التكوير
At-Takwir
Translation: Uyghur - Muhammad Saleh · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِذَا ٱلشَّمۡسُ كُوِّرَتۡ
Open ayah 81:1كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1]،
وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتۡ
Open ayah 81:2يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ سُيِّرَتۡ
Open ayah 81:3تاغلار گۇمران بولغان چاغدا[3]،
وَإِذَا ٱلۡعِشَارُ عُطِّلَتۡ
Open ayah 81:4بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4]،
وَإِذَا ٱلۡوُحُوشُ حُشِرَتۡ
Open ayah 81:5ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5]،
وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ سُجِّرَتۡ
Open ayah 81:6دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6]،
وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ
Open ayah 81:7جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا[7]،
وَإِذَا ٱلۡمَوۡءُۥدَةُ سُئِلَتۡ
Open ayah 81:8تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
بِأَيِّ ذَنۢبٖ قُتِلَتۡ
Open ayah 81:9تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتۡ
Open ayah 81:10نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10]،
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتۡ
Open ayah 81:11ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11]،
وَإِذَا ٱلۡجَحِيمُ سُعِّرَتۡ
Open ayah 81:12دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12]،
وَإِذَا ٱلۡجَنَّةُ أُزۡلِفَتۡ
Open ayah 81:13جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا[13]،
عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّآ أَحۡضَرَتۡ
Open ayah 81:14ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ[14].
فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلۡخُنَّسِ
Open ayah 81:15كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
ٱلۡجَوَارِ ٱلۡكُنَّسِ
Open ayah 81:16كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
وَٱلَّيۡلِ إِذَا عَسۡعَسَ
Open ayah 81:17قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن[17]،
وَٱلصُّبۡحِ إِذَا تَنَفَّسَ
Open ayah 81:18يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن[18].
إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ
Open ayah 81:19قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر[19].
ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي ٱلۡعَرۡشِ مَكِينٖ
Open ayah 81:20ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر[20].
مُّطَاعٖ ثَمَّ أَمِينٖ
Open ayah 81:21پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر[21].
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجۡنُونٖ
Open ayah 81:22سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر[22].
وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ
Open ayah 81:23ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى[23].
وَمَا هُوَ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ بِضَنِينٖ
Open ayah 81:24ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر[24].
وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٖ
Open ayah 81:25ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر[25].
فَأَيۡنَ تَذۡهَبُونَ
Open ayah 81:26قەيەرگە بارىسىلەر؟[26]
إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 81:27ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر[27].
لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ
Open ayah 81:28سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر[28].
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 81:29پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە[29].