الليل

Al-Lail

The Night · Surah 92 · Ayahs: 21 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰ

    Open ayah 92:1

    (قاراڭغۇلۇقى ھەممە نەرسىنى) قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  2. وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ

    Open ayah 92:2

    يورۇغان كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  3. وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ

    Open ayah 92:3

    ئەركەك _ چىشىنى ياراتقان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

  4. إِنَّ سَعۡيَكُمۡ لَشَتَّىٰ

    Open ayah 92:4

    سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر.

  5. فَأَمَّا مَنۡ أَعۡطَىٰ وَٱتَّقَىٰ

    Open ayah 92:5

    (ئاللاھ يولىدا) پۇل _ مال سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى راست دەپ ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. [5 _ 7]

  6. وَصَدَّقَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

    Open ayah 92:6

    (ئاللاھ يولىدا) پۇل _ مال سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى راست دەپ ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. [5 _ 7]

  7. فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡيُسۡرَىٰ

    Open ayah 92:7

    (ئاللاھ يولىدا) پۇل _ مال سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى راست دەپ ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. [5 _ 7]

  8. وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسۡتَغۡنَىٰ

    Open ayah 92:8

    بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھتىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. [8 _ 10]

  9. وَكَذَّبَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

    Open ayah 92:9

    بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھتىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. [8 _ 10]

  10. فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡعُسۡرَىٰ 

    Open ayah 92:10

    بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھتىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. [8 _ 10]

  11. وَمَا يُغۡنِي عَنۡهُ مَالُهُۥٓ إِذَا تَرَدَّىٰٓ

    Open ayah 92:11

    ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ پۇل _ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ.

  12. إِنَّ عَلَيۡنَا لَلۡهُدَىٰ

    Open ayah 92:12

    شەكسىزكى، توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.

  13. وَإِنَّ لَنَا لَلۡأٓخِرَةَ وَٱلۡأُولَىٰ

    Open ayah 92:13

    دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر.

  14. فَأَنذَرۡتُكُمۡ نَارٗا تَلَظَّىٰ

    Open ayah 92:14

    مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم.

  15. لَا يَصۡلَىٰهَآ إِلَّا ٱلۡأَشۡقَى

    Open ayah 92:15

    ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغان، (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان ئەڭ بەتبەخت ئادەملا كىرىدۇ. [15 _ 16]

  16. ٱلَّذِي كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ

    Open ayah 92:16

    ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغان، (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان ئەڭ بەتبەخت ئادەملا كىرىدۇ. [15 _ 16]

  17. وَسَيُجَنَّبُهَا ٱلۡأَتۡقَى

    Open ayah 92:17

    پاكلىنىش ئۈچۈن پۇل _ مېلىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئەڭ تەقۋادار ئادەم (دوزاختىن) يىراق قىلىنىدۇ. [17 _ 18]

  18. ٱلَّذِي يُؤۡتِي مَالَهُۥ يَتَزَكَّىٰ

    Open ayah 92:18

    پاكلىنىش ئۈچۈن پۇل _ مېلىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئەڭ تەقۋادار ئادەم (دوزاختىن) يىراق قىلىنىدۇ. [17 _ 18]

  19. وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُۥ مِن نِّعۡمَةٖ تُجۡزَىٰٓ

    Open ayah 92:19

    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر. [19 _ 20]

  20. إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ رَبِّهِ ٱلۡأَعۡلَىٰ 

    Open ayah 92:20

    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر. [19 _ 20]

  21. وَلَسَوۡفَ يَرۡضَىٰ

    Open ayah 92:21

    ئۇ كەلگۈسىدە (رەببىنىڭ مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ.