الشرح
Ash-Sharh
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
أَلَمۡ نَشۡرَحۡ لَكَ صَدۡرَكَ
Open ayah 94:1(ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ كۆكسۈڭنى (ئىلىم _ ھېكمەتكە ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئېچىپ) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
وَوَضَعۡنَا عَنكَ وِزۡرَكَ
Open ayah 94:2سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكۈڭنى سەندىن ئېلىۋەتمىدۇقمۇ؟ [2 _ 3]
ٱلَّذِيٓ أَنقَضَ ظَهۡرَكَ
Open ayah 94:3سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكۈڭنى سەندىن ئېلىۋەتمىدۇقمۇ؟ [2 _ 3]
وَرَفَعۡنَا لَكَ ذِكۡرَكَ
Open ayah 94:4سېنىڭ شان _ شۆھرىتىڭنى يۇقىرى قىلمىدۇقمۇ؟
فَإِنَّ مَعَ ٱلۡعُسۡرِ يُسۡرًا
Open ayah 94:5ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.
إِنَّ مَعَ ٱلۡعُسۡرِ يُسۡرٗا
Open ayah 94:6ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.
فَإِذَا فَرَغۡتَ فَٱنصَبۡ
Open ayah 94:7(ئىشلىرىڭدىن) بىكار بولغان ھامان ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلگىن.
وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَٱرۡغَب
Open ayah 94:8رەببىڭگە يۈزلەنگىن.