البلد

Al-Balad

The City · Surah 90 · Ayahs: 20 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. لَآ أُقۡسِمُ بِهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ

    Open ayah 90:1

    بۇ شەھەر (مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى پەيغەمبەر!) بۇ شەھەردە ئۇرۇش قىلىش ساڭا (ۋاقىتلىق) ھالالدۇر. [1 _ 2]

  2. وَأَنتَ حِلُّۢ بِهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ

    Open ayah 90:2

    بۇ شەھەر (مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى پەيغەمبەر!) بۇ شەھەردە ئۇرۇش قىلىش ساڭا (ۋاقىتلىق) ھالالدۇر. [1 _ 2]

  3. وَوَالِدٖ وَمَا وَلَدَ

    Open ayah 90:3

    ئاتا ۋە بالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

  4. لَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ فِي كَبَدٍ

    Open ayah 90:4

    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا _ مۇشەققەت ئىچىگە ياراتتۇق.

  5. أَيَحۡسَبُ أَن لَّن يَقۡدِرَ عَلَيۡهِ أَحَدٞ

    Open ayah 90:5

    ئۇ (ھاكاۋۇر ئىنسان) ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟

  6. يَقُولُ أَهۡلَكۡتُ مَالٗا لُّبَدًا

    Open ayah 90:6

    ئۇ (پەخىرلىنىپ): «كۆپ مال _ دۇنيا سەرپ قىلدىم» دەيدۇ.

  7. أَيَحۡسَبُ أَن لَّمۡ يَرَهُۥٓ أَحَدٌ

    Open ayah 90:7

    ئۇ بۇنى ھېچ كىشى كۆرمىدى (ئاللاھ بۇنىڭدىن ھېساب ئالمايدۇ) دەپ ئويلامدۇ؟

  8. أَلَمۡ نَجۡعَل لَّهُۥ عَيۡنَيۡنِ

    Open ayah 90:8

    بىز ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى لەۋ ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا (ياخشى ۋە يامان) ئىككى يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ [8 _ 10]

  9. وَلِسَانٗا وَشَفَتَيۡنِ

    Open ayah 90:9

    بىز ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى لەۋ ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا (ياخشى ۋە يامان) ئىككى يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ [8 _ 10]

  10. وَهَدَيۡنَٰهُ ٱلنَّجۡدَيۡنِ 

    Open ayah 90:10

    بىز ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى لەۋ ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا (ياخشى ۋە يامان) ئىككى يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ [8 _ 10]

  11. فَلَا ٱقۡتَحَمَ ٱلۡعَقَبَةَ

    Open ayah 90:11

    (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇ داۋان ئاشمىدى.

  12. وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡعَقَبَةُ

    Open ayah 90:12

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن داۋان ئېشىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟

  13. فَكُّ رَقَبَةٍ

    Open ayah 90:13

    (داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلىشتۇر،

  14. أَوۡ إِطۡعَٰمٞ فِي يَوۡمٖ ذِي مَسۡغَبَةٖ

    Open ayah 90:14

    ياكى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن كۈنلەردە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە، ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر. [14 _ 16]

  15. يَتِيمٗا ذَا مَقۡرَبَةٍ

    Open ayah 90:15

    ياكى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن كۈنلەردە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە، ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر. [14 _ 16]

  16. أَوۡ مِسۡكِينٗا ذَا مَتۡرَبَةٖ

    Open ayah 90:16

    ياكى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن كۈنلەردە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە، ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر. [14 _ 16]

  17. ثُمَّ كَانَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلصَّبۡرِ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلۡمَرۡحَمَةِ

    Open ayah 90:17

    ئاندىن (يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، بىر- بىرىگە (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، بىر- بىرىگە مەرھەمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر.

  18. أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ

    Open ayah 90:18

    ئەنە ئاشۇ (ئىشلارنى قىلغان) كىشىلەر سائادەتمەن كىشىلەردۇر.

  19. وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِنَا هُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ

    Open ayah 90:19

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ھەقىقىي بەختسىزلەردۇر.

  20. عَلَيۡهِمۡ نَارٞ مُّؤۡصَدَةُۢ 

    Open ayah 90:20

    ئۇلار (ئىشىكلىرى مەھكەم) تاقالغان دوزاخقا سولىنىدۇ.