التكاثر

At-Takaathur

Competition · Surah 102 · Ayahs: 8 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. أَلۡهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ

    Open ayah 102:1

    (ئى ئىنسانلار! پۇل _ مال ۋە بالىلارنىڭ) كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى (ئۆلۈپ) قەبرىگە كۆمۈلگەنگە قەدەر (تائەت _ ئىبادەتتىن) غەپلەتتە قالدۇردى. [1 _ 2]

  2. حَتَّىٰ زُرۡتُمُ ٱلۡمَقَابِرَ

    Open ayah 102:2

    (ئى ئىنسانلار! پۇل _ مال ۋە بالىلارنىڭ) كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى (ئۆلۈپ) قەبرىگە كۆمۈلگەنگە قەدەر (تائەت _ ئىبادەتتىن) غەپلەتتە قالدۇردى. [1 _ 2]

  3. كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 102:3

    بۇنداق قىلىشىڭلار توغرا ئەمەس، (سىلەر ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر.

  4. ثُمَّ كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 102:4

    ئاندىن (يەنە دەپ قوياي) بۇنداق قىلىشىڭلار توغرا ئەمەس، (قىلمىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر.

  5. كَلَّا لَوۡ تَعۡلَمُونَ عِلۡمَ ٱلۡيَقِينِ

    Open ayah 102:5

    ھەقىقەت شۇكى، ئەگەر سىلەر ھەقىقىي بىلگەن بولساڭلار (غەپلەتتە قالمايتتىڭلار).

  6. لَتَرَوُنَّ ٱلۡجَحِيمَ

    Open ayah 102:6

    سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر.

  7. ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيۡنَ ٱلۡيَقِينِ

    Open ayah 102:7

    ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.

  8. ثُمَّ لَتُسۡـَٔلُنَّ يَوۡمَئِذٍ عَنِ ٱلنَّعِيمِ

    Open ayah 102:8

    ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەر توغرۇلۇق بۇ كۈندە سوراققا تارتىلىسىلەر.