العلق
Al-Alaq
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ٱقۡرَأۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلَّذِي خَلَقَ
Open ayah 96:1ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِنۡ عَلَقٍ
Open ayah 96:2ئۇ ئىنساننى ئەلەقتىن[141] ياراتتى.
- ئەلەقنىڭ مەنىسى ئۈچۈن ھەج سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە ئاستىغا بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارالسۇن.
ٱقۡرَأۡ وَرَبُّكَ ٱلۡأَكۡرَمُ
Open ayah 96:3سەن ئوقۇغىن. رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر. [3 _ 5]
ٱلَّذِي عَلَّمَ بِٱلۡقَلَمِ
Open ayah 96:4سەن ئوقۇغىن. رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر. [3 _ 5]
عَلَّمَ ٱلۡإِنسَٰنَ مَا لَمۡ يَعۡلَمۡ
Open ayah 96:5سەن ئوقۇغىن. رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر. [3 _ 5]
كَلَّآ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَيَطۡغَىٰٓ
Open ayah 96:6ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ئۆزىنى بىھاجەت سانىغان چېغىدا چوقۇم ھەددىدىن ئاشىدۇ. [6 _ 7]
أَن رَّءَاهُ ٱسۡتَغۡنَىٰٓ
Open ayah 96:7ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ئۆزىنى بىھاجەت سانىغان چېغىدا چوقۇم ھەددىدىن ئاشىدۇ. [6 _ 7]
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلرُّجۡعَىٰٓ
Open ayah 96:8(ئى ئىنسان!) شەكسىزكى، سېنىڭ بارىدىغان جايىڭ رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
أَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي يَنۡهَىٰ
Open ayah 96:9(ئى پەيغەمبەر!) ناماز ئوقۇۋاتقان بىر بەندىنى توسقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [9 _ 10]
عَبۡدًا إِذَا صَلَّىٰٓ
Open ayah 96:10(ئى پەيغەمبەر!) ناماز ئوقۇۋاتقان بىر بەندىنى توسقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [9 _ 10]
أَرَءَيۡتَ إِن كَانَ عَلَى ٱلۡهُدَىٰٓ
Open ayah 96:11دەپ باققىنە، ئەگەر ئۇ (ناماز ئوقۇغۇچى بەندە) توغرا يولدا بولغان ياكى (كىشىلەرنى) تەقۋادارلىققا بۇيرۇغان بىرى بولسىچۇ؟ [11 _ 12]
أَوۡ أَمَرَ بِٱلتَّقۡوَىٰٓ
Open ayah 96:12دەپ باققىنە، ئەگەر ئۇ (ناماز ئوقۇغۇچى بەندە) توغرا يولدا بولغان ياكى (كىشىلەرنى) تەقۋادارلىققا بۇيرۇغان بىرى بولسىچۇ؟ [11 _ 12]
أَرَءَيۡتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰٓ
Open ayah 96:13دەپ باققىنە، ئەگەر ئۇ (توسقۇچى) ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتقان بىرى بولسىچۇ؟
أَلَمۡ يَعۡلَم بِأَنَّ ٱللَّهَ يَرَىٰ
Open ayah 96:14ئۇ (قىلمىشلىرىنى) ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟
كَلَّا لَئِن لَّمۡ يَنتَهِ لَنَسۡفَعَۢا بِٱلنَّاصِيَةِ
Open ayah 96:15ياق (ئىش ھەرگىز ئۇ گۇناھكار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، بىز چوقۇم ئۇنداق يالغانچى گۇناھكارنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز. [15 _ 16]
نَاصِيَةٖ كَٰذِبَةٍ خَاطِئَةٖ
Open ayah 96:16ياق (ئىش ھەرگىز ئۇ گۇناھكار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، بىز چوقۇم ئۇنداق يالغانچى گۇناھكارنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز. [15 _ 16]
فَلۡيَدۡعُ نَادِيَهُۥ
Open ayah 96:17ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى (ياردەمگە) چاقىرىپ باقسۇن!
سَنَدۡعُ ٱلزَّبَانِيَةَ
Open ayah 96:18بىزمۇ دوزاخنىڭ قاتتىق قول پەرىشتىلىرىنى چاقىرىمىز.
كَلَّا لَا تُطِعۡهُ وَٱسۡجُدۡۤ وَٱقۡتَرِب۩
Open ayah 96:19ياق (ئىش ھەرگىز ئۇ گۇناھكار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇنىڭغا بويسۇنمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن ۋە (بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا) يېقىنلاشقىن.