التين

At-Tin

The Fig · Surah 95 · Ayahs: 8 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. وَٱلتِّينِ وَٱلزَّيۡتُونِ

    Open ayah 95:1

    ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىمەن، زەيتۇن بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  2. وَطُورِ سِينِينَ

    Open ayah 95:2

    تۇرسىنا تېغى بىلەن قەسەم قىلىمەن،

  3. وَهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ ٱلۡأَمِينِ

    Open ayah 95:3

    بۇ تىنچ شەھەر (مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

  4. لَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ فِيٓ أَحۡسَنِ تَقۡوِيمٖ

    Open ayah 95:4

    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق.

  5. ثُمَّ رَدَدۡنَٰهُ أَسۡفَلَ سَٰفِلِينَ

    Open ayah 95:5

    ئاندىن ئۇنى دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەۋىتىگە تاشلايمىز.

  6. إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَلَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونٖ

    Open ayah 95:6

    پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئەجىر بار.

  7. فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعۡدُ بِٱلدِّينِ

    Open ayah 95:7

    (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن (يەنى بۇنچە دەلىللەردىن) كېيىن، سېنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشىڭغا سەۋەب بولغان نەرسە نېمە؟

  8. أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَحۡكَمِ ٱلۡحَٰكِمِينَ

    Open ayah 95:8

    ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادالەتلىكى ئەمەسمۇ؟