الضحى
Ad-Dhuhaa
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلضُّحَىٰ
Open ayah 93:1چاشگاھ ۋاقتى بىلەن، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [1 _ 2]
وَٱلَّيۡلِ إِذَا سَجَىٰ
Open ayah 93:2چاشگاھ ۋاقتى بىلەن، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [1 _ 2]
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
Open ayah 93:3(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرۈپمۇ قالمىدى.
وَلَلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لَّكَ مِنَ ٱلۡأُولَىٰ
Open ayah 93:4سەن ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادىن ياخشىدۇر.
وَلَسَوۡفَ يُعۡطِيكَ رَبُّكَ فَتَرۡضَىٰٓ
Open ayah 93:5رەببىڭ ساڭا كەلگۈسىدە (كۆپ ياخشىلىق) ئاتا قىلىدۇ، سەن (بۇنىڭدىن) مەمنۇن بولىسەن.
أَلَمۡ يَجِدۡكَ يَتِيمٗا فَـَٔاوَىٰ
Open ayah 93:6ئۇ سېنىڭ يېتىملىكىڭنى بىلىپ پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟
وَوَجَدَكَ ضَآلّٗا فَهَدَىٰ
Open ayah 93:7سېنىڭ تېڭىرقاپ قالغىنىڭنى بىلىپ يول كۆرسەتمىدىمۇ؟
وَوَجَدَكَ عَآئِلٗا فَأَغۡنَىٰ
Open ayah 93:8سېنىڭ يوقسۇللۇقۇڭنى بىلىپ بېيىتمىدىمۇ؟
فَأَمَّا ٱلۡيَتِيمَ فَلَا تَقۡهَرۡ
Open ayah 93:9سەن يېتىمغا قوپاللىق قىلما،
وَأَمَّا ٱلسَّآئِلَ فَلَا تَنۡهَرۡ
Open ayah 93:10تىلەمچىنى سىلكىشلىمە،
وَأَمَّا بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثۡ
Open ayah 93:11رەببىڭنىڭ نېمىتىنى سۆزلەپ تۇرغىن.