الشمس
Ash-Shams
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلشَّمۡسِ وَضُحَىٰهَا
Open ayah 91:1قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلۡقَمَرِ إِذَا تَلَىٰهَا
Open ayah 91:2قۇياشقا ئەگەشكەن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلنَّهَارِ إِذَا جَلَّىٰهَا
Open ayah 91:3قۇياشنى ئاشكارا قىلىدىغان كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰهَا
Open ayah 91:4قۇياشنى يوشۇرىدىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلسَّمَآءِ وَمَا بَنَىٰهَا
Open ayah 91:5ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنىڭ مۇستەھكەم بىناسى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا طَحَىٰهَا
Open ayah 91:6زېمىن بىلەن ۋە ئۇنىڭ كەڭ يېيىلىشى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَنَفۡسٖ وَمَا سَوَّىٰهَا
Open ayah 91:7جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى مۇكەممەل ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئىلھام قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [7 _ 8]
فَأَلۡهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقۡوَىٰهَا
Open ayah 91:8جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى مۇكەممەل ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئىلھام قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [7 _ 8]
قَدۡ أَفۡلَحَ مَن زَكَّىٰهَا
Open ayah 91:9نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.
وَقَدۡ خَابَ مَن دَسَّىٰهَا
Open ayah 91:10ئۇنى (گۇناھ _ مەئسىيەتكە) كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
كَذَّبَتۡ ثَمُودُ بِطَغۡوَىٰهَآ
Open ayah 91:11سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (ئۆز پەيغەمبىرىنى) ئىنكار قىلدى.
إِذِ ٱنۢبَعَثَ أَشۡقَىٰهَا
Open ayah 91:12ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى بوغۇزلاشقا) تۇتۇش قىلغاندا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سالىھ) ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېگەن ئىدى. [12 _ 13]
فَقَالَ لَهُمۡ رَسُولُ ٱللَّهِ نَاقَةَ ٱللَّهِ وَسُقۡيَٰهَا
Open ayah 91:13ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى بوغۇزلاشقا) تۇتۇش قىلغاندا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سالىھ) ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېگەن ئىدى. [12 _ 13]
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمۡدَمَ عَلَيۡهِمۡ رَبُّهُم بِذَنۢبِهِمۡ فَسَوَّىٰهَا
Open ayah 91:14ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانغا چىقاردى ۋە تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھى تۈپەيلىدىن رەببى ئۇلارغا چوڭ بىر ئازابنى چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەتتى. ئاللاھ (ئۇلارنى بۇنداق جازالاشنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ قالمايدۇ. [14 _ 15]
وَلَا يَخَافُ عُقۡبَٰهَا
Open ayah 91:15ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانغا چىقاردى ۋە تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھى تۈپەيلىدىن رەببى ئۇلارغا چوڭ بىر ئازابنى چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەتتى. ئاللاھ (ئۇلارنى بۇنداق جازالاشنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ قالمايدۇ. [14 _ 15]