الكافرون
Al-Kaafiroon
Translation: Uyghur - Muhammad Saleh · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡكَٰفِرُونَ
Open ayah 109:1(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار![1]
لَآ أَعۡبُدُ مَا تَعۡبُدُونَ
Open ayah 109:2سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن[2].
وَلَآ أَنتُمۡ عَٰبِدُونَ مَآ أَعۡبُدُ
Open ayah 109:3سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر[3].
وَلَآ أَنَا۠ عَابِدٞ مَّا عَبَدتُّمۡ
Open ayah 109:4سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق[4].
وَلَآ أَنتُمۡ عَٰبِدُونَ مَآ أَعۡبُدُ
Open ayah 109:5سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق[5].
لَكُمۡ دِينُكُمۡ وَلِيَ دِينِ
Open ayah 109:6سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»[6].