البينة

Al-Bayyina

The Evidence · Surah 98 · Ayahs: 8 · Medinan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. لَمۡ يَكُنِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ مُنفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡبَيِّنَةُ

    Open ayah 98:1

    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەنگە قەدەر (كۇفرىدىن) ئايرىلمىدى.

  2. رَسُولٞ مِّنَ ٱللَّهِ يَتۡلُواْ صُحُفٗا مُّطَهَّرَةٗ

    Open ayah 98:2

    (ئۇ ئوپئوچۇق دەلىل بولسا) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر.

  3. فِيهَا كُتُبٞ قَيِّمَةٞ

    Open ayah 98:3

    ئۇ سەھىپىلەر ئەڭ توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  4. وَمَا تَفَرَّقَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَةُ

    Open ayah 98:4

    كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىختىلاپ قىلىشتى.

  5. وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ حُنَفَآءَ وَيُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُواْ ٱلزَّكَوٰةَۚ وَذَٰلِكَ دِينُ ٱلۡقَيِّمَةِ

    Open ayah 98:5

    ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا پۈتۈنلەي يۈزلەنگەن ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر.

  6. إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ شَرُّ ٱلۡبَرِيَّةِ

    Open ayah 98:6

    شەكىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار دوزاخ ئوتىدا بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.

  7. إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ خَيۡرُ ٱلۡبَرِيَّةِ

    Open ayah 98:7

    شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار — ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

  8. جَزَآؤُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ رَبَّهُۥ

    Open ayah 98:8

    ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتى دائىملىق تۇرالغۇ بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار بۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. مانا بۇ رەببىدىن قورققان كىشىلەرگە خاستۇر.