (ئاچچىق) تىكەنلىك ئۆسۈملۈكتىن باشقا يېمەكلىك يوق. [6 _ 7]

  8. وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاعِمَةٞ

    Open ayah 88:8

    بۇ كۈندە (مۇئمىنلەرنىڭ) يۈزلىرىدە بەخت- سائادەتنىڭ خۇشاللىقى جىلۋىلىنىدۇ.

  9. لِّسَعۡيِهَا رَاضِيَةٞ

    Open ayah 88:9

    ئۇلار (دۇنيادىكى) ئەمەللىرىدىن خۇشال بولىدۇ،

  10. فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ 

    Open ayah 88:10

    ئۇلار ئالىي جەننەتتە تۇرىدۇ،

  11. لَّا تَسۡمَعُ فِيهَا لَٰغِيَةٗ

    Open ayah 88:11

    ئۇ جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ.

  12. فِيهَا عَيۡنٞ جَارِيَةٞ

    Open ayah 88:12

    ئۇ جەننەتتە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار.

  13. فِيهَا سُرُرٞ مَّرۡفُوعَةٞ

    Open ayah 88:13

    ئۇ جەننەتتە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت _ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان بىساتلار بار. [13 _ 16]

  14. وَأَكۡوَابٞ مَّوۡضُوعَةٞ

    Open ayah 88:14

    ئۇ جەننەتتە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت _ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان بىساتلار بار. [13 _ 16]

  15. وَنَمَارِقُ مَصۡفُوفَةٞ

    Open ayah 88:15

    ئۇ جەننەتتە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت _ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان بىساتلار بار. [13 _ 16]

  16. وَزَرَابِيُّ مَبۡثُوثَةٌ

    Open ayah 88:16

    ئۇ جەننەتتە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت _ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان بىساتلار بار. [13 _ 16]

  17. أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلۡإِبِلِ كَيۡفَ خُلِقَتۡ

    Open ayah 88:17

    ئۇلار تۆگىلەرگە قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟

  18. وَإِلَى ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ رُفِعَتۡ

    Open ayah 88:18

    ئۇلار ئاسمانغا قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ ئاسمان قانداق كۆتۈرۈلدى؟

  19. وَإِلَى ٱلۡجِبَالِ كَيۡفَ نُصِبَتۡ

    Open ayah 88:19

    ئۇلار تاغلارغا قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ تاغلار قانداق كۆتۈرۈلدى؟

  20. وَإِلَى ٱلۡأَرۡضِ كَيۡفَ سُطِحَتۡ 

    Open ayah 88:20

    ئۇلار زېمىنغا قاراپ باقمامدۇ؟ ئۇ زېمىن قانداق يېيىلدى؟

  21. فَذَكِّرۡ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٞ

    Open ayah 88:21

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن (ئۇلارغا) ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن. سەن پەقەت ۋەز _ نەسىھەت قىلغۇچىسەن.

  22. لَّسۡتَ عَلَيۡهِم بِمُصَيۡطِرٍ

    Open ayah 88:22

    سەن ئۇلارنى (ئىمانغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن.

  23. إِلَّا مَن تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ

    Open ayah 88:23

    لېكىن، كىمكى (ۋەز _ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن ۋە (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدىكەن،

  24. فَيُعَذِّبُهُ ٱللَّهُ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَكۡبَرَ

    Open ayah 88:24

    ئاللاھ ئۇنى ئەڭ چوڭ ئازاب بىلەن جازالايدۇ.

  25. إِنَّ إِلَيۡنَآ إِيَابَهُمۡ

    Open ayah 88:25

    ئۇلارنىڭ قايتىدىغان يېرى پەقەتلا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر.

  26. ثُمَّ إِنَّ عَلَيۡنَا حِسَابَهُم

    Open ayah 88:26

    ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش پەقەت بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.